• ئابلىكىم ئابدىغىنى ئىجراسىدا ئەڭ يېڭى ناخشا پارتىيىمىز بەك ياخشى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-25 09:27
  • ئابلىكىم ئابدىغىنى ئىجراسىدا ئەڭ يېڭى ناخشا پارتىيىمىز بەك ياخشى

    ئەلكۈيى تورى سەنئەت قانىلى مەخسۇس خەۋىرى: ئابلىكىم ئابدىغىنى ،ئەر ، ئۇيغۇر ، جوڭگو كومىنسىتىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى،   1983-يىلى شىنجاڭ خوتەن كىرىيە ناھىيە شەمبازار چوقلا كەنتىدە تۇغۇلغان . كىچىكىدىن پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە  بولغان   ئابلىكىم  ئابدىغىنى  قەلبىدىكى   پارتىيەگە   بولغان تەلپۈنۈشنىڭ تۈرتكىسىدە باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپلا  پىئونىرلار ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولغان .

    1998-يىلى پارتىيەنىڭ  ئسلاھات ئىشكنى  ئىچىۋىتىش  ئەزەل  سىياسىتىنىڭ  تەسېرى  بىلەن ئۈرۈمچىگە كىلىپ تىجارەت بىلەن  شۇغۇللانغان  ،   ئابلىكىم    ئابدىغىنى  تىجارەت  بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا  ئىزچىل  ئەتراپىدىكى تىجارەت  قىلغۇچىلارغا  پارتىيەنىڭ  ھەر  تۈرلۈك ياخشى – سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزلىكىدىن مۇناسىۋەتلىك قانۇن – تۈزۈملەرنى ئۈگىنىشنى داۋاملاشتۇرغان .


    كىچكىدىن ‹نۇرلۇق قىزىل يۇلتۇز›،‹قىزىل ئاياللار قوشۇنى ›،‹كىچىك جەڭچى جاڭگا›......قاتارلىق ئىنقىلابىي كىنولارنى كۆرۈپ ،  ئىنقىلابىي  ناخشىلارغا  ئىشتىياق  باغلىغان ئابلىكىم ئابدىغىنىنىڭ قەلبىدە ناخشا – مۇزىكىغا بولغان ھېرىسمەنلىك توختاپ  قالمىغان  ،  ھەمدە تىجارەت ۋە  ئۈگىنىشتىن   بوشىغان  ۋاقىتلىرىدا  ناخشا  ئېيتىشنى  مەشىق  قىلىشنى  داۋاملاشتۇرغان .

    پارتىيەنىڭ قولايلىق سىياسەتلىرى ۋە ياردىمىنىڭ تۈرتكىسىدە ،  شۇنداقلا  ئۆزىنىڭ  توختاۋسىز تېرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىىسدە  ئابلىكىم ئابدىغىنى 2013-يىلى ‹تىلسىم ئالتۇن زىبۇ –زىننەت شېركىتى ›نىڭ باش دېرىكتورلۇق ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئېلىپ ،نۇرغۇنلىغان ئىش كۈتۈپ تۇرغان  ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ،جەمئىيەتنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە بىر كىشىلىك كۈچ قوشقان .


    ئابلىكىم ئابدىغىنى شېركەتنىڭ تىجارىتىنى كۈنسايىن يۈكسەلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شىمالى  كەڭ  كوچا  ئاھالىلەر   كومتىتىنىڭ   مىللەتلەر  ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات گورۇپپىسغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ، مەزكۇر ئاھالىلەر كومتىتىنىڭ  تەشۋىقات  خىزمىتىدە ئاز بولمىغان ئەمەلىي بولغان ئىشلارنى قىلغان .


    2017-يىلى 10-ئايدا پايتەختىمىز بېيجىڭدا ئېچىلغان 19-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىڭى دەۋر تەرەققىيات سىتراتىگىيسى  ، خەلق  تۇرمۇشى   قاتارلىق  كىشىنى  خۇشال  قىلىدىغان  مەزمۇنلاردىن   ھاياجانلانغان  ئابلىكىم  ئابدىغىنى  شۇ يىلى    19- قۇرۇلتاينىڭ    روھىنى  ئىزچىللاشتۇرۇش ، پارتىيەگە مەدھىيە ئوقۇش باش تېما قىلىنغان ‹قۇرۇلتاي مەشرىپى ›ناملىق ناخشىنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسسىنىڭ ‹تەلەي يۇلتۇزى › پروگراممىسىدا ئورۇنداپ ، كەڭ كۆرۈرمەنلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرساھە ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن .


    يۇقارقى نەتىجىلەر تىلغا ئېلىنغاندا ئابلىكىم ئابدىغىنى تەمكىنلىك بىلەن مۇنداق دەيدۇ :

    ‹ مىنىڭ بۇ  نەتىجىلىرىمنى پارتىيىمىزنىڭ  توغرا  بولغان  يىتەكلىشى ، پايدىلىق سىياسەتلىرى شۇنداقلا سودا – تىجارەت ساھەسدىكى  خەنزۇ ئۇستازلىرىمنىڭ ئەجرى ، ھەرقايسى  مىللەت  كەسپداشلىرىمنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ،گەرچە  مىنىڭ  ئېرىشكەنلرىم   كۆپ بولسىمۇ ئەمما بىغىشلىغانلىرىم قەلبىمدىكى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشكە نىسبەتەن تېخى ھىچقانچە ئەمەس ، مەن بۇندىن كىيىن داۋاملىق  پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ  شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشۇپ ، بۇ ئارقىلىق قەلبىمدىكى مىننەتدارلىقنى ئىپادىلەيمەن ›


    بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ  ئۈلگىسى بولغان بۇ ۋەتەنپەرۋەر ياش دېرىكتورنىڭ بۇندىن كىينكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز!

    مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك