• رونالدو vs مېسسى: «قوش شاھ دەۋرى» ئاخىرلاشتىمۇ؟

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-01 02:12
  • رونالدو vs مېسسى: «قوش شاھ دەۋرى» ئاخىرلاشتىمۇ؟

    ھاياتتىكى ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بەلكىم بىراۋ بىلەن ياخشىراق خوشلىشالماسلىق بولۇشى مۇمكىن. تۈنۈگۈن كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى 4:3 نەتىجە بىلەن فرانسىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇردى ھەمدە مىباپپېنىڭ يۇقىرى پەللىگە ئىلگىرىلىشىدىكى سەكرەش تاختىسىغا ئايلاندى. پورتۇگالىيە كوماندىسىمۇ 2:1 نەتىجە بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، كاۋانىنىڭ «يولسىز»لىقىنى تونۇپ يەتتى. مۇسابىقىدە ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش بولۇپ تۇرىدۇ، بىزنىڭ ھەقىقىي قايغۇردىغىنىمىز دەل ھازىرقى زاماندىكى «قوش شاھ»، 31 ياشلىق مېسسى بىلەن 33 ياشلىق كىرىستىيانو رونالدونىڭ تەڭلا رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىدىن ئايرىلىشى، بۇ ئۇلارنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.



    16 كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن كوماندىلار جەزملەشكەندە، ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسى ئۈستۈنكى يېرىم مەيداندا كىرگەن، ئۇلار پەقەت فرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلسىلا دۇنيا لوڭقىسىدىكى «قوش شاھ جېڭى»نى بارلىققا كەلتۈرەلەيتتى. لېكىن، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مېسسى مەيدان ئىچىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلماي تۇرۇپ قالدى، كىرىستىيانو رونالدومۇ يىغىسىنى تۇتۇۋالغىنىچە كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

    كۇلۇبتا نۇرغۇنلىغان شان-شەرەپكە ئېرىشكەن بۇ ئىككى توپچى ئىزچىل دۇنيا لوڭقىسىدىن «قورقۇپ» كەلمەكتە. كىرىستىيانو رونالدو بىلەن مېسسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى «تۇنجى ئويۇنى» 2006-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، تۆت نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مابەينىدە، بىرەيلەن 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئىككىنچى، يەنە بىرەيلەن 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا تۆتىنچى بولغان.

    كىرىستىيانو رونالدو بىلەن مېسسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 17 قېتىم ۋە 19 قېتىم دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چۈشكەن بولۇپ، مېسسى 19 مەيداندا ئالتە توپ كىرگۈزگەن، لېكىن شاللاش باسقۇچىدىكى سەككىز مەيداندا 23 قېتىم قاپقىغا تېپىپ 756 مىنۇتتا بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمىگەن. كىرىستىيانو رونالدو 17 مەيدان مۇسابىقىدە يەتتە توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، لېكىن ئالتە مەيدان شاللاش مۇسابىقىسىدە 25 قېتىم قاپقىغا تېپىپ 514 مىنۇتتا بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن، دۇنيا لوڭقىسى «قوش شاھ»نىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى بىردىنبىر «قارا داغ»ى بولۇپ قالدى.

    بەزىلەر مېسسىنى ئۈمىدسىزلەندى، ئارگېنتىنا كوماندىسىغا ئەمەس، بەلكى ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ بۇ دەۋرىدىن ئۈمىدسىزلەندى، دېيىشىدۇ. ئۇ «مارادونانىڭ ئىزباسارى» دېگەن نامغا ئېرىشكەندىن باشلاپلا مارادوناغا ئوخشاش ئارگېنتىنا كوماندىسىنى دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆز زىممىسىغا ئالغان. لېكىن، 12 يىل مابەينىدە ئۆزىگە ئوخشاش «مارادونانىڭ ئىزباسارى» نامىدىكى توپچىلار ئاستا-ئاستا كۆپىيىشكە باشلىدى، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپى يۇقىرى سەۋىيەلىك توپچىلار بىلەن تولدى، لېكىن ھالقىلىق پەيتتە بۇ توپچىلار ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى، ئوتتۇرا مەيدان ۋە مۇداپىئە سېپىدىمۇ ئىشىنىشكە بولىدىغان توپچىلار ئىنتايىن ئاز بولدى. ئۇلار ئۇدا ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا «ئەڭ قېرى» كوماندىغا ئايلانغان بولۇپ، ئارگېنتىنا كوماندىسى «تەبىئىي شارائىت» جەھەتتە رەقىبىنىڭ ئارقىدا قالغان.

    مېسسىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى يېقىن دوستى ماسچېرانو دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى، بەلكىم كېلەركىسى ئاگۈيرو، دىمارىيا ياكى ھىگۇايىن بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى بىرلىكتە چېكىنىشى مۇمكىن. قىسقىسى، 31 ياشلىق مېسسى كېلەركى دەۋرنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرالمايدۇ.

    مېسسى ئۆز كوماندىسىنىڭ بۇ دەۋرىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن بولسا، كىرىستىيانو رونالدوچۇ؟ ئۇ 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئۆزىنىڭ «قوش شاھ» بولۇشتىكى تۇنجى قەدىمىنى ئالغان، لېكىن پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى توپچىلارنىڭ بىر-بىرلەپ چېكىنىشى بىلەن، شۇنداقلا «قورقما، خاتالىق ئۆتكۈزسەڭ مەن بار» دېگەن فىگومۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ يېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، پورتۇگالىيە پۇتبولچىلىقىنى قايتا گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسى كىرىستىيانو رونالدونىڭ زىممىسىگە ئارتىلدى.

    لېكىن، رۇي كوستا مۇتىنھوغا، فىگو كۇئارېسماغا، پاۋلېتا، نۇنوگومېس قاتارلىقلار ئاندرې سىلۋا، بېرنادو سىلۋا قاتارلىقلارغا ئايلاندى، بۇ كوماندىدا مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغاندىن پەقەتلا كىرىستىيانو رونالدولا قالدى.

    مۇسابىقە كۆرگىنىگە ئۇزۇن بولغانلار ۋە پۇتبولنى ئازىراق چۈشىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مېسسىنىڭ ئارگېنتىنا كوماندىسىنى دۇنيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۈرەلمىگەن ئەمەسلىكىنى ۋە كىرىستىيانو رونالدونىڭ پورتۇگالىيە كوماندىسىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزەلمىگەن ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ، لېكىن بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇلار بولغان كوماندا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى كېرەك بولغان كوماندىغا ئايلانغان. چۈنكى، بۇ ئىككەيلەن ئۆز دۆلىتىدىكى ئەڭ قالتىس توپچى، شۇڭا ئۇلار كۇلۇبتا ئويلاشمىسىمۇ بولىدىغان مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

    2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا، مارادونا ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ كاپىتانلىق بەلگىسىنى مېسسىغا تاپشۇرغان. كىرىستىيانو رونالدو بولسا 2007-يىلىدىكى بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم كاپىتانلىق بەلگىسىنى تاقىغان.

    بىر كوماندىنىڭ كاپىتانى ھەمىشە كوماندىدىكى تېخنىكىسى ئەڭ قالتىس، رەھبەرلىق ئىقتىدارى ئەڭ نوچى توپچى بولىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ بىرى ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى يىغىلىش سۆزىنىمۇ ئۆز ئىلكىگە ئالالمايدۇ، يەنە بىرى چوڭ مۇسابىقىلەردە ئۇتتۇرۇپ قويسىلا كىچىك بالىدەك يىغلايدۇ. كىشىلەر ئۇلارنىڭ كاپىتان بولۇشقا لايىق ئەمەسلىكىنى ئېيتىش بىلەن بىرگەن، ئۇلارنىڭ كاپىتانغا ئوخشىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.

    ئەگەر بىر توپچى مۇسابىقىدىن ھوزۇرلىنالىسا، ئۇنداقتا ئۇ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزگەرتكۈچى بولالايدۇ. مەيلى مېسسى بولسۇن ياكى كىرىستىيانو رونالدو بولسۇن، ئۇلار كۇلۇبتا تېخى بىرىنچى كاپىتان ئەمەس، لېكىن ئۇلار كوماندىنىڭ بايرىقى، بىسلىق خەنجىرى. ئۇلار باشقىلارنى ئويلاپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەت مۇسابىقىگىلا كۆڭۈل بۆلسە كۇپايە.

    دۆلەت كوماندىسى ئۇلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلالىدىمۇ؟ بۇ 12 يىل مابەينىدە، كىرىستىيانو رونالدو 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا چېمپىيون بولۇپ بۇ خىل ھوزۇرنى بىر قېتىم بولسىمۇ سۈرۈپ باقتى. لېكىن، مېسسى ھازىرغىچە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىرگە چوڭ مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولۇپ باقمىدى ھەمدە جىنايەت تۇيغۇسىغا تولدى.

    ئارگېنتىنا كوماندىسى 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن شاللانغان پەيتتە، مېسسىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغىنى ئۆزىنىڭ 18 ياش ۋاقتىغا ئوخشايدىغان مىباپپې بولۇپ، لېكىن ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن مىباپپې ئىزچىل كىرىستىيانو رونالدونىڭ مەستانىسى ئىدى.

    1982-يىلىدىن كېيىن، «ئاق پېلى» زىكو يۇقىرى پەللىدىن چۈشتى، مارادونا «پۇتبول شاھى» دەپ ئاتالدى. 1994-يىلىدىن كېيىن، مارادونا ئورۇن بوشاتتى، «تاشقى پىلانېتا ئادىمى» رونالدو پەيدا بولدى؛ 2006-يىلىدىن كېيىن، چوڭ رونالدو يارىلىنىش سەۋەبلىك يۇقىرى پەللىسىنى ساقلىيالمىدى، لېكىن مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ ھېكايىسى باشلاندى. بەلكىم بۇ قانۇنىيەتكە دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، پۇتبول ساھەسىدە ھەر 12 يىلدا بىر قېتىم «شاھلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈش» مۇساپىسى بارلىققا كېلىدۇ. ئۇنداقتا، 12 يىلدىن بۇيان پۇتبول دۇنياسىغا «شاھ» بولۇپ كەلگەن بۇ ئىككەيلەننىڭ دەۋرى ھەقىقەتەن ئاخىرلاشتىمۇ؟

    بىردىنبىر جەزملەشتۈرگىلى بولىدىغان نۇقتا، ئۇلارنىڭ تەڭلا شاللىنىپ كېتىشى «قوش شاھ»نىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزالمىدى، ئۇلار داۋاملىق ھالدا ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ.

    «سىز روھىڭىز ۋە قەلبىڭىز بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۆزىڭىزدىكى قايناق ھېسسىيات، تەر، كۈچ، چىش ۋە ھەممە  نەرسىڭىزنى مەيداندا قالدۇرغاندا، ئۇتتۇرغاندىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش قالمايدۇ.» بەلكىم بۇ دەل يېشى 30دىن ئاشقان ئىككى گىگانت چولپاننىڭ يىغلىماسلىقىدىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

    2022-يىلى، 35 ياشقا كىرگەن مېسسى بىلەن 37 ياشقا كىرگەن كىرىستىيانو رونالدو دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان تەقدىردىمۇ، ھازىرقىدەك بۇنچە چوڭ تەقەززاغا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. بىز پەقەت ئۇلارنىڭمۇ 2006-يىلىدىكى زىدانىغا ئوخشاش، چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىسىمۇ، بارلىق بېسىمنى يوقىتىپ، پۇتبولدىن ھوزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدو تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان ۋاقتىدىن ھازىرغىچە بولغان 12 يىل مابەينىدە پۇتبول دۇنياسىنى بويسۇندۇرۇپ كەلدى ھەمدە ئالغىلى بولىدىغانلا شەخسىي شەرەپنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىپ باقتى، كۇلۇبتىمۇ زور شان-شەرەپكە ئېرىشتى، ئۇلار بىر كوماندىنىڭ تەسىر كۈچىنى تارىخىي يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈردى. لېكىن، كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ توپچىلارنىڭ قاتارىغا كىرىدىغان بۇ ئىككى توپچى دۇنيا لوڭقسىىغا ئېرىشىپ كەسپىي ھاياتىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلالمىدى.

    ھاياتلىقتىكى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش دەل مۇكەممەللىك ئىچىدىكى مۇكەممەلسىزلىك. بۇنىڭدەك مەڭگۈ نەتىجىسى بولمايدىغان ھېكايىنى بۈگۈندە، ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە، ئۇلارغا مەنسۇپ بولمىغان بۇ كېچىدە توختىتىپ قويايلى. ئۇلار تۆت يىلدىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسىدا قايتا نامايەن بولالامدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى بېرىش ئىنتايىن قىيىن، لېكىن بىزنىڭ دېيەلەيدىغىنىمىز شۇكى، «قوش شاھ دەۋرى» ئاخىرلاشمىدى، ئۇ مەڭگۈ بىزنىڭ قەلبىمىزدە!

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك