• شىرئەلىجاننىڭ شىنجاڭدىكى ئون يىلى

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-06 05:41
  • شىرئەلىجاننىڭ شىنجاڭدىكى ئون يىلى

    سۈرەتتە، 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر كوماندىسى ئەزاسى شىرئەلىجان (سولدا) مۇسابىقىدە رېپىر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.


    شىرئەلىجاننىڭ شىنجاڭدىكى ئون يىلى

    مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى سالونى


    شىرئەلىجان يىراقتىكى ياقا يۇرتقا كەتتى.

    ئۇچۇرنى شىرئەلىجان گۇاڭجۇ بەييۈن ئايرودرومىدا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلغانىدى. ئۇنىڭ توپ مەيدانىدىكى ئىلگىرىكى مۇستەقىل ۋە ئۆزگىچىلىكىگە ئوخشاشلا، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلار ۋە ئۇنىڭغا ئۆچ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالدى.

    شىنجاڭ كوماندىسىغا ئون يىل جان كۆيدۈرگەن «شىر» بۈگۈنكى كۈندە لىڭنەنگە بېرىپ «ياقا يۇرتتا يات مېھمان» بولۇپ قالدى.

    ئون يىل بۇرۇن، شىنجاڭ ياشلار كوماندىسىدىن گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كىرەەن ھېلىقى يازغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بوكسچىلىقتىن چىققان، 16 ياشتا توپ مەشىق قىلىشنى باشلىغان شىرئەلىجاننىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى گويا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ زاپاس كۈچى يېتىشمەسلىككە بولغان ئامالسىزلىقنى ئىسپاتلاش ئۈچۈنلا بولغاندەك قىلاتتى.

    بىر مەيدان ئانچە مۇھىم بولمىغان ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىدە، ئەمدىلا كۆزگە كۆرۈنگەن شىرئەلىجان ئىچكى سەپكە بۆسۈپ كىرىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئىككى مۇھاپىزەتچىسىدىن ئارتىلىپ ئۆتۈپ توپنى گارغا باسماقچى بولغان ھېلىقى كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى شىنجاڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ ئېسىدە قالدى.

    گۇاڭدوڭ- شىنجاڭ ئاتا بەگلىك تالاشقان نەچچە يىلدا، تاشنى گۆھەرگە ئايلاندۇرالايدىغان پېشقەدەم يېتەكچى جياڭ شىڭچۈەن «شىر»غا ئۆزىنى نامايەن قىلالايدىغان بوشلۇق بەردى، تېز باش كۆتۈرگەن شىرئەلىجان ناھايىتى تېزلا كوماندا تايىنىدىغان، رەقىبلەر ئەنسىرەيدىغان «ئورۇندۇقتىكى باندىت» (يەنى ۋاسكېتبول ساھەىسدىكى نومۇر ئېلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان زاپاس ئەزالارنى كۆرسىتىدۇ) بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، توپ مەستانىلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

    شۇ چاغلاردا جىق پۇل خەجلەپ چەتئەللىك ماھىرلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تېز باش كۆتۈرگەن شىنجاڭ كوماندىسى گۇمان قوزغاۋاتقان بولۇپ، «ياللانما قوشۇن كوماندىسى» دەپ ئاتالغانىدى. «قۇملۇق شەمشىرى» شۈ گوچوڭ ئەپسۇسلۇق ئىلىكىدە چېكىنگەن ھەمدە موڭغۇل ماھىرى باتۇر شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەردە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولۇشىغا ئىشەنچىسى قالمىغانىدى.

    بەلكىم باش كۆتۈرىدىغان پۇرسەتنى كۆرۈپ يەتكەن بولۇشى ۋە ياكى پەقەتلا «ئاسمان ئۆرۈلسە ھامان بىرى تىرەپ تۇرىۋېلىشى كېرەك» دەيدىغان مەسئۇلىيەت سەۋەبلىك، شىرئەلىجان «ئۆز يۇرتىنىڭ يادروسى» بولۇشتىن ئىبارەت ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالدى: قارشى ترەەپنىڭ چەتئەللىك ماھىرلارغا بۇدۇشقاقتەك چىڭ چاپلىشىپ، نەچچىلىگەن «نومۇر ئېلىش ماشىنىلىرى»نى كاردىن چىقاردى؛ سەپداشلىرى بەل قويىۋەتكەن ھالقىلىق پەيتتە قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئويلاپ يەتكۈسىز، ئەمما جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشايدىغان توپلارنى يىراقتىن ئېتىپ كىرگۈزدى.

    رەقىبىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش، سەپداشلىرى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىش، رېپىرغا ھۆركىرەش، قارشى تەرەپنىڭ توپ مەستانىلىرىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش.. كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە، شىرئەلىجان نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنى تېرىپ، باشقىلارنىڭ كۆزىگە قادالغان «مىخ» قا ئايلىنىپ، قارشى تەرەپ مەيدانىدا مۇسابىقىلەشكەندە «ئارتۇقچە سالام»دىن «بەھرىمان» بولدى.

    ئۇنىڭغا ئۆچ ئادەملەر ئاز ئەمەس، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن چۈشەندۈرۈپ باقمىدى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

    ئۇ خوشلاشقان، شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرىغا رەھمەت ئېيتقان مىكرو بىلوگىدا: «سىلەرنىڭ مېنى قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ۋە ماڭا بەرگەن پۇرسىتىڭلارغا، سىلەر ئويلىغاندىنمۇ كۆپ» دەپ يازدى.

    بىر تۈركۈم سەپداشلىرى كېلىپ-كېتىپ يۈردى، شىرئەلىجاننىڭ تىزىدىكى داكا ئاسىرىغۇچلار بارغانسېرى قېلىنلاشتى، گارغا كۆمتۈرۈپ توپ سالغىنىنى كۆرگىلى بولمايتتى، بۆسۈپ ئۆتۈشىمۇ ئازلاپ، مۇداپىيە قىلسىمۇ پەقەتلا ئارقىچە كىچىك قەدەمدىلا چاپلىشىپ قويىدىغان شۇنداقلا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشى تەبئىيلا كۆپىيىدىغان بولدى.

    ياخشى يېرى تۇرمۇش ئەزەلدىن قىزغىن سۆيگەنلەرنى نائۈمىدتە قويمايمايدۇ. 2016-، 2017-يىللىق مۇسابىقىدە پەسلىدە، گۈزەل ياشلىقتىن ئۆتكەن شىرئەلىجان ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى قوشۇنغا ئېرىشتى، نۆلگە قارشى تۆت نەتىجىدە كونا رەقىبى بولغان گۇاڭدوڭنى يەڭگەندىن كېيىن «شىر» شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنداپ بولدى.

    «يوقىتىش ئازابى ئىرادەمنى تاۋلاپ چىقتى، مېنىڭچە مەن بۇ توققۇز يىلغا يۈز كېلەلىدىم، شىنجاڭ خەلقىنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمىدىم» چېمپىيون بولغاندىن كېيىنكى شىرئەلىجاننىڭ سۆزلىرىنىڭ ۋەزنى بار ئىدى، لېكىن كۈلسە خۇددى كىچىك بالىغىلا ئوخشايدىغان ئۇنىڭ چىرايىدا قورۇق ئىزلىرىمۇ پەيدا بولغانىدى.

    مۇسابىقە مەيدانىدا غەلبە ئۇنىڭ بارلىقى؛ مۇسابىقە مەيدانىنىڭ سىرتىدا ۋاسكېتبول ئۇنىڭ بارلىقى. خەير-ساخاۋەتكە ئاتاپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش، ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، مەكتەپ جامائەت پاراۋانلىقى، ياش-ئۆسمۈرلەر ۋاسكېتبول تەربىيەلەش... مەيداندىكى ياۋۇز شىرئەلىجان كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ۋاسكېتبولنىڭ ساغلاملىقى ۋە خۇشاللىقىنى يېنىدىكى ھەربىر ئادەمگە سوۋغا قىلدى، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق بالىلار ئۇ سەۋەبلىك ۋاسكېتبولنى ياخشى كۆرۈپ، كۆڭلىدە دۆلەت كوماندىسىغا كىرىش ئارزۇسىنى ياندۇردى.

    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇ پەقەتلا گۇاڭجۇ كوماندىسىغا ئالماشتۇرۇلۇپ، بىر يىل كۈچ چىقىرىدىكەن. شىرئەلىجان بىلىشى كېرەككى، ئۇنى ئون يىل ياخشى كۆرگەن شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى ھەرگىز ئۆچۈپ قالمايدۇ، «شىر» ئۆيىگە قايتقان چاغدا، قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيى يەنىلا گۈلدۈراش ئالقىش سادالىرى ۋە تەنتەنىلەرگە تولىدۇ.

    مەنبە: خەلق تورى

    بىر قىسىم سۈرەتلەر ئۇنىڭ مىكرو بىلوگىدىن ئېلىندى.

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك