• فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇرۇگۋاينى يەڭدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-07 04:27
  • فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇرۇگۋاينى يەڭدى

    بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئىيۇل كەچ ئوينالغان 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە فرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسى ئۇچراشتى ئاخىرىدا فرانسىيە كوماندىسى ۋارانى بىلەن گىرېزماننىڭ كىرگۈزگەن توپىغا تايىنىپ 0:2 نەتىجە بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا تۆت كۈچلۈك قاتارىدىن ئورۇن ئالغان تۇنجى كوماندىغا ئايلاندى، بۇمۇ ھەم فرانسىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن فرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ئۈچ قېتىم مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، ھەممىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرىدە يۈز بەرگەن. فرانسىيە كوماندىسى ئىككى قېتىم تەڭلىشىپ، بىر قېتىم مەغلۇپ بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ ئۈچ قېتىمنىڭ ھەممىسىدە گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ كەينىگە تىزىلىپ شاللانغان.

    1966-يىللىق ئېنگلاند دۇنيا لوڭقىسى ئىككىنچى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، فرانسىيە كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسىغا ئۇتتۇرغان، ئاخىرىدا فرانسىيە كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە بىر مەيدان تەڭلىشىش، ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلغان، ئۇرۇگۋاي كوماندىسى بىر مەيدان غەلبە قىلىش ۋە ئىككى مەيدان تەڭلىشىشتەك نەتىجىسى بىلەن گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بولۇپ شاللاش باسقۇچىغا قەدەم باسقان.

    2002-يىللىق ياپونىيە-كورېيە دۇنيا لوڭقىسى ئىككىنچى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، فرانسىيە كوماندىسى 0:0 نەتىجىدە ئۇرۇگۋاي كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەن، ھەر ئىككى كوماندا گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان، لېكىن ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون كوماندا بولغان فرانسىيە كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئويلىمىغان يەردىن بىر مەيدان تەڭلىشىش ۋە ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجە بىلەن بىلەن گۇرۇپپىنىڭ ئاخىرىغا تىزىلغان.

    2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى تۇنجى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، فرانسىيە كوماندىسى 0:0 نەتىجىدە ئۇرۇگۋاي كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەن، فرانسىيە كوماندىسى ئاخىرىدا بىر مەيدان تەڭلىشىش ۋە ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجە بىلەن بىلەن گۇرۇپپىنىڭ ئاخىرىغا تىزىلغان، ئۇرۇگۋاي كوماندىسى بولسا ئىككى مەيدان غەلبە قىلىش ۋە بىر مەيدان تەڭلىشىشتەك نەتىجىسى بىلەن گۇرۇپپىنىڭ سەركىسى بولۇپ، شاللاش باسقۇچىغا قەدەم باسقان ھەمدە ئاخىرىدا شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە تۆتىنچىلىككە ئېرىشىپ، ئەڭ چوڭ «قارا تۇلپار»غا ئايلانغان.

    بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە فرانسىيە كوماندىسى ئاخىرى ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلالماسلىقتەك ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان ھالەتكە خاتىمە بېرىپ، ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۇنجى بولۇپ تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، فرانسىيە كوماندىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى رەقىبى بولسا برازىلىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان بېلگىيە كوماندىسى.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00