• دۇنيا لوڭقىسىدىكى يەتتە كۈچلۈك كوماندىنىڭ ھۇجۇم سېپى سېلىشتۇرمىسى

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-14 09:03
  • دۇنيا لوڭقىسىدىكى يەتتە كۈچلۈك كوماندىنىڭ ھۇجۇم سېپى سېلىشتۇرمىسى

    دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، دۇنيادىكى بارلىق پۇتبول مەستانىلىرى يەنە بىر قېتىم بىرلىكتە بۇ مۇسابىقە تۈرىنى كۈتۈشمەكتە. نادىر توپلار كىرگەن ۋاقىت مەستانىلەرنىڭ ئەڭ ھوزۇرلىنىدىغان پەيتى بولۇپ، ھەشەمەتلىك ھۇجۇم سېپى مەيداندىكى ئەڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىدۇ، ھەمىشە مەستانىلەر ھوزۇرلىنىدىغان پەيتلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ.

    بېلگىيە: لۇكاكۇ ۋە مېرتېنس

    لۇكاكۇ ھازىر ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى، ئۇ 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە 34 مەيدان مۇسابىقىدە 16 توپ كىرگۈزۈپ، يەتتە ياردەمچى پاس چىقارغان، ئۇنىڭ ھەمراھى مېرتېنس ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە 38 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 18 توپ كىرگۈزگەن ھەمدە ئالتە ياردەمچى پاس چىقارغان بولۇپ، ناپولىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھۇجۇم كۈچى ھېسابلىنىدۇ.

    ئىسپانىيە: دىگو كوستا ۋە ئاسپاس

    دىگو كوستا چېلسىدىن مادرىد ئاتلېتكىغا قايتقاندىن كېيىن قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى ھەمدە دۇنيا لوڭقىسىدا پۈتۈن دۇنيادىكى مەستانىلەرگە ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى كۈتمەكتە. ئاسپاسمۇ بەش چوڭ بىرلەشمىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ئىسپانىيەلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 34 مەيدان مۇسابىقىدە 22 توپ كىرگۈزۈپ، بەش ياردەمچى پاس چىقارغان بولۇپ، ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن چۈشكەن توققۇز مەيدان مۇسابىقىسىدە تۆت توپ كىرگۈزگەن.

    ئېنگلاند: خاررى كېن ۋە ۋاردىي

    ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپىدە ئەزەلدىن داڭدار توپچىلار كەم بولۇپ باققان ئەمەس، ئۇلار بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا خاررى كېن بىلەن ۋاردىيدەك ئۆتكۈر ھۇجۇم سېپىگە ئىگە، ئىككەيلەن 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە 50 توپ كىرگۈزگەن ھەمدە ئۈچ ياردەمچى پاس بەرگەن.

    پورتۇگالىيە: كىرىستىيانو رونالدو ۋە ئاندرې سىلۋا

    ئاندرې سىلۋا پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن چۈشكەن 22 مەيدان مۇسابىقىدە 12 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۈنۈم جەھەتتە پەقەت كىرىستىيانو رونالدودىنلا تۆۋەن تۇرىدۇ. دۇنيا لوڭقىسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىرىستىيانو رونالدونى ئارتۇقچە تونۇشتۇرۇشنى ھاجىتى يوق، ئۇ 27 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 26 توپ كىرگۈزگەن ھەمدە بەش ياردەمچى پاس چىقارغان، ئۇنىڭ يېقىنقى ئىپادىسىمۇ ھەممىگە ئايان.

    فرانسىيە: گىرېزمان ۋە گىرود

    گىرېزماننىڭ ئەمەلىي كۈچى ھەممىگە ئايان، ئۇ 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىن كېيىن فرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ يادرولۇق توپچىسىغا ئايلاندى. گىرود گەرچە دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ھالقىلىق پەيتلەردە يەنىلا فرانسىيە كوماندىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ.

    ئارگېنتىنا: مېسسى ۋە ئاگۈيرو

    گەرچە ئارگېنتىنانىڭ يەنە بىر ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى ھىگۇايىن بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ئاگۈيرونىڭ 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلىرى ھىگۇايىندىن يۇقىرى. مېسسىغا كەلسەك، ئۇنىڭ 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسى ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان ماھىيىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن، ئۇ 36 مەيدان مۇسابىقىدە 34 توپ كىرگۈزۈش ھەمدە 12 ياردەمچى پاس چىقىرىشتەك ئىپادىسى بىلەن ئارگېنتىنانىڭ ئەڭ چوڭ يادروسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

    بىرازىلىيە: نېيمار ۋە خېسۇس

    خېسۇسنىڭ بىرلەشمىدىكى ئىپادىسىمۇ ئىزچىل قالتىس بولۇپ كەلدى، نېيمارمۇ ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنلا بىر توپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا تارتقۇزۇپ قويغان نەرسىسىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئىشەنچىسى بارلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئىككەيلەن رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك