• رونالدو: دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپىيون بولساممۇ كەسپىي ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرمايمەن

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-12 01:40
  • رونالدو: دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپىيون بولساممۇ كەسپىي ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرمايمەن

    پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ غوللۇق ھۇجۇمچىسى كىرىستيانو رونالدو يېقىندا ئەنگلىيە تاراتقۇسى «قۇياش گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، زىيارەت داۋامىدا رونالدو دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ئۈستىدە توختالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ، ھەرگىز كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. كىرىستيانو رونالدو بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى:

    «دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش سىزنىڭ كەسپىي ھاياتىڭىزدا ئېرىشىدىغان ئەڭ چوڭ شەرەپ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى سىز ئۆز ۋەتىنىڭىزگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىسىز، يەنە كېلىپ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇش ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئىش.»

    «شۇڭا بىز ناۋادا بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساق، بۇ مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەڭ ئالىي شان-شەرەپ ھېسابلىنىدۇ، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى پورتۇگالىيەگە ئېلىپ بېرىش مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم، بۇمۇ ھەم ماڭا نىسبەتەن بىر پۇتبولچى تەشنالىق بىلەن ئېرىشىشنى كۈتكەن بارلىق نەرسىلەرگە ئېرىشەلىگەنلىكىگە ئوخشاش ئىش ھېسابلىنىدۇ.»

    «بەزى كىشىلەر بەلكىم مېنى ئەگەر دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلىسە، كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن دېگەندەك قاراشلاردا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن مەن ئىزچىل ئىنتايىن يۈكسەك ئىرادە بىلەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى، مېنىڭچە مەن يەنە بۇ ھەرىكەت ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشالايمەن دەپ ئويلايمەن.»

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك