• 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىدىكى 10 چوڭ ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان

  • يوللىغۇچى : dil
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-14 01:13
  • 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىدىكى 10 چوڭ ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان

    تۈمەنلىگەن مەستانىلەر تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئەتە رەسمىي باشلىنىدۇ، نوپۇزلۇق پۇتبول سانلىق مەلۇمات تورى «Squawka» دۇنيا لوڭقىسى ھەققىدە بىر قاتار باھالاشلارنى قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپچىلىككە 10 چوڭ قاپقىچى، 10 چوڭ ئارقا بەل ماھىرلىرىنى ئېلان قىلغان، بۈگۈن بولسا كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا 10 چوڭ ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان ماھىرىنى سۇنىمىز، تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلىدىغان ماھىرلارنىڭ مەيداندىكى ئورنى ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىدا ئوينايدىغان ئورنى بولۇپ، كۇلۇبتا ئوينايدىغان ئورنى بىلەن بەلكىم ئوخشاشماسلىقى مۇمكىن، بۇ ماھىرلار كۆپىنچە ئەھۋالدا مۇسابىقىدە ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار مەيداندا پاسلىشىش، پاس بېرىش ۋە ياكى قاپقىغا توپ تېپىشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق توپ كىرگۈزىدۇ، بەزىدە ئۇلار ھۇجۇمچىنىڭ رولىنى ئويناپ، كوماندىنىڭ ھۇجۇم سېپىگە جان كىرگۈزىدۇ. مەيلى قانداق بولمىسۇن ئۇلار كوماندا ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئەزا ھېسابلىنىدۇ، ئادەتتە ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى كوماندىنىڭ «ئەڭگۈشتىرى» ھېساپلىنىدۇ، ئۇلار كۆپىنچە ھالدا مۇسابىقىدە ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ.

    ئەگەر ئەڭ ياخشى ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيداننى باھالاشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مۇسابىقىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا قاراش كېرەك، ئۆتكەننى ئەسلەپ باقىدىغان بولساق، 2010-يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەينى چاغدا ئىنېستا ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت ئىچىدىكى مۇسابىقىسىدە بۇ «ئاق پىشماق يىگىت» بىر توپ كىرگۈزۈپ، «تورېئاتورلار قوشۇنى»نىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئىسپانىيەگە ئېلىپ كېتىشىگە تۆھپە قوشتى، 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى گوتزې ئوخشاشلا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت ئىچىدىكى مۇسابىقىسىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ، گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولۇشىغا تۆھپە قوشقان، ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنىمۇ دەل ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى بولۇپ، كولۇمبىيەلىك ماھىر خامىس رودېرىگۇز ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى بولۇپ باھالانغان، قېنى ئۇنداقتا بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا زادى قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ، بۇنىسى ھەممىگە نامەلۇم.

    10.ئاللى (ئېنگلاند) دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 24 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئىككى توپ كىرگۈزگەن.

    بىر يىل ئىلگىرى كىشىلەر ئاللىنى توماس مۇللېرغا ئوخشايدۇ دېيىشكەن ئىدى، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى توتتېنھامدىكى ئورنى كەينىگە چېكىندۈرۈلۈپ، بىر ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسىغا ئايلاندى، ئۇنىڭ شەخسىي تېخنىكىسى، بەدەن ئېلىشىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى ۋە يۇقىرى توپ كىرگۈزۈش ماھارىتى بىلەن ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپىدا خاررى كېنغا ئەڭ ياخشى شېرىكى بولالايدىغان ماھىرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرىشى مۇمكىن.

    9.مانې (سېنېگال) دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 49 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 13 توپ كىرگۈزگەن.

    لىۋېرپول كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپىدىكى ئۈچ بومباردىمانچىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مانېنىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن گۇمانلىنىش ھاجەتسىز، ئۇنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە سالاھ يارىلانغان ئەھۋال ئاستىدا كوماندىغا ۋاكالىتەن بىر توپ كىرگۈزۈشىمۇ ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى يەنە بىر قېتىم كۆپچىلىككە ئىسپاتلاپ بەردى، دۆلەت كوماندىسى تەرەپتە بولسا ئۇ كوماندىنىڭ ئورنىنى ھېچكىم باسالمايدىغان يادروسى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەيداندىكى ئورنىدا ئۆزگۈرۈش بولغان بولۇپ، مانې ئوتتۇرا مەيداندىن توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايون ئەتراپىغا ئېلىپ كىرىپ، كوماندا ھۇجۇم سېپىگە ياردەم قىلىدىكەن، مانېنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، پۇت تېخنىكىسىمۇ ناھايىتى قالتىس بولۇپ، دۆلەت كوماندىسىدىكى ئەڭ چوڭ يۆلەنچۈك ھېسابلىنىدۇ.

    8.ئېرېكسون (دانىيە) دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 77 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 13 توپ كىرگۈزگەن.

    يېقىنقى بىر قانچە مۇسابىقە پەسلىدە، ئېرېكسوننىڭ توتتېنھامدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولدى، بۇمۇ ئېرېكسوننى دانىيە دۆلەت كوماندىسىدا ترېنېرنىڭ تايانىچ كۈچىگە ئايلاندۇردى، ئۇ مۇداپىئە بىلەن ھۇجۇم گىرەلەشكەن ئورۇندا ئويناشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، مەيلى مۇداپىئەگە قانچىلىك كىرىشسۇن يەنىلا ھۇجۇم قىلىشتا بوشلۇقنى تاپالايدۇ، مەيلى قىسقا پاس بولسۇن ياكى ئۇزۇن پاس بولسۇن، ئېرېكسون ھەممىسىگە پىششىق، ئۇنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقى ئۇنى دانىيە كوماندىسىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئەزاغا ئايلاندۇرىشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ ئېرېكسون بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى تاللاش باسقۇچىدىكى مۇسابىقىلەردە 11 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، كوماندا ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ.

    7.خامىس رودېرىگۇز (كولۇمبىيە) دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 62 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 21 توپ كىرگۈزگەن.

    توپنى پاس بېرىش، قاپقىغا تېپىش ھەم ھەيدەش جەھەتلەردە يېتىلگەن بۇ ماھىر مۇكەممەل ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ھەممىگە تونۇلغان بۇ ماھىر ھەققىدە ئارتۇقچە توختىلىش بىھاجەت، ئېنىقكى خامىسمۇ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى رىقابەتچىلىرىنىڭ ئاساسلىق مۇداپىئە قىلىش نىشانىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

    6.ئوسمان دېمبېلې (فرانسىيە) دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 11 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئىككى توپ كىرگۈزگەن.

    سۈرئەتنى ئاساس قىلىدىغان توپچىلار تىپىدىكى بۇ ياش ماھىر ئاران 21 ياش تۇرۇپ، داڭلىق كۇلۇبلار تالىشىدىغان توپچىغا ئايلاندى، ئاخىرىدا 105 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش ھەققى بىلەن بارسېلوناغا قوشۇلدى، گەرچە يارىلىنىش سەۋەبلىك ئۇنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسىگە تەسىر يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ساغلام ھالەتتىلا بولسا مەيداندا ئۆزىنى كۆرسىتەلىگۈدەك ئىقتىدارغا ئىگە بۇ ماھىر ترېنېر دېسچامپسنىڭ قول ئاستىدىكى ئاساسلىق ئەزاغا ئايلىنىشى مۇمكىن، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئىچىدە ئۇمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ماھىرلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

    5-داۋىد سىلۋا (ئىسپانىيە) دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 135 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 35 توپ كىرگۈزگەن.

    ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى ئىچىدىكى 2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتناشقان ئۈچ ماھىرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋىد سىلۋا كوماندا ئىچىدىكى يېشى چوڭ بولۇش بىلەن بىرگە تەجرىبىسى مول بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن يەنىلا كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولالايدۇ، ئۇنىڭ پاس بېرىش ھەم توپ ھەيدەشلىرى كوماندىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان تايانىچ كۈچ ھېسابلىنىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ھۇجۇم ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىمۇ كۆپچىلىككە سىر ئەمەس.

    4.مەسئۇت ئۆزىل (گېرمانىيە) دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 90 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 23 توپ كىرگۈزگەن.

    ياردەم پاس، ھالقىلىق توپ، پۇرسەت يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ تالانتى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلغان ئۆزىل ھەققىدىمۇ ئارتۇق توختىلىش بىھاجەت، ئۇنىڭ توپ ئوينىشىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزى بىر خىل ھوزۇر، ئەلۋەتتە بىر قىسىم مەستانىلەر ئۇنىڭ مەيداندا جېنىنى تىكىپ مۇسابىقە ئوينىمايدۇ دەپ تەنقىتلەيدۇ، ئەمما توپنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغانلار ئۇنى كۈچلۈك بىر كوماندىغا قويغاندا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.

    3.كوتىنھو (بىرازىلىيە) دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 36 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، توققۇز توپ كىرگۈزگەن.

    بەلكىم ھېچقانداق بىر توپچى دۇنيا لوڭقىسى يىلىدىكى قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا كۇلۇب ئالماشتۇرۇش ئىشىدا قاپيۈرەكلىك قىلماسلىقى مۇمكىن، لېكىن كوتىنھو بۇلار ئىچىدىكى ئەڭ ئالاھىدە توپچىنىڭ بىرى، لىۋېرپول كوماندىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى، بارسېلوناغا يۆتكەلگەندىن كېيىنمۇ كوماندىدىكى مۇھىم توپچىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، دۆلەت كوماندىسىنىڭ ترېنېرى تىتېمۇ ئۇنى ئىنتايىن ياقتۇرىدىغان بولۇپ، كوتىنھونىڭ ئىككى يان يول ھەم ئوتتۇرا يولدىكى قالتىس ئىپادىسى، «سامبا قوشۇنى»نىڭ ئالتىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى بولۇشىدىكى چوڭ تۆھپىلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.

    2-خازارد (بېلگىيە) دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 83 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 21 توپ كىرگۈزگەن.

    بېلگىيە كوماندىسىنىڭ بۇ يادروسى ھەققىدە ئارتۇق توختىلىش بىھاجەت، توپ ھەيدەش ئىقتىدارى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا سانىلىدىغان بۇ ماھىر مەيلى كۇلۇپ ياكى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن كوماندىنىڭ يادرولۇق توپچىسى ھېسابلىنىدۇ، پەقەت ئۇ ئۆزىنىڭ %100لىك ئىپادىسىنى ساقلىيالىسىلا دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر بەش توپچى ئىچىگە كىرىشى ھېچقانچە گەپ ئەمەس.

    1.ئىسكو (ئىسپانىيە) دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 26 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 10 توپ كىرگۈزگەن.

    توپ ئېلىپ مېڭىش، ئوپېراتسىيە پىچىقىغا ئوخشاش ئۆتكۈر پاس بېرىش، ھەرقانداق ئورۇندىن قاپقىغا توپ تېپىشتەك ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان ئىسكو، مەيلى خانلىق مادرىد كوماندىسىدا بولسۇن ياكى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن، ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن كوماندىدىكى مۇھىم ئەزالار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدىغان ئىسكو ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تالانتى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە «تورېئادورلار قوشۇنى»نىڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىدىكى تۆھپىكارلارنىڭ بىرىگە ئايلىنالىشى مۇمكىن، زىدانى خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بەلكىم ئىسكو خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ كېلەر مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزاسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

    مەنبەسى :sina.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك