• دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك 10 ھۇجۇمچى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-14 01:02
  • دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك 10 ھۇجۇمچى

    2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، داڭلىق پۇتبول تور بېكىتى «Squawka»مۇ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى كۈچلۈك توپچىلار ئۈستىدە توختالغان بولۇپ، بۇ قېتىم بىز دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان توپچىلار ئىچىدىكى 10 نەپەر يۇقىرى سەۋىيەلىك ھۇجۇمچى ئۈستىدە توختىلىمىز. (ئەسكەرتىش: بۇ خىل خەۋەرلەردىكى رەت تەرتىپ توپچىلارنىڭ دۆلەت كوماندىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن تىزىلغان)

    بۇ ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەممىسى گىگانت چولپان، تۈرلۈك چوڭ شەرەپلەرگە ئېرىشكەن، شۇنداقلا يارقىن نۇقتىلار ئىچىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان. پۇتبول مەيدانىدا 22 توپچى تەڭ كۈرەش قىلىدۇ، لېكىن ھۇجۇمچىلارنىڭ تەسىرى ئەزەلدىنلا ھەممىدىن چوڭ، چۈنكى ئۇلار توپ كىرگۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى قارار قىلالايدۇ.

    10. لېۋاندوۋىسكى (پولشا، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 94 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، 53 توپ كىرگۈزگەن)

    ئۇ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ 195 مەيدان كۇلۇب مۇسابىقىسىدىكى كىرگۈزگەن توپى 151گە يەتكەن بولۇپ، ئوخشاشلا قالتىس ئىپادىسى ئارقىلىق پولشانى دۇنيا لوڭقىسىغا كىرگۈزگەن. ئۇ يەنە ئۆتكەن ئۈچ يىل مابەينىدە بايرېن مىيۇنخېنغا ۋاكالىتەن ھەر مۇسابىقە پەسلىدە 40+ توپ كىرگۈزۈپ كەلدى.

    9. مىباپپې (فرانسىيە، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 15 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، تۆت توپ كىرگۈزگەن)

    مىباپپې ھازىرقى پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ قالتىس ياش توپچى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇ يەنە بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىككىنچى ئەڭ ياش توپچى. ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن مىباپپېنىڭ تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە كىرگۈزگەن توپى 50دىن ئاشقان بولۇپ، موناكودا 27 توپ، پارىژ سانت گېرماندا 21 توپ، فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدا 4 توپ كىرگۈزگەن.

    8. خاررى كېن (ئېنگلاند، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 24 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، 13 توپ كىرگۈزگەن)

    ئۇ ھازىرقى ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسىدىكى ئەڭ قالتىس ھۇجۇمچى، ئۇنىڭ نومۇر ئېلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئوتتۇرا مەيدان بىلەن بولغان باغلىنىشىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى. ئۇ ئالدىنقى مۇسابىقە پەلسىدە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئىككى پۇتى بىلەن 10+ توپ كىرگۈزگەن ھەمدە بەش كاللا توپ كىرگۈزگەن توپچىغا ئايلاندى.

    7. سالاھ (مىسىر، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 57 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، 33 توپ كىرگۈزگەن)

    گەرچە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن سالاھ يەنىلا ئەڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن دۇنيا لوڭقىسىغا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. ئۇنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

    6. توماس مۇللېر (گېرمانىيە، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 91 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، 38 توپ كىرگۈزگەن)

    2010-يىلى 20 ياشلىق مۇللېر دۇنيا لوڭقىسىدا بەش توپ كىرگۈزگەن، 24 ياشقا كىرگەندىمۇ بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا يەنە بەش توپ كىرگۈزدى، بۇ 28 ياشلىق مۇللېرنىڭ ئۈچىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشى بولۇپ، قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى تېخى نامەلۇم.

    5. كىرىستىيانو رونالدو (پورتۇگالىيە، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 150 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، 81 توپ كىرگۈزگەن)

    كىرىستىيانو رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى بىرىنچى مەرگەنگە ئايلاندى، لېكىن ئۇ ئۈچ قېتىم دۇنيا لوڭقسىىغا قاتنىشىپ پەقەتلا ئۈچ توپ كىرگۈزگەن. تەكىتلەشكە تىگىشلىكى شۇكى، ئۇنىڭ 2006-يىلى، 2010-يىلى ۋە 2014-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدە قاپقىغا تەپكەن توپى 70 قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، لېكىن مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىش نىسبىتى %4 بولغان. بۇ قېتىم كىرىستىيانو رونالدو دۇنيا لوڭقىسىدا پورتۇگالىيە كوماندىسىنى باشلاپ ئۆزىنى ئىسپاتلاشنى نىشان قىلماقتا.

    4. سۇئارېز (ئۇرۇگۋاي، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 98 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، 51 توپ كىرگۈزگەن)

    سۇئارېز تۆت يىل بۇرۇنقى دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ قالتىس 9-نومۇرلۇق توپچى ھېسابلانغان، ئۇنىڭ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، ئۇنىڭ قاپقىغا تېپىشى، توپ تالىشىشى ۋە ماسلىشىشچانلىقى ئۇرۇگۋايغا نىسبەتەن زور بايلىق.

    3. گىرېزمان (فرانسىيە، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 54 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، 20 توپ كىرگۈزگەن)

    گىرېزمان ئەنئەنىۋى 9-نومۇرلۇق توپچى ئەمەس، ئۇنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى خىزمىتى ھۇجۇم تەشكىللەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنىڭ سۈرئىتى فرانسىيەنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالى بولۇپ، ئەگەر دېمبېلېمۇ كوماندىغا مۇكەممەل سىڭىپ كەتسە، ئۇنداقتا فرانسىيەنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈشكە لايىق.

    2. نېيمار (بىرازىلىيە، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 85 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، 55 توپ كىرگۈزگەن)

    ئۇنىڭ توپ ئېلىپ مېڭىشى، پاس بېرىشى ھەمدە ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى دۇنيادا ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرەلەيدۇ، ئۇنىڭ توپ ئېلىشى، رەقىبلىرىگە نىسبەتەن زور تەھدىت ھەمدە قاباھەتلىك چۈشكە ئايلانغان. ئۇ بىرازىلىيەنىڭ ئەڭ ھالقىلىق توپچىسى، بىرازىلىيە كوماندىسىنى تۆت يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ھەرقايسى نۇقتىلاردا زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، نېيمارمۇ 26 يېشىدا دۆلەت كوماندىسى توپ كىرگۈزۈش تىزىملىكىدە ئۈچىنچى ئورۇنغا چىقىپ بولدى.

    1. مېسسى (ئارگېنتىنا، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 124 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، 64 توپ كىرگۈزگەن)

    نۇرغۇن كىشىلەر مېسسىنىڭ «پۇتبول شاھى»غا يېتىشىدە پەقەت بىرلا دۇنيا لوڭقىسى كەمچىل دېيىشىدۇ، ئۇ تۆت يىل بۇرۇن دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىشكە ئازلا قالغان،. ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈش ھاجەتسىز، لېكىن ئۇنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپە ئىنتايىن قىيىن، ئۇ بىر قانچە قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك