• دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ: بىرازىلىيە vs بېلگىيە مۇسابىقىسىگە نەزەر

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-06 05:18
  • دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ: بىرازىلىيە vs بېلگىيە مۇسابىقىسىگە نەزەر

    بييجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 2:00دە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن بېلگىيە كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ. ئىككى كوماندىنىڭ يېقىنقى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، گەرچە بىرازىلىيە كوماندىسى گۇرۇپپا باسقۇچىدا بەلگىلىك خىرىسقا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئوڭۇشلۇق ھالدا گۇرۇپپىدىن چىقتى ھەمدە 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مېكسىكا كوماندىسىنى شاللىدى. بېلگىيە كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرى بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئۈچ مەيداننىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلدى ھەمدە دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھۇجۇم سېپىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ مۇسابىقىدە ئىككى كوماندىدىكى چولپان توپچىلارنىڭ ئىپادىسىمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولۇپ، نېيمار، كوتىنھو ۋە خېسۇستىن تەركىب تاپقان بىرازىلىيە ھۇجۇم سېپى لۇكاكۇ، خازارد، دېبرۇينې، مېرتېنس قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بېلگىيە ھۇجۇم سېپى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئاخىرقى نەتىجىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.

    مۇسابىقە خاراكتېرى: 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى

    مۇسابىقە ۋاقتى: بييجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 2:00

    مۇسابىقە ئورنى: قازان تەنتەربىيە مەيدانى

    بۇ مۇسابىقىدىكى كۆرۈش نۇقتىلىرى:

    1. ئەڭ كۈچلۈك ھۇجۇم سېپى ۋە ئەڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپى جېڭى

    بېلگىيە كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە 12 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، 32 كوماندا ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بىرازىلىيە كوماندىسى بۇ تۆت مەيدان مۇسابىقىدە پەقەت بىر توپ كەتكۈزگەن بولۇپ، ئۇرۇگۋاي كوماندىسى بىلەن بىرگە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مۇسابىقە ئېنىقلا ئەڭ كۈچلۈك ھۇجۇم سېپى بىلەن ئەڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپى ئوتتۇرىسىدىكى «جەڭ» بولۇپ، قايسى كوماندا ئالاھىدىلىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرالىسا، شۇ كوماندا دۇنيا لوڭقىسىدا يەنە بىر قەدەم ئالالايدۇ.

    2. بېلگىيە كوماندىسى تالانتىنى جارى قىلدۇرماقتا

    بېلگىيە كوماندىسى 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىلا ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، كوماندىدىكى دېبرۇينې، خازارد قاتارلىق توپچىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى كىشىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. لېكىن، ئۇلار 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ۋە 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، بۇ قېتىم تۆت مەيدان ئىچىدىلا كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئەمەلىي كۈچىنى نامايەن قىلدى، ئۇلارنىڭ ياپونىيە كوماندىسىنى شاللىشىدىنلا مۇسابىقە روھىنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق ئۆسكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن، بېلگىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق مەسىلىسى مۇداپىئە سېپىدە بولۇپ، ئۇلار تۇنىس ۋە ياپونىيە كوماندىلىرى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ئىككىدىن توپ كەتكۈزگەن، ئۇلار نېيمار باشچىلىقىدىكى بىرازىلىيە كوماندىسىغا يۈزلەنگىنىدە چوقۇم مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك، بولمىسا يەنە بىر قېتىم ئۆز ئارزۇسىغا يېتەلمەي قالىدۇ.

    3. بىرازىلىيە كوماندىسى ھەقىقىي سىناققا دۇچ كەلدى

    بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسى ئەڭ يارقىن نۇقتا ئەمەس، لېكىن ئەڭ تۇراقلىق دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار گۇرۇپپا باسقۇچىدىن باشلاپلا بۇ خىل تۇراقلىق ئىپادىسىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، بارا-بارا غەلىبە قاينىمىغا كىرگەن. لېكىن، ئالدىنقى تۆت رەقىبىگە سېلىشتۇرغاندا، بېلگىيە كوماندىسى بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ھەقىقىي چوڭ سىنىقى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ نېيمار ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىغا يېڭى رىقابەت ھازىرلاپ بەرگەن. بىرازىلىيە كوماندىسىدىكى ئەڭ ھالقىلىق توپچىلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، نېيمار بىلەن كوتىنھونىڭ ئىپادىسى بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ جان تومۇرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىپادىسى بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇشىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، پاۋلىنھونىڭ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشالىشىمۇ تېخى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ يارىلىنىشى بىرازىلىيە كوماندىسىغا نىسبەتەن چوڭ زىيان ھېسابلىنىدۇ.

    1. تارىختىكى نەتىجە

    ئىككى كوماندا بۇنىڭدىن بۇرۇن تۆت قېتىم مۇسابىقىلىشىپ باققان بولۇپ، بىرازىلىيە كوماندىسى ئۈچ قېتىم ئۇتۇپ، بىر قېتىم ئۇتتۇرغان. 2002-يىللىق كورېيە-ياپونىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كوماندىسى 0:2 نەتىجە بىلەن بېلگىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان.

    2. يېقىنقى ئىپادىسى

    بىرازىلىيە كوماندىسى يېقىنقى 10 مەيدان مۇسابىقىدە سەككىز قېتىم ئۇتقان، ئىككى قېتىم تەڭلەشكەن، ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولماقتا. ئۇلار دۇنيا لوڭقىسىدىمۇ قالتىس ئىپادىسىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، گەرچە تۇنجى مەيداندا تەڭلىشىپ قېلىشى بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىشىنى توسۇپ قالالمىغان ھەمدە 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 0:2 نەتىجە بىلەن مېكسىكا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان. بېلگىيە كوماندىسىمۇ بىرازىلىيە كوماندىسىغا ئوخشاش يېقىنقى 10 مەيدان مۇسابىقىدە سەككىز قېتىم ئۇتۇپ، ئىككى قېتىم تەڭلەشكەن بولۇپ، يېقىنقى ئالتە مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە تولۇق غەلىبە قىلغان ھەمدە گۇرۇپپا باسقۇچىدا تولۇق غەلىبە قىلىپ بىرىنچىلىكنى ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم سېپىمۇ قالتىس ئىپادىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ياپونىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە 2:0 نەتىجە بىلەن ئارقىدا قىلىپ، ئاخىرىدا 2:3 نەتىجە بىلەن نومۇر پەرقىدە تەتۈر ئېشىپ، ياپونىيە كوماندىسىنى شاللىغان.

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك