• خانلىق مادرىد رونالدو بولمىغان كوماندا قۇرۇش پىلانىغا تەييارلىق قىلىشنى باشلىدى

  • يوللىغۇچى : aynur
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-14 01:33
  • خانلىق مادرىد رونالدو بولمىغان كوماندا قۇرۇش پىلانىغا تەييارلىق قىلىشنى باشلىدى

    ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خانلىق مادرىد توختام ئۇزارتىش مەسىلىسى ئۈستىدە كىرىستىيانو رونالدو بىلەن بىرلىككە كېلەلمىگەندىن كېيىن، فىلورىنتىنو كىرىستىيانو رونالدو بولمىغان كوماندا قۇرۇش پىلانىنى تەييارلاۋاتقان بولۇپ، ئۇ نېيمار، لېۋاندوۋىسكى ۋە بېلنى خانلىق مادرىدنىڭ يېڭى ئۈچ كىشىلىك ھۇجۇم سېپى قىلىپ «ياساپ» چىقماقچى بولغان.

    كىرىستىيانو رونالدونىڭ ھازىرقى مائاشى 21 مىليون ياۋرو بولۇپ، مېسسى ۋە نېيمارنىڭ مائاشىدىن كۆپ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇ ھازىر خانلىق مادرىدتىن 40 مىليون ياۋروپا ئەتراپىدا يىللىق مائاش تەلەپ قىلغان بولۇپ، لېكىن خانلىق مادرىد ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى قاندۇرۇشنى رەت قىلغان ھەمدە 25 مىليون ياۋرولۇق يىللىق مائاش ۋە يەتتە مىليون 500 مىڭ ياۋرولۇق قوشۇمچە ماددىلار ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن توختام ئۇزارتماقچى بولغان، كۇلۇبنىڭ بۇ قارارى كىرىستىيانو رونالدونى ئايرىلىش قارارىغا كەلتۈرگەن.

    خانلىق مادرىد رەئىسى فىلورىنتىنو خانلىق مادرىدنىڭ داۋاملىق ھالدا ياۋروپادىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، شۇڭا ئۇ كىرىستىيانو رونالدو بولمىغان يېڭى پىلان تۈزۈشكە باشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، فىلورىنتىنو ھۇجۇم سېپىنى يېڭىلىماقچى بولۇپ، ئۇ لېۋاندوۋىسكى بىلەن نېيماردىن ئىبارەت بۇ ئىككى گىگانت چولپاننى سېتىۋالماقچى بولغان، بۇلارغا كوماندىدا قالىدىغان بېل قوشۇلغاندا خانلىق مادرىدنىڭ ھۇجۇم سېپى يەنىلا زور رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قالىدىغان بولۇپ، لېكىن بۇ بېنزېمانىڭمۇ كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

    گەرچە نېيمار بىلەن لېۋاندوۋىسكىنىڭ يۆتكىلىش سوممىسى 400 مىليون ياۋروغا يەتسىمۇ، لېكىن كىرىستىيانو رونالدو ۋە بېنزېمانى سېتىش ئارقىلىق فىلورىنتىنو يەنىلا زور مەبلەغكە ئېرىشەلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كىرىستىيانو رونالدو ئاز دېگەندە 150 مىليون ياۋروغا يارايدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر بېلمۇ خانلىق مادرىدتىن ئايرىلسا، ئۇنداقتا فىلورىنتىنونىڭ C پىلانىمۇ بار بولۇپ، ئۇ سالاھ ياكى مىباپپېنى بېلنىڭ ئورنىغا كىرگۈزۈشنى پىلانلىغان، بۇنداق بولغاندا خانلىق مادرىدنىڭ ھۇجۇم سېپىنىڭ كۈچى يەنىلا ئىنتايىن زور بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرلاردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، فىلورىنتىنو كىرىستىيانو رونالدو خانلىق مادرىدتىن ئايرىلغان تەقدىردىمۇ كوماندىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغان بولۇپ، شۇڭا بۇ يىل يازلىق يۆتكىلىش كۆزنىكى بىر مەھەل «غالجىرلىق»قا چۆمۈلۈشى مۇمكىن.

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك