• ئەقىللىق ئادەملەر ئەزەلدىن دوستلار چەمبىرىكىگە مەپتۇن بولمايدۇ

  • يوللىغۇچى : aliya
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-03 12:50
  • ئەقىللىق ئادەملەر ئەزەلدىن دوستلار چەمبىرىكىگە مەپتۇن بولمايدۇ

    كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى سىز ئىلگىرى دوستلار چەمبىرىكىدە كۆرگەندەك ئەمەس. باشقىلارنىڭ تۇرمۇشى مەڭگۈ باشقىلارنىڭ، سىزمۇ ھەم بۇ دوستلار چەمبىرىكىنىڭ ئارقسىىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆز يېشى قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيسىز. گەرچە تۇرمۇشىمىز ئۇلارنىڭكىدەك يارقىن، پارقىراق بولمىسىمۇ، بىراق ئۆزىمىزگە چۇشلۇق ھارارىتى بار. 

    دوستلار چەمبىرىكى بىر «ھا ھا ئەينىكى»گە ئوخشايدۇ، سىرتتىكىلەر تۇرقىڭىزنى كۆرەلمەيدۇ، سىزمۇ ھەم سىرتتىكىلەرنىڭ كۆڭلىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيسىز.

    دوستلار چەمبىرىكى تۈمەن مىكروفونغا ئوخشاش، سىرتقى كۆرۈنۈشى شۇنچىلىك رەڭدار، ئەمەلىيەتتە شۇ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار خالاس.

    مەدەنىيەتشۇناس يۈ چيۇيۈ ئىلگىرى: «بەزىلەر ھاياتىنى ئۆز-ئارا كۆزىتىش، ئۆز-ئارا نازارەت قىلىش، ئۆز-ئارا زىيان سېلىشقا سەرپ قىلسا، يەنە بەزىلەر ھاياتىنى كەڭ زېمىنغا، يىراقتىكى تاغ-دەريالارغا سەرپ قىلىدۇ»، دېگەن.

    تۇرمۇشىڭىزنى دوستلار چەمبىرىكىدىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە چەمبىرەككە باغلاپ قويماڭ، تۇرمۇشىڭىزنى دوستلار چەمبىرىكىدىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم چەمبىرەكتە چەكلەپ قويماڭ، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن چىقىسىڭىز، ئەمەلىيەتتە شۇنچىلىك گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرەلەيسىز.

    ئەمەلىيەتتە، كىشىلىك تۇرمۇشتىمۇ مەيلى داڭدارلار بولسۇن ياكى ئادەتتىكى كىشىلەر بولسۇن، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا باشقىلار بىلەن كۆپ ئالاقە قىلىدۇ. دوستلار چەمبىرىكىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىگە قارىتا، مېنىڭچە، ھازىرقى ياشلارغا ياخشىراق چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ- ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا بىر چەمبىرەككە قاپسىلىپ قالىدۇ. بۇ يەردە دەيدىغان چەمبىرەك نوقۇل ھالدا كىشىلىك ئالاقە مۇناسىۋىتىدىكى دوستلار چەمبىرىكىلا ئەمەس، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە باشقىلارنىڭ تۇرمۇش ئۆلچىمىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇ نەرسىلەر بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرسىڭىز ھاياتىڭىزنى كۆپ ئىسراپ قىلىۋېتىسىز. يەنە دوستلار چەمبىرىكىدىكى ئۆز-ئارا بەسلىشىش، ئۈستۈنلۈك تالىشىش قاتارلىقلارمۇ ئوخشاشلا ھاياتىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋېتىدىغان ئېلېمېنتلاردۇر.

    ئاقىۋەتتە، سىز ناھايىتى تېزلا ھاياتىڭىزنىڭ يەتمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، كۈنبويى بۇ چەمبىرەككە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چارچايسىز. 

    شۇڭا كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، باشلىنىش نۇقتىسىنى توختىماستىن پىلانلىشىڭىز، توختىماستىن سېپىل شەھىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، توختىماستىن ئۆز-ئۆزىڭىزنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك، چۈنكى سىز تېخىمۇ قالتىس بولغان ھاياتلىققا ئېرىشىشكە تامامەن ھەقلىق، يېشىڭىز چوڭلاپ قالسىمۇ مۇشۇنداق قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ، مانا مۇشۇنداق ھاياتلىق بىر قەدەر قىممەتلىك بولىدۇ.

    ھازىرقى ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى كۈنبويى بېشىنى ساڭگىلىتىپ دوستلار چەمبىرىكى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلىش ئۇچۇرنى ئسىراپ قىلىشلا بولماستىن يەنە ھاياتىنىمۇ ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىك. شۇڭا، سىز بۇ چەمبىرەككە مەپتۇن بولماستىن، باتۇرلۇق بىلەن دوستلار چەمبىرىكىدىن باشقا ھاياتلىقنى بەرپا قىلىڭ.

    گەرچە بۇ چەمبىرەكنىڭ سېھىرىي كۈچى كۈچلۈك، يەنە كېلىپ يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللانغان بولسىمۇ، بىراق بۇ چەمبىرەككە چۆكۈپلا كەتتىڭىزمۇ، ئۇنداقتا ھايات قۇرۇلمىڭىز بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتىدۇ.

    كۆپلىگەن كىشىلەر كۈنبويى دوستلار چەمبىرىكى بىلەنلا ھەپىلىشىدۇ- سىز بىر قانچە ئېغىز چىرايلىق سۆز قىلسىڭىز، مەنمۇ بىر قانچە ئېغىز چىرايلىق گەپ قىلسام؛ سىز ئۆيىڭىزدە نېمە ئىش بولغانلىقىنى دېسىڭىز، مەنمۇ يېقىندا نېمىلەرنى سېتىۋالغانلىقىمنى دەپ يۈرسەم... 

    ئاقىۋەتتە سىز بۇ چەمبىرەككە پۈتۈنلەي باغلىنىپ قالىسىز، بۇ پەيتلەردە سىز بۇ چەمبىرەكنىڭ ئەتراپىغا ئورالغان نەرسىنىڭ مەڭگۈ قايتىلانمايدىغان قىممەتلىك ھايات ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ بىلەلمەيسىز.

    مەنبەسى :sina.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك