• باشقىلاردىن تاياق يېگەن تۆت ئەر چولپان

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-03 12:25
  • باشقىلاردىن تاياق يېگەن تۆت ئەر چولپان

    تاماشا چەمبىرىكىدىكى چولپانلارنىڭ سالاھىيىتى ئالاھىدە بولغاچقا ئاسانلا باشقىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدىغان ئىشلار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن چولپانلارنىڭ نام چىقىرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە تاياق يېگەن ئەھۋاللىرى بولغان.

    چېن گۇەنشى 2006-يىلى شياڭگاڭدىكى مەلۇم سودا سارىيىدا چەتئەللىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، چېن گۇەنشى بەك قاتتىق تاياق يەپ، يەردە يېتىپلا قالغان. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ تېلېفون قىلىپ، قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. ئىككى تەرەپ ئاخىرىدا مۇرەسسە قىلىشقان، بۇ ئىش ئادەمنى ئاجايىپ غەلىتە قىلىپ قويىدۇ.

    زېڭ جىۋېي تاماشا چەمبىرىكىدىكى داڭدار ئەرباب، ئۇ ئادەتتە ئايال چولپانلارغا چاقچاق قىلىشقا بەك ئامراق. لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يىغىشتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان چاقچاق قىلىپ قويۇپ، سالاھىيىتى نائېنىق بىر توپ ئادەمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، يارىسى 29 يىپ تىكىلگەن، ئۇ خېلى ئۇزۇنغىچە ناھايىتى تۆۋەن ماقامدا ياشىغان.

    لىن جۈنجيې ئىمزا قويۇپ بېرىش پائالىيىتىدە مەستانە سىياقىدىكى بىر يوچۇن ئەر سەھنىگە چىقىپ لىن جۈنجيېنى ئۇرۇپ، سول قۇلىقىنى يارىلاندۇرغان، بۇ ئەرنى ساقچىلار تۇتقاندىن كېيىن لىن جۈنجيې بۇ ئەرنىڭ كىملىكىنى، نېمىشقا ئۆزىنى ئۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    جەنۇب ۋە شىمالغا داڭقى تارالغان ناخشىچى ماۋ نىڭ 2000-يىلى 11-ئايدا ئۆيىگە قايتىش يولىدا بىر ناتونۇش ئەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، نەچچە پىچاق يېگەن، ھاياتىدىن ئايرىلىشقا تاس قالغان. بۇ قازادىن ئامان قالغان ماۋ نىڭنىڭ كېيىن ھەمجىنىس دەيدىغان گەپلەر تارالغان. ئۇنىڭ ئالقىشلىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن ئۇ تاماشا ساھەسىدىن چېكىنىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە ئىز-دېرەكسىز يۈرگەن.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك