• دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ: بېلگىيە 1:2 بىرازىلىيە

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-07 07:23
  • دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ: بېلگىيە 1:2 بىرازىلىيە

    بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 2:00دە، 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى قازان تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، بېلگىيە كوماندىسى بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بىرازىلىيە كوماندىسىدىن فېرناندىنھو «خائىن توپ»تىن بىرنى كىرگۈزدى، كەينىدىن بېلگىيە كوماندىسىدىن لۇكاكۇنىڭ ياردەم پاس بېرىشى بىلەن دېبرۈينى بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بىرازىلىيە كوماندىسى ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى، زاپاس ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشكەن ئاۋگۇستو نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا بىرازىلىيە كوماندىسى شىددەت بىلەن ھۇجۇم تەشكىللىگەن بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۆزگۈرۈش بولمىدى، ئاخىرىدا بېلگىيە كوماندىسى 1:2 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 

    مۇسابىقە باشلىنىپلا بىرازىلىيە كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، تياگو سىلۋانىڭ ئۈسكەن كاللا توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 13 مىنۇت بولغاندا بېلگىيە كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، بېلگىيە كوماندىسى بۇلۇڭ توپ ئارقىلىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، چادلىنىڭ بۇلۇڭ توپ باشلىشى بىلەن كومپانىنىڭ ئۈسكەن كاللا توپى بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەچىسى فېرناندىنھونىڭ بەدىنىگە تېگىپ قاپقىغا كىردى، مەيدان نەتىجىسى بېلگىيە 0:1 بىرازىلىيە.

    مۇسابىقە باشلىنىپ 31 مىنۇت بولغاندا، بېلگىيە كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، بېلگىيە كوماندىسى تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللەپ، لۇكاكۇ توپنى ھەيدەپ، مۇداپىئەچىلەرنىڭ توسقۇنلۇقى ئاستىدا توپنى ئوڭ تەرەپتىن يېتىشىپ كەلگەن دېبرۈينىغا پاس يەتكۈزدى، دېبرۈينى توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايون سىزىقى ئۈستىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى بېلگىيە 0:2 بىرازىلىيە.

    ئىككى توپ كەينىدە قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ، شىددەت بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۆزگۈرۈش بولمىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بېلگىيە كوماندىسىنىڭ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، كوماندا ئەزالىرى ئارىسىدا تەڭشەش ئېلىپ بارغان بىرازىلىيە كوماندىسى پۈتۈنلەي ھۇجۇمنى ئاساس قىلىپ ئوينىغان بولسىمۇ مەيدان نەتىجىسىدە يەنىلا ئۆزگۈرۈش بولمىدى.

    75 مىنۇت بولغاندا، بىرازىلىيە كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، بىرازىلىيە كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، دوگلاس كوستانىڭ پاس بېرىشى بىلەن ئۈچىنچى بولۇپ زاپاس ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشكەن ئاۋگۇستو قاپقا ئالدىدا توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى بېلگىيە 1:2 بىرازىلىيە.

    مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا بىرازىلىيە كوماندىسى يەنىلا بوشاشماي داۋاملىق شىددەت بىلەن ھۇجۇم تەشكىللىدى، ھەر ئىككى كوماندا ئەزالىرىنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ خورىشى نەتىجىسىدە، بېلگىيە كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىدە ئاز-تولا يوچۇقلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرازىلىيە كوماندىسى پۇرسەتنى چىڭ تۇتالمىدى، ئەسلىدىنلا ھۇجۇمنى ئاساس قىلىپ ئوينايدىغان بېلگىيە كوماندىسمۇ مۇداپىئەدىن سىرت تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇملارنى تەشكىللىگەن بولسىمۇ، ئوخشاشلا نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى، ئاخىرىدا بېلگىيە كوماندىسى 1:2 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىككىنچى بولۇپ تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالغان كوماندىغا ئايلاندى.

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك