• بالىلىقىمىزغا ھەمراھ بولغان ئاشۇ رىياسەتچىلەر

  • يوللىغۇچى : adila
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-03 12:45
  • بالىلىقىمىزغا ھەمراھ بولغان ئاشۇ رىياسەتچىلەر

    بالا ۋاقتىمىزغا ھەمراھ بولغان، بىزگە نۇرغۇن شادلىق ئاتا قىلغان رىياسەتچىلەر ھازىر قانداق بولۇپ كەتكەندۇ؟

    شياۋلۇ ئاچا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان «كارتون چۈش مەيدانى»(动画梦工场)،«كارتون شەھرى»(动画城)قاتارلىق پىروگىراممىلارنى كۆپ ئادەم كۆرگەن. ھەر قېتىم مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىنلا قويۇلىدىغان بۇ پىروگىراممىنى ھەممە كىچىك بالا ساقلاپ ئولتۇرۇپ كۆرەتتى.

    بىزمۇ چوڭۇپ كەتتۇق، شياۋلۇ ئاچا يەنىلا قارىماققا شۇ پېتى، لېكىن بۇرۇنقىدىن قېرىپ قالغاندەك، نېمىلا دېگەنبىلەن 44 ياشقا كىرىپ قالدى، لېكىن يەنىلا ھاياتىي كۈچكە ئىگە.

    «يەتتە قۇراق»(七巧板)، «كۈنجۈت، ئىشىكنى ئاچ»(芝麻开门) قاتارلىق پىروگىراممىلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئاي ھەدە ۋاڭ خاۋمۇ بۇ يىل 38 ياشقا كىردى. لېكىن ئىزچىل «قېرىماس چىرايى» ۋە ئوماق رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبى بىلەن يەنىلا كىچىك دوستلارنىڭ ياخشى دوستىغا ئايلىنىپ كەلمەكتە.

    پىروگىراممىدا ئۇ ھەمىشە تەبەسسۇم قىلغان ھالەتتە پەيدا بولىدۇ، تۇرمۇشتا ئۇنىڭمۇ بالىسى بار، ئۆزىنىڭ بالىسىغىمۇ ھېكايە سۆزلەپ بېرىدىغان ۋاقتىمۇ كەلدى، بىر ئائىلە كىشلىرى شۇنداق بەختلىك ياشىماقتا.

    ماي قوڭغۇزى بولسا ھەممىگە تونۇشلۇق رىياسەتچى، ئۇنىڭ «موگوباش» چاچ پاسونى ناھايىتى داڭلىق، ھازىرغىچە ئىزچىل شۇ چاچ پاسونىدا، ھازىر 20 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ ئۇ ھېلىغىچە «ماي قوڭغۇزى» دېگەن ماركىسىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىدى. شۇنداقلا نەچچە ئەۋلاد بالىلارنىڭ بالىلىق ئەسلىمىسىدە قېلىپ قالدى.

    ئۇنىڭ يولدىشى خەۋەرلەر دىكتورى ۋاڭ نىڭ بولۇپ، خەۋەر كۆرۈپ باققانلىكى ئادەم ئۇنى تونۇيدۇ. 1999-يىلى ئۇلارنىڭ قىزى تۇغۇلغان.

    ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق دوڭ خاۋ تاغا 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى «خەير، مىكروفون» ناملىق ماقالىسىنى مىكروبىلوگىدا ئېلان قىلىپ، پېنسىيەگە چىققانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇنىڭ پىروگىراممىلىرىغا قارىغاندا ئۇنىڭ «يېڭى چۈمۈچ باش دادا ۋە خاپانپاش ئوغۇل»، «مىكىي بىلەن دونالد»، «ماشىنا مۈشۈك» قاتارلىق كارتونلارغا بەرگەن ئاۋازى تېخىمۇ داڭلىق.

    قىزىل مېۋە بىلەن يېشىل كۆپۈك ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ ئىككى رىياسەتچى «ئەقىل-پاراسەت دەرىخى» پىروگىراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى بولۇپ، قىزىل مېۋە چىرايلىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان كۆرۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرۈرمەنلىرىمۇ چوڭۇپ بىر يەرگە باردى. لېكىن قىزىل مېۋە ھەدە يەنىلا شۇنداق ياش. يېشىل كۆپۈكچىنىڭ چېھرىدىكى شادىمان كۈلكىسىمۇ شۇ پېتى.

    ئۇلار تۇرمۇشتىكى بىر جۈپ، سەھنىدىكى ياخشى ھەمراھلار. ئۇلار 2010-يىلى توي قىلىپ، كىچىك مەستانىلەرگە ناھايىتى گۈزەل بىر خاتىمە بەرگەن. 

    كىچىك دوستلارنىڭ بالىلىقىغا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان بۇ رىياسەتچىلەر ھېلىھەممۇ شۇ پېتى تۇرۇپتۇ، بۇلارنى كۆرۈپ بالىلىقىڭىزنى ئەسلەپ قالدىڭىزمۇ؟

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك