• ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ قولغا ئېلىنغان چولپانلار

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-06-26 02:58
  • ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ قولغا ئېلىنغان چولپانلار

    بىزدە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىمە، ماشىنا ھەيدىگەندە ھاراق ئىچمە دەيدىغان گەپ بار. بىراق يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر تەلەي سىناپ بېقىش ئىستىكىدە بولۇپ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ باقىدۇ. لېكىن ئۇلار يەنىلا قانۇننىڭ تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. تۆۋەندە، بىز كۆپچىلىككە تاماشا ساھەسىدىكى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ قولغا ئېلىنغان ئالتە چولپان ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمىز.

    1. چېن چياۋئېن. چېن چياۋئېننىڭ ھاراق ئىچىپ قولغا ئېلىنغاندىكى ئىشى يەنە تېخى قىزىق نۇقتىلىق ئىزدەش سۇپىسىغا چىقىپ، بۇ ئىشلار خېلى بىر ۋاقىتقىچە غۇلغۇلا قوزغاپ، باشقا قىزىق نۇقتىلىق ئىشلارنىمۇ بېسىپ چۈشتى. چېن چياۋئېننىڭ خاتالىقىنى تونۇش پوزىتسىيەسى بىر قەدەر ياخشى، يەنە كېلىپ ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش كۆرۈلمىگەچكە، جامائەتتىن كەچۈرۈم سوراپ، كېيىنكى قېتىم سادىر قىلماسلىققا كاپالەتلىك بەردى.

    2. ۋاڭ جىۋېن.

    ئىلگىرى ۋاڭ جىۋېننىڭمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش قىلمىشى بولغان. ئۇ يەنە تېخى مۇخبىرنىڭ كامېراسىغا قاراپ بەدقىلىقلىق قىلغان بولۇپ، بىر جامائەت ئەربابى تۇرۇپ، بۇنداق قىلىشى ئېغىر يامان تەسىر ئېلىپ كەلگەن. ئەلۋەتتە، ئۇمۇ بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلىدى.

    3. گاۋ شاۋسوڭ

    گاۋ شاۋسوڭ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ئارقىسىدىن قوغلىشىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەچكە، تۆت ئادەم يارىلىنىپ، تۆت ئاپتوموبىل كەينى-كەينىدىن سوقۇلۇشۇپ كەتكەن. ئارقىدىن ساقچىلار ئۇنى قولغا ئېلىپ، تۆت ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ، 3000 يۈەن جەرىمانە قويغان.

    شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ۋاكالىتەن شوپۇر تەكلىپ قىلغانلىقىنى، بىراق قارشى تەرەپ خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە كەلمىگەچكە، كاللىسى قىزىپ ئۆزى ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ قالغانلىقىنى، كېيىن خاتالىقى سەۋەبلىك باشقىلارغا كەلتۈرگەن زىيىنى ۋە جەمئىيەتكە ئېلىپ كەلگەن پاسسىپ تەسىرى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ ئالدىدا ئوچۇق جاۋاب قايتۇرۇپ: «كەچۈرۈڭلار! مەڭگۈ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىمەيمەن» دەپ يازغان.

    4. خۇ يەنبىڭ

    خۇ يەنبىڭ 2009-يىلى بىر چوڭ تىپتىكى دالا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، ئاقىۋەتتە بىر تاكسى بىلەن سوقۇلۇشۇپ، شوپۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئادەم يارىلانغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خۇ يەنبىڭ يەنە ماشىنىسى ھەيدەپ قېچىپ كەتكەن.

    ئىككىنچى كۈنى ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىپ، يەتتە كۈنلۈك ئەمگەك قىلغان ھەمدە 700 يۈەن جەرىمانە تۆلىگەن.

    5. لىن شاۋپېي

    2007-يىلى لىن شاۋپېي دوستى بىلەن ئويناپ بولغاندىن كېيىن، پىراۋىسىز ماشىنا ھەيدەپ كېتىپ قالغاندا بىر قىز سېستىرانى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان.

    ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىسپىرىت مىقدارى 1.1 گە يەتكەن بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ بىۋاستە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سەككىز مىليون يۈەن تۆلىگەن. بىراق بۇ ئۆلگەن ئادەمنى تىرىلدۈرەلمەيدۇ. قىزنىڭ تۇغقانلىرى تا ھازىرغىچە ئۇنى كەچۈرەلمىدى. 

    6. سا بېينىڭ

    داڭلىق رىياسەتچى سا بېينىڭ ئىلگىرى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى بىلەن تۇتۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا قىز دوستى بىلەن تاماق يېگىلى چىققان ئۇنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن بولسىمۇ، بىراق مەست بولمىغاچقا قولغا ئېلىنماستىن، بىر قېتىمدىلا 12 نومۇرى تارتىلغان. «بۈگۈنكى قانۇن» ناملىق پىروگىراممىنىڭ رىياسەتچىلىكىنى قىلىۋاتقان ئۇ نەق مەيداندا شۇنداق دېگەن.

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك