• نېيمار: ئۆزۈمنى 222 مىليونغا سېتىۋالمايمەن بۇ قېتىم گېرمانىيەدىن ئۆچ ئالىمىز

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-14 08:15
  • نېيمار: ئۆزۈمنى 222 مىليونغا سېتىۋالمايمەن بۇ قېتىم گېرمانىيەدىن ئۆچ ئالىمىز

    يېقىندا، بىرازىلىيەلىك ھۇجۇمچى نېيمار تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسى ۋە ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا 7:1 نەتىجە بىلەن گېرمانىيەگە ئۇتتۇرغان مۇسابىقە ئۈستىدە توختالغان.

    بۇلتۇر پارىژ سانت گېرمان 222 مىليون ياۋرو سەرپ قىلىپ نېيمارنى قوشۇۋالغان بولۇپ، نېيمار بۇنچە يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسى ئۈستىدە مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يۆتكىلىش سوممىسىدىن مەغرۇرلىنىپ كەتمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۆزۈمنى تارىختىكى ئەڭ قىممەت توپچى دەپ قارىمايمەن. ئۇ پەقەت پۇل خالاس. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەن ئۆزۈمنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇنچە كۆپ پۇل سەرپ قىلمايمەن.»

    «مەن ئىزچىل باشقىلارغا ئوخشىماسلىقنى ئويلاپ كەلدىم، مەن كۇلۇبتا توپ تېپىشكە باشلىغاندىن بۇيان بۇ مېنىڭ نىشانىمغا ئايلاندى، مەن بالىلىقىمدىكى نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. بىر توپچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم ئۆزىمىزگە سادىق بولۇشىمىز كېرەك، يۆتكىلىش سوممىسى سىزگە ياردەم قىلالمايدۇ، شۇنداقلا سىزنىڭ قانچىلىك مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ.»

    ئۇ يەنە 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا 7:1 نەتىجە بىلەن گېرمانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرغان مۇسابىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن باشقىلار بىلەن ئوخشاش زور مەغلۇبىيەت ھېس قىلدىم (ئەينى ۋاقىتتا نېيمار يارىلىنىش سەۋەبلىك مەيدانغا چۈشەلمىگەن)، شۇنداقلا زور تەسىرگە ئۇچرىدىم. ئۆزىمىزنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، كىشىلەرنىڭ زور ئۈمىدىنى زىممىمىزگە ئارتقان ئىدۇق، لېكىن گېرمانىيە كوماندىسى ئىنتايىن قالتىس رەقىب.»

    «بىز ھازىر شۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق، بەلكىم بىز يەنە بىر قېتىم گېرمانىيە بىلەن ئۇچرىشىشىمىز مۇمكىن، مەن ئاشۇ ۋاقىتقا بارغاندا ئۆچ ئالالىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.»

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك