• 41 ياشقا كىرسىمۇ توي قىلمىغان دىكتور-لى زىمېڭ

  • يوللىغۇچى : aynur
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-01 05:09
  • 41 ياشقا كىرسىمۇ توي قىلمىغان دىكتور-لى زىمېڭ

    مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ سەھنە نۇرغۇن تالانتلىق رىياسەتچىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن، گۈزەل قىزلارنىڭ سانى يوق، ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىدىغان مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چىرايلىق ئايال رىياسەتچىلەر، ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي سېھرى كۈچىگە تايىنىپ كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلىدۇ. بۈگۈن سۆزلەيدىغىنىمىز مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق خەۋەرلەر دىكتورى. كۆپچىلىك ئۇنى كۈندە دېگۈدەك ئېكرانلاردا كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا 11 يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ، خېلى ئۇزۇن خىزمەت ستاژىغا ئىگە، بۇ كىشى دەل لى زىمېڭ(李梓萌).

    لى زىمېڭنىڭ تاشقى قىياپىتى ئىنتايىن ئۆلچەملىك بولۇپ، قاش-كۆزى جايىدا، 1977-يىلى تۇغۇلغان، ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈشىگىلا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا كىرىپ خىزمەتكە چۈشكەن، 2007-يىلى رەسمىي مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر پىروگراممىسىنىڭ دىكتورى بولغان. لى زىمېڭنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىدۇ، ئەتراپىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەن.

    20180701121226879.jpg

    مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا شۇنچە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلىش داۋامىدا لى زىمېڭ سەۋەنلىكتىن خالى بولالمىغان، ئۇ خەۋەر ئوقۇغاندا كۆپ قېتىم سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن، خەۋەر ئوقۇغاندا كۈلۈپ سالغان، كۆپ قېتىم خەۋەرنى خاتا ئوقۇغان دېگەندەك سەۋەنلىكلەردىن خالى بولالمىغان. لى زىمېڭ دائىم مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزى ئەيىبلەيدۇ.

    بۇ يىل لى زىمېڭ 41 ياشقا قەدەم باستى، يىللار ئۇنىڭ چىرايىغا ھېچقانداق ئىزنالارنى قالدۇرمىغاندەك قىلاتتى، ئۇ خىزمەتتە ئۇتۇق قازانغان بولۇپ، ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشتى. بىراق ھېسسىيات مەسىلىسىدە يەنىلا ھەل بولمىغان ئىشلار كۆپ بولۇپ، ئۇ ھېلىھەم بويتاق تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. لى زىمېڭنىڭ ئۆزىنى خىزمەتكىلا ئۇرۇپ قالماستىن، ھايات مۇساپىسىدىكى چوڭ ئىشلارنىڭ بىرى بولغان مۇھەببەت ئىشىغا ئېتىبار بىلەن قاراپ مۇۋاپىق جۈپتىنى بالدۇرراق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك