• فەرئاي شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى چولپانلارنى ئۆزىگە قايىل قىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-04 04:43
  • فەرئاي شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى چولپانلارنى ئۆزىگە قايىل قىلدى

    ئەلكۈيى تورى مەخسۇس خەۋىرى: 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى شەھىرى يىكەنكۆل كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدا تالانتلىق ياش ناخشىچى ئەزىمەت قۇربان ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئىقتىدارلىق كارخانىچى خۇرشىدە قۇربان ئىككەيلەن بىرلىشىپ قۇرغان  فەرئاي FER & AY شېركىتىنىڭ  يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئالاھىدە تەبرىكلەش ، يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى قاينام تاشقىنلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى.پائالىيەتكە شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ تالانتلىق رىياسەتچىسى ئۈمىد تۇرسۇن رىياسەتچىلىك قىلدى.


    پائالىيەتكە ئەزىمەت قۇربان ۋە خۇرشىدە قۇربان خانىمنىڭ يېقىن دوستلىرى ، ياش چولپانلار ، ئاخبارات ۋە سەنئەت ساھاسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن چولپانلار قاتنىشىش ئارقىلىق ياشلاردىن تەشكىللەنگەن كوللىكتىپقا يەنە بىر قېتىم ئاپرىن ئوقۇش ، ئۇلارنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى نەق مەيداندا ئىشلىتىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆكۈزۈپ ئۆزىنىڭ قوللىشىنى ئىپادىلەش مەقسەت قىلىندى . 




    كەينىمىزگە يېنىپ قارىغىنىمىزدا فەرئاي FER & AY شېركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ، تالانتلىق ياش ناخشىچى  ئەزىمەت قۇربان ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ ، ئۇ بىر ئوقۇتقۇچى  ، ئۇ بىر باغۋەن .

    3-قارار يىپەك يولى ساداسى ئابدۇللا گۇرۇپىسىنىڭ چىمپىيونى ئەزىمەت قۇربان ئۆزىنىڭ <<رەيھان >>، <<سۇپەرىسى>>،<<چىدىمايمەن >>،<<يىغلىما>> قاتارلىق ناخشىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ كەلگەن .


    ئۇ يەنە بۇ قېتىم يىڭى زىنلاندىيەدىن بىۋاستە كىرگۈزۈلگەن G.E.O تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ خەلقىمىزگە سۇندى .
    ‏G.E.O مەھسۇلاتلىرى سىز ئىشلەتكەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى بولۇپ قالغۇسى !

     ‏FER & AY  شېركىتى G.E .O  تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى يىڭى زىنلاندىيەدىن بىۋاستە كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلات ، ئەڭ تەبىئى  مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ .

    بۇ قېتىملىق پائالىيەت جەريانىدا  ‏FER & AY  شېركىتى G.E .O  تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى پائالىيەت ئەھلىگە كۆرگەزمە قىلىنغاندىن باشقا نەق مەيداندا  تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارغا سىناق قىلىنىپ ، ياخشى باھالارغا ئېرىشتى.ھەمدە پائالىيەت ئەھلىمۇ بىردەك بۇ مەھسۇلاتنىڭ شىنجاڭ بازارلىدىن ياخشى ئورۇن ئېلىپ ھەممىنىڭ قايىللىقىغائېرىشەلەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى بىلدۈردى . 




     ‏FER & AY  شېركىتى مەھسۇلاتلارغا ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلىدۇ   ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ كىرىپ ھەرخىل پائالىيەتلەردىن بەھىرلىنڭ!

     ‏FER & AY  شېركىتى مەھسۇلاتلارغا ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلىدۇ   ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ كىرىپ ھەرخىل پائالىيەتلەردىن بەھىرلىنڭ!

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك