• دۇنيا لوڭقىسى: رۇسىيە VS سەئۇدى مۇسابىقىسىگە نەزەر

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-14 08:11
  • دۇنيا لوڭقىسى: رۇسىيە VS سەئۇدى مۇسابىقىسىگە نەزەر

    بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ سائەت 23:00دە، (رۇسىيە شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ سائەت 18:00) موسكۋادىكى لۇجنىك تەنتەربىيە مەيدانىدا 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ، ساھىبخان رۇسىيە كوماندىسى بىلەن سەئۇدى كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ.

    مۇسابىقە خاراكتېرى: دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى

    مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ سائەت 23:00

    مۇسابىقە ئورنى: موسكۋا لۇجنىك تەنتەربىيە مەيدانى

    مۇسابىقە كۆرۈش نۇقتىلىرى: ساھىبخاننىڭ ئىپادىسى

    ساھىبخان ئەلۋەتتە باشلىنىش مۇراسىمىدا مەستانىلىرىگە ياخشى سوۋغا بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ساھىبخانى بولۇش سۈپىتى بىلەن رۇسىيە كوماندىسىمۇ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ ئۈمىدىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن، ئەمما بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىلىرىدىكى ئىپادىسىدىن مەستانىلەر تازا دېگەندەك رازى ئەمەس، رۇسىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىشنى ئويلىسا تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە چوقۇم غەلبە قىلىشى كېرەك، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى ئويناش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، كۆپلىگەن كۈچلۈك كوماندىلارمۇ نەق تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، رۇسىيە كوماندىسى غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەمدۇ يوق بۇمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە.

    ئاسىيا ۋەكىلىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە غەلبىگە ئىنتىلىشى

    ئاسىيا قىتئەسىگە ۋەكىل دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن سەئۇدى كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئانچە قوللاشقا ئېرىشەلمەيدۇ، غەلبە قىلىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن غەربىي ئاسىيا كوماندىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سەئۇدى كوماندىسى بەلكىم بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ساياھەتچى رولىنى ئوينىشى مۇمكىن، دوستلۇق مۇسابىقىلىرىدىكى نەتىجىسىمۇ ياخشى بولمىغان بۇ كوماندا تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلالامدۇ يوق، بۇمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنىڭ بىرى.

    تارىختىن بۇيانقى ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ئەڭ مەنىسىز مۇسابىقە:

    خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى قارارلىق دۆلەت كوماندىلىرى رەت تەرتىپىدە سەئۇدى كوماندىسى 67-ئورۇنغا تىزىلغان، رۇسىيە كوماندىسى بولسا، 70-ئورۇنغا تىزىلغان، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان 32 كوماندا ئىچىدە رەت تەرتىپى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا تىزىلغان ئىككى كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىغا يېڭى مەزمۇن قوشتى، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئوينالغان ئەڭ مەنىسىز مۇسابىقىدە ئىككى كوماندىنىڭ ياخشى ئىپادىسىنى كۆرسىتىشى ھەممەيلەن دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نۇقتا.

    بۇ ئىككى كوماندا تارىختىن بۇيان بىر قېتىممۇ مۇسابىقىلىشىپ باقمىغان بولۇپ، بۇمۇ ئىككى كوماندىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقىگە ئارگېنتىنالىق مول تەجرىبىگە ئىگە رېپىر پىتانا رېپىرلىق قىلىدۇ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى تۈمەنلىگەن مەستانىلەر تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى يەنە نەچچە سائەتتىن كېيىن باشلىنىدۇ، تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنىڭ مەستانىلەرگە ھەقىقى ھوزۇر ئاتا قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    مەنبەسى :تېڭشۈن تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك