• ئايال مۇخبىر نەق مەيداندا خەۋەر بېرىۋاتقاندا ناتونۇش ئەرنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىدى

  • يوللىغۇچى : ئالىيە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-22 02:42
  • ئايال مۇخبىر نەق مەيداندا خەۋەر بېرىۋاتقاندا ناتونۇش ئەرنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىدى

    يېقىندا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىنى بىۋاستە تارقىتىش جەريانىدا مۇنداق بىر غەلىتە ئەھۋال يۈز بەردى، مەلۇم بىر ئايال مۇخبىر بىۋاستە تارقىتىش جەريانىدا ناتونۇش ئەرنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىدى، بۇ ئەر ئۇنى سۆيۈپ قۇچاقلاپ كۆكسىنى تۇتۇۋالدى، لېكىن ئايال مۇخبىر كەسپىي روھىنى جارى قىلدۇرۇپ بىۋاستە تارقىتىشنى تولۇق تاماملاشتۇردى.
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كولومبىيەلىك ئايال مۇخبىر گونزالېز سېران (Gonzalez Theran) رۇسىيەنىڭ سارانسك شەھىرىدىكى گېرمانىيە تاراتقۇسىدا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ مەلۇم بىر چوڭ مەيداندا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىۋاستە تارقىتىش كۆرۈنۈشى ئېلىۋاتقاندا بىر ناتونۇش ئەرنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان.
    لېكىن ئۇ يەنىلا خىزمەت ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلدى، كېيىن ئۇ بۇ ۋىدىيونى تورغا چىقىرىپ مۇنداق دېدى: «مەن نەق مەيداندا ئىككى سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ خەۋەر مەزمۇنىنى يادلىدىم، ئىلگىرى ئەزەلدىن بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغان. لېكىن سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىغان ۋاقتىمىزدا بۇ ئەر تۇيۇقسىز يېنىمدا پەيدا بولۇپ مەڭزىمگە سۆيدى، يەنە تېخى كۆكسىمنى تۇتتى.»
    «لېكىن مەن يەنىلا سۈرەتكە ئېلىشنى داۋاملاشتۇردۇم، چۈنكى بۇ مېنىڭ خىزمىتىم، يەنە كېلىپ بىۋاستە تارقىتىش بولغاچقا ئۆزۈمنىڭ سەۋەبىدىن كۆرۈرمەنلەرگە پاراكەندىچىلىك ئېلىپ كېلىشنى خالىمىدىم. سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ ئەرنىڭ مەيداندا بار-يوقلىقىغا قارىدىم، لېكىن ئۇنىڭ قارىسىنىمۇ تاپالمىدىم.»
    «بىز بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقىمىز كېرەك، بىزنىڭ كەسىپىمىز تېخىمۇ كۆپ ھۆرمەتكە ئېرىشىشى كېرەك. مەنمۇ پۇتبول ئېلىپ كەلگەن خوشاللىقتىن ھوزۇرلىنىمەن، لېكىن ياخشى كۆڭۈل بىلەن پاراكەندىچىلىكنى ئايرىۋېلىشىمىز كېرەك، بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتسە مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.»
    تورداشلارمۇ بۇ كەسىپچان مۇخبىرنى ماختىدى: «بۇنداق ئىش يۈز بەرمەسلىكى كېرەك، سىز ھەقىقەتەن ئەقىللىق، چىرايلىق ھەم قالتىس ئايالكەنسىز»، «سىزنىڭ تاللىشىڭىز توغرا بوپتۇ، بۇ ئەر باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىكەن، ئۇنى ئەخلەت دېيىشكە بولىدۇ.»
    ھازىرچە بۇ ئايال مۇخبىرغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلغان بۇ ئەرنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق بېكىتىلمىدى.ھ

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك