• دىلرابا، گۈلنەزەر، گۇەن شياۋتوڭ، جېڭ شۇاڭ: زادى كىم «ئالتۇن بۈركۈت سەنىمى» بولالايدۇ؟

  • يوللىغۇچى : dilara
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-03 02:50
  • دىلرابا، گۈلنەزەر، گۇەن شياۋتوڭ، جېڭ شۇاڭ: زادى كىم «ئالتۇن بۈركۈت سەنىمى» بولالايدۇ؟

    ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئالتۇن بۈركۈت سەنىمى» پات ئارىدا باھالاپ تاللاپ چىقىلىدۇ. «ئالتۇن بۈركۈت» تېلېۋىزىيە سەنئىىتى جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئادىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى، تەنتەنىلىك مۇراسىمىنىڭ بىرى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو سودا تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىغا ئەڭ يۈكسەك باھا بېرىدىغان سەھنىسىدۇر. ئۇنداقتا، بۇ يىللىق «ئالتۇن بۈركۈت سەنىمى» كىم بولىدىغاندۇ؟ بۇ يىللىق نامزاتلار ئىچىدە: دىلرابا، گۈلنەزەر، جېڭ شۇاڭ، سۇن يى، گۇەن شياۋتوڭ، شېن يۆ قاتارلىقلار بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىم ئۈزۈپ چىقىپ، ئەڭ يۇقىرى ئالقىشقا ئېرىشىدىغاندۇ؟

    1. دىلرابا، 1992-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق ئايال ئارتىسى، شاڭخەي تىياتىر ئىنىستىتۇتىتىنىڭ ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. دىلرابا ياڭ مى ئىشخانسىىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، مول مەنبەگە ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ تىرىشىچانلىقى بىلەن ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن چولپانغا ئايلاندى ھەمدە زور تۈركۈمدىكى مەستانىلەرگە ئېرىشتى. ھازىر ئۇنىڭ ئالقىشلىق دەرىجىسى بارغانسېرى ئېشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

    2. گۈلنەزەر، 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق ئايال ئارتىسى، مودېل. 2011-يىلى بېيجىڭ كىنو ئىنسىتىتۇتىنىڭ ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. ئارقىدىن شاڭخەي جۇڭگولۇقلار كىنو ئىشلەش چەكلىك شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىغان. 2012-يىلى «شۇەنيۇەن قىلىچى» (轩辕剑之天之痕) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى شياۋشۆ ئوبرازى بىلەن كۆپچىلىككە تونۇلغان. گۈلنەزەر چىرايلىقلىقى بىلەن 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان «ئۆيبەند ئەرلەر قاتىلى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇ كۆرۈنۈشتە سوغۇق، بىراق ئىچى ئوتتەك ئىسىق ئوماق ۋە شوخ قىزدۇر. كىشىگە ھەمىشە ئوخشىمىغان تۇيغۇ ئاتا قىلالايدۇ.

    3. جېڭ شۇاڭ، 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 88-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق ئايال ئارتىسى، بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىنىڭ 07-قارارلىق ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. 2009-يىلى «ئاقار يۇلتۇزنى بىرلىكتە كۆرەيلى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى چۇ يۈشۇن ئوبرازى بىلەن زور تۈركۈمدىكى تاماشىبنلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ، ئارقىدىن ئىزچىل ئەڭ قىزىق نامزات بولۇپ كەلدى. گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاز بولسىمۇ، بىراق 25-نۆۋەتلىك ئالتۇن بۈركۈت تېلېۋىزىيە بايرىمىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس» تىزىملىكىگە كىردى.

    4. سۇن يى، 1993-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى جىلىن ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق كىنو-تېلېۋىزىيە ئايال ئارتىسى. 2014-يىلى، سۇن يى «مى يۆ ھەققىدە قىسسە» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان. 2015-يىلى سۇن يى باش رول ئالغان «ياشلىقىم» ناملىق كىنو پۈتۈن مەملىكەتتە قويۇلۇپ، خەنزۇتىلى «مۇستەقىل نوتا» ئەسەرلەرنىڭ 28-نۆۋەتلىك توكيو خەلقئارالىق كىنو بايرىمىنىڭ رىقابەتكە قاتنشىىدىغان تۈرىگە كىردى. سۇن يى دوڭ زىجيەن بىلەن بولغان مۇھەببىىتنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، تەسىر كۈچى تېخىمۇ ئاشتى.

    5. گۇەن شياۋتوڭ، 1997-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدا تۇغۇلغان، ئوقۇغۇچى، ئارتىس. 2001-يىلى «烟海沉浮» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا قاتنىشىپ، سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. 2004-يىلى گۇەن شياۋتوڭ باش رول ئالغان «كىنو ئۆتمۈشتىكى ئىشلار» دا كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، شۇ يىلى يەنە بىر ئەسىرى «يۈرەكنى تىتىرىتىش» ئىستۇدېنتلار كىنو بايرىمى باھالىغۇچىلار كومىتېتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «خەلقنىڭ قىزى» دەپ تەرىپلىنىدىغان گۇەن شياۋتوڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئەلاچى بولۇپ، تاماشا چەمبىرىكىدىمۇ خېلىلا داڭقى بار، چىرايى ھەم رول ئېلىش ماھارىتى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ لۇ خەن بىلەن بولغان مۇھەببىتىمۇ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

    6. شېن يۆ، 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى خۇنەن شاۋياڭدا تۇغۇلغان، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق ئايال ئارتىسى، خۇنەن پىداگوكىكا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئاخبارات ۋە تارقىتىش ئىنىسىتىتۇتىدا ئوقۇيدۇ. 2016-يىلى شېن يۆ فانتازىيەلىك قەدىمكى تور تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تىتىرگىن، ئابۇ»غا قاتنىشىپ، تاماشا چەمبىرىكىگە كىرگەن. 2017-يىلى، ياشلىق مەكتەپ تور تېلېۋىزىيە تىياتىرى «سەبىي گۈزەللىكىمىزگە» دە چېن شياۋشىنىڭ رولىنى ئېلىپ، كۆپچىلىككە تونۇلغان. ئۇ جانلىق ۋە شوخ بولۇپلا قالماستىن يەنە بىر جۈپ كۆزى كىشىگە كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ئاتا قىلالايدۇ.

    ئۇنداقتا، سىزنىڭچە كىم ئالتۇن بۈركۈت سەنىمى بولالايدىغاندۇ؟

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك