• دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك 10 قاپقىچى

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-14 01:36
  • دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك 10 قاپقىچى

    2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەرقانداق كوماندىنىڭ قاپقىچىسى بۇ كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئىپادىلەپ بېرەلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن كوماندىدىكى ئەڭ خاتالىق ئۆتكۈزسە بولمايدىغان توپچىلاردۇر، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق خاتالىقى كوماندىنىڭ زور بەدەل تۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، مەيلى گېرمانىيە بولسۇن ياكى ئىسپانىيە بولسۇن، باشقا توپچىلىرى قانچىلىك كۈچلۈك بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، قاپقىچىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى يېتىشمىسە بۇ كوماندىلارمۇ ھازىرقىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى.

    ئەگەر بىر كوماندا دۇنيا لوڭقىسىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىمەن دېسە، ئۇنداقتا ياخشى قاپقىچى بۇ جەرياندا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تۆت يىل بۇرۇنكى كوستارىكانى ئېسىڭىزگە ئېلىڭ، ناۋاسنىڭ قالتىس ئىپادىسى كوستارىكانى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا ئېلىپ كىرگەن، 2010-يىلىدىكى كاسىللاس روببېننىڭ ئىنتايىن چىرايلىق توپىنى توسۇۋېلىپ چېمپىيوننىڭ ئىگىسىنى ئۆزگەرتكەن، بۇنداق مىساللار ئىنتايىن كۆپ. «Squawka» بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى 10 كۈچلۈك قاپقىچىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولۇپ، دېھىيا، نويېر، لورىس قاتارلىق داڭدار قاپقىچىلار بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان.

    10. ھادارىي (مىسىر، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 157 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان)

    45 ياشلىق ھادارىي دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن بارلىق توپچىلار ئىچىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ توپچى ھېسابلىنىدۇ.

    9. پاترىسىئو (پورتۇگالىيە، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 68 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان)

    ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە پاترىسىئونىڭ پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسىدىكى ئىپادىسى قالتىس بولۇپ، 17 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ كەتكۈزمىگەن، توپ كەتكۈزمەسلىك نىسبىتى %50كە يەتكەن.

    8. لورىس (فرانسىيە، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 97 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان)

    لورىسنىڭ ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيداندا 14.8 قېتىم توغرا پاس بېرىشى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

    7. نويېر (گېرمانىيە، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 75 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان)

    نويېر ھازىرغىچە 14 مەيدان دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ باسقۇچى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، يەتتە مەيداندا توپ كەتكۈزمىگەن.

    6. ئېدېرسون (بىرازىلىيە، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن بىر مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان)

    ئېدېرسون ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە 648 قېتىم پاس بەرگەن بولۇپ، 645 قېتىملىقنى توغرا بەرگەن، بۇ سانلىق مەلۇمات ئۇنىڭ پۇت ئاساسىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ سان باشقا قاپقىچىلاردىن ئاز دېگەندە 113 قېتىم ئاز.

    5. ناۋاس (كوستارىكا، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 76 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان)

    ناۋاس ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى 510 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە پەقەت ئىككى توپ كەتكۈزگەن بولۇپ، گرېتسىيە بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدىكى نۇقتا توپ مۇسابىقىسىدىمۇ ئىپادىسى قالتىس بولغان.

    4. كۇرتۇۋا (بېلگىيە، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 56 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان)

    ئۇ مادرىد ئاتلېتكىدا توپ تېپىشكە باشلىغاندىن بۇيان، پەقەت بۇففونلا (117 قېتىم) ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمىدىكى توپ كەتكۈزمىگەن مەيدان سانى كۇرتۇۋا (103 قېتىم)دىن كۆپ قاپقىچى ھېسابلىنىدۇ.

    3. ئالىسسون (بىرازىلىيە، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 25 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان)

    ئالىسسون 2017/2018-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 47 قېتىم توپ توسۇپ بارلىق قاپقىچىلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

    2. تېرستېگېن (گېرمانىيە، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 19 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان)

    تېرستېگېننىڭ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا توپ توسۇش نىسبىتى %80.3كە يەتكەن بولۇپ، ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

    1. دېھىيا (ئىسپانىيە، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 28 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان)

    ئۇ ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن چۈشكەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئالتە قېتىم توپ كەتكۈزمىگەن.

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك