• دۇنيا لوڭقىسى: فىرانسىيە 0:2 ئۇرۇگۋاي

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-07 07:47
  • دۇنيا لوڭقىسى: فىرانسىيە 0:2 ئۇرۇگۋاي

    7-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ 22:00دىكى دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا گىرېزمان ئىختىيارىي توپ باشلاپ، ۋارانې كاللا توپ كىرگۈزدى، يېرىم مەيدان مۇسابىقە 1-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا فىرانسىيە كوماندىسىدىن گىرېزمان بىر توپ كىرگۈزۈپ، فىرانسىيە كوماندىسى 2-0 نەتىجىدە غەلبە قىلدى، شۇنداقلا تۆت كۈچلۈككە كىردى.

    مۇسابىقە باشلىنىشىغىلا ئىككى تەرەپ ھۇجۇم قىلىشنى باشلىۋەتتى، مۇسابىقىنىڭ 5-مىنۇتىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللىدى، سۇئارېز چەكلەنگەن رايوندا پاس چىقاردى، بىراق ستۇيانى تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 15-مىنۇتىدا فىرانسىيە كوماندىسى پۇرسەتكە ئېرىشتى، گىرۇد كاللا توپتا پاس چىقاردى، بىراق مىباپپېنىڭ كاللا توپى قاپقا ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 33-مىنۇتىدا فىرانسىيە كوماندىسىدىن لۇكاس سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلدى. مۇسابىقىنىڭ 35-مىنۇتىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللىدى، بىراق لورىس بېسانونىڭ توپىنى تۇتىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 38-مىنۇتىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىسىدىن بېنتاكۇر سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلدى.

    مۇسابىقىنىڭ 39-مىنۇتدا فىرانسىيە كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، بېنتاكۇر قائىدىگە خىلاپلىق قىلغاچقا فىرانسىيە كوماندىسى ئىختىيارىي توپقا ئېرىشتى، گىرېزمان ئىختىيارىي توپ باشلاپ، ۋارانې كاللا توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 43-مىنۇتىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللىدى، تورېرا توپنى چەكلەنگەن رايونغا تاشلىدى، بىراق لورىس قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ كاسېرېسنىڭ كاللا توپىنى تۇتۇۋالدى. يېرىم مەيدان مۇسابىقە 1-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

    مۇسابىقىنىڭ 50-مىنۇتىدا مىباپپې ئىختىيارىي توپ باشلىدى، بىراق ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى توپنى توسىۋالدى. 52-مىنۇتىدا گىرېزمان بۇلۇڭ توپ باشلىدى، بىراق ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنىڭ بېكلىرى توپنى توسىۋالدى. 55-مىنۇتىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىسىدىن كاسېرېسنىڭ توپى قاپقا ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 57-مىنۇتىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللىدى، بىراق فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ بېكلىرى توپنى توسىۋالدى. 58-مىنۇتىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىسى بىراقلا ئىككى توپچىنى ئالماشتۇردى. مۇسابىقىنىڭ 60-مىنۇتىدا فىرانسىيە كوماندىسى نومۇر پەرقىنى چوڭلاتتى، تولىسسو پاس چىقاردى، بىراق ئۇرۇگۋاي قاپقىچىسى گرېزمان يىراقتىن تەپكەن توپنى توسالمىدى. مۇسابىقىنىڭ 63-مىنۇتىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىسى بۇلۇڭ توپ باشلىدى، بىراق فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ بېكلىرى توپنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 65-مىنۇتىدا مىباپپې يالغان يىقىلغاچقا ئىككى تەرەپ توپچىلىرى توقۇنۇشۇپ قالدى، باش رېپىر مىباپپېغا سېرىق كارتا جازاسى بەردى.

    مۇسابىقىنىڭ 72-مىنۇتىدا تولىسسو تەپكەن توپ قاپقا ئۈستىدىن چىقىپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 75-مىنۇتىدا گىرۇد يىراقتىن تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 78-مىنۇتىدا تولىسسو زونزى بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. مۇسابىقىنىڭ 85-مىنۇتىدا ھۇجۇم تەشكىللىدى، بىراق ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنىڭ بېكلىرى توپنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 87-مىنۇتىدا مىباپپې دېمبېلې بىلەن ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، فىرانسىيە كوماندىسى 2-0 نەتىجىدە غەلبە قىلدى، شۇنداقلا تۆت كۈچلۈككە كىردى.

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00