• شىنجاڭدىكى ئەڭ چىرايلىق يەتتە قۇرۇلۇشقا نەزەر

  • يوللىغۇچى : dilara
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-07 07:58
  • شىنجاڭدىكى ئەڭ چىرايلىق يەتتە قۇرۇلۇشقا نەزەر

    ئانا دىيارىمىز شىنجاڭدا نۇرغۇن گۈزەل تاغ-دەريالارلا بولۇپ قالماستىن يەنە نۇرغۇن چىرايلىق قۇرۇلۇش-ئىمارەتلەرمۇ بار، بۈگۈن بىز شىنجاڭدىكى ئەڭ چىرايلىق يەتتە قۇرۇلۇشنى كۆرۈپ باقايلى:

    1. خەلقئارا چوڭ بازىرى

    بۇ ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە قۇرۇلۇش، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ بازار بولۇپ، نۇرغۇن چەتئەللىك ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كەلگەندە چوقۇم خەلقئارا چوڭ بازىرىنى كۆرمەي كەتمەيدۇ، خەلقئارا چوڭ بازىرىدىن شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى، قۇرۇق مېۋىلىرى، قاشتېشى، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، گىلەم ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قاندىقىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

    2. ئىلى كەڭساي چوڭ كۆۋرۈكى

    كەڭساي چوڭ كۆۋرۈكىنى شىنجاڭدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش دېيىشكە بولىدۇ، كۆۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى 200 مېتىر بولۇپ، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز چوققىلار ئارىسىغا ياسالغان. ئۆز ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلار بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە قەلبى لەرزىگە كەلمەي قالمايدۇ.

    3. ئۈرۈمچى جۇڭتىيەن مەيدانى

    بۇ ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش (230 مېتىر)، شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چىرايلىق ئېگىز بىنا بولۇپ، جۇڭتىيەن مەيدانىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن بۇ سۈرەتتىن ئۇنىڭ قانچىلىك چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

    4. تېكەس سەككىز رەم شەھىرى

    تېكەس سەككىز رەم شەھىرى ئىلىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر سەككىز رەم شەكىللىك شەھەر، شۇنداقلا بىردىنبىر قىزىل، يېشىل، سېرىق رەڭلىك قاتناش چىرىغى يوق شەھەر. بوشلۇقتىن بۇ شەھەرگە قارىغاندا پۈتۈن شەھەر خۇددى بىر غايەت زور سەككىز رەم شەكلىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ناھايىتى سىرلىق بىلىنىدۇ.

    5. ئۈرۈمچى (يېكەنكۆل) نەنخۇدىكى «خۇشچىراي بىنا»

    مانا بۇ ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ رومانتىك جاي!

    6. قارامايدىكى «زور نېفىت كۆپۈكچىسى»

    قاراماينىڭ نېفىت شەھىرى ۋە باي شەھەر ئىكەنلىكى شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان، بۇ قارامايدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، نېفىت كۆپۈكچىلىرى ئارقىلىق قاراماي شەھىرىنىڭ نېفىت شەھىرى ئىكەنلىكى ئوبرازلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

    7. سانجى شەھىرىدىكى چوڭ تىياتىرخانا

    شىنجاڭدىكى ئەڭ داڭلىق ۋە ئەڭ كۆركەم قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، سانجى چوڭ تىياتىرخانىسىدا دائىم يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوپېرا ۋە سەنئەت كېچىلىكلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، غەربى دىيار مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشنى خالايدىغان ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كەلمەي قالمايدۇ.

    ئەسكەرتىش: مەزكۇر خەۋەر پەقەت تەرجىمە خەۋەر.

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك