• فىنبوگاسون ئىسلاندىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-17 12:41
  • فىنبوگاسون ئىسلاندىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى

    6-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ 21:00دە، 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى D گۇروپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى باشچىلىدىقىدىكى ئارگېنتىنا كوماندىسى ئىسلاندىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن ئاگۈيرو بىر توپ كىرگۈزدى، كېيىن ئىسلاندىيە كوماندىسىدىن فىنبوگاسون بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، شۇنداقلا يېڭى بىر تۈرلۈك رېكورت ياراتتى، يەنى ئۇ كىرگۈزگەن توپ ئىسلاندىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن تۇنجى توپى ھېسابلىنىدۇ.


    29 ياشلىق بۇ ھۇجۇمچى گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئاۋگىسبۇرگ كوماندىسىدا توپ تېپىدۇ، ئالدىنقى پەسىل ئاۋگىسبۇرگقا ۋاكالىتەن قاتناشقان مۇسابىقىلەردە 12 توپ كىرگۈزگەن. بۇ توپ ئىسلاندىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن تۇنجى توپى بولغاچقا، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن ئاگۈيرو بىر توپ كىرگۈزۈپ 4 مىنۇت 15 سېكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن، فىنبوگاسون بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك