• دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ: ئېنگلاند vs شۋېتسىيە مۇسابىقىسىگە نەزەر

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-07 04:56
  • دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ: ئېنگلاند vs شۋېتسىيە مۇسابىقىسىگە نەزەر

    بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 22:00دە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئېنگلاند كوماندىسى بىلەن شۋېتسىيە كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ. ئېنگلاند كوماندىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كولۇمبىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان بولۇپ، شۋېتسىيە كوماندىسى شۋېتسارىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچى جەھەتتىكى پەرقنى ئويلاشقاندا، ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىش نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ، لېكىن دۇنيا لوڭقىسىدا ئاجىز كوماندا يوق، ئەگەر شۋېتسىيە كوماندىسى ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالىسا ھەمدە خاررى كېن باشچىلىقىدىكى ئېنگلاند كوماندىسى ھۇجۇم سېپىنى توسالىسا، ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىشىدىمۇ ئۈمىد پەيدا بولىدۇ.

    مۇسابىقە خاراكتېرى: 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى

    مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 22:00

    مۇسابىقە ئورنى: سامارا توپ مەيدانى

    بۇ مۇسابىقىدىكى كۆرۈش نۇقتىلىرى:

    1. ئېنگلاند كوماندىسى تۆت كۈچلۈكنى نىشانلىدى

    ئېنگلاند كوماندىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق كولۇمبىيە كوماندىسىنى شاللىغان، شۋېتسىيە كوماندىسى بولسا فورسبېرگنىڭ كىرگۈزگەن توپىغا تايىنىپ 0:1 نەتىجە بىلەن شۋېتسارىيە كوماندىسىنى شاللىغان ھەمدە 24 يىلدىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسى سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن، ئېنگلاند كوماندىسىمۇ 12 يىلدىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسى سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا قايتقان. نۇرغۇنلىغان مەستانىلەر بۇ مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغۇچىنىڭ ئېنگلاند كوماندىسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرمەكتە، ئېنگلاند كوماندىسىمۇ تۆت كۈچلۈككە كىرىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇلار شۋېتسىيە كوماندىسىنى شاللىسا، ئۇنداقتا 28 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن بولىدۇ.

    2. رەقىبلەرنىڭ ئۇچرىشىشى

    ئىككى كوماندا تارىختا 23 قېتىم مۇسابىقىلىشىپ باققان بولۇپ، ئوخشاشلا يەتتە قېتىم ئۇتۇپ، توققۇز قېتىم تەڭلەشكەن ھەمدە يەتتە قېتىم ئۇتتۇرغان. ئىككى كوماندا دۇنيا لوڭقىسىدا ئىككى قېتىم مۇسابىقىلىشىپ ئوخشاشلا تەڭلىشىپ قالغان بولۇپ، يېقىنقى بىر قېتىملىقى 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپا باسقۇچىدا يۈز بەرگەن، ئەينى ۋاقىتتا شۋېتسىيە كوماندىسى 2:2 نەتىجىدە ئېنگلاند كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان. ئىككى كوماندىنىڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق مۇسابىقىسى 2012-يىلى ئوينالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا شۋېتسىيە كوماندىسى 2:4 نەتىجە بىلەن ئېنگلاند كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان، بۇ مۇسابىقىدە ئىبراھىموۋىچ تۆت توپ كىرگۈزگەن، لېكىن ھازىر ئىبراھىموۋىچ بولمىغاچقا، ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپى بىر قەدەر خاتىرجەم بولۇشى مۇمكىن.

    3. كوزېرنىڭ كوزېر بىلەن تىركىشىشى

    ئېنگلاند كوماندىسىدىكى خاررى كېن تۆت مەيدان مۇسابىقىدە ئالتە توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ھازىر دۇنيا لوڭقىسى مەرگەنلەر تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، ئۇنىڭ دۇنيا لوڭقسىى ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە ئۈمىد زور، شۇنداقلا شۋېتسىيە كوماندىسى بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىدە ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم ۋەزىپىسىنى ئۆز زىممىسىغا ئالىدۇ. شۋېتسىيە كوماندىسىغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادروسى فورسبېرگنىڭ ئىپادىسى ئۇلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلار چوقۇم بۇ توپچىغا تايىنىپ ھۇجۇم تەشكىللىشى كېرەك، ئالدىنقى مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزگەن فورسبېرگمۇ قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئېنگلاند كوماندىسىغا تەھدىت سېلىشنى ھەمدە ئۇلارنى شاللاشنى ئۈمىد قىلماقتا.

    4. خاررى كېن لىنېكېرنىڭ رېكورتىدىن ئاشماقچى

    خاررى كېن بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئالتە توپ كىرگۈزۈپ بولدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئېنگلاند كوماندىسىدىكى ھېچقانداق توپچى يەككە نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئالتە توپتىن ئارتۇق توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان بولۇپ، خاررى كېن يەنە بىر توپ كىرگۈزسىلا لىنېكېر 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ياراتقان يەككە نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئالتە توپ كىرگۈزۈش رېكورتىدىن ئاشىدۇ.

    5. شۋېتسىيە كوماندىسىنىڭ مۇھىم توپچىسى مۇسابىقىگە چۈشەلمەيدۇ

    شۋېتسىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئوڭ بېكى لۇستىگ ئىككى سېرىق كارتا ئالغانلىقى سەۋەبلىك بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغان بولۇپ، لېكىن 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مەيدانغا چۈشەلمىگەن مۇئاۋىن كاپىتان لارسون مەيدانغا چۈشەلەيدۇ، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشى شۋېتسىيە كوماندىسىغا نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ خۇش خەۋەر ھېسابلىنىدۇ. ئېنگلاند كوماندىسى تەرەپتە ئاللى، ئاشلېي ياڭ، ۋالكېر، خاررى كېنلارنىڭ يارىسىدا چوڭ مەسىلە يوق بولۇپ، پەقەت ۋاردىنىڭلا مەيدانغا چۈشۈش-چۈشمەسلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس.

    مەنبەسى :nur




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك