• جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى توشۇش مىقدارى تېز ئاشتى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-13 03:40
  • جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى توشۇش مىقدارى تېز ئاشتى

    مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئايدىن 6-ئايغىچە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسىپورتى ئارقىلىق شىنجاڭدىن باشقا جايغا توشۇلغان مېۋە-چېۋىلەر 1500 توننىدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشقان.

      جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئۈرۈمچىدىن مەملىكەتنىڭ ھەر جايلىرىغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئارقىلىق مېۋە-چېۋىلەرنى بىر كۈندىلا يەتكۈزگىلى بولىدۇ، شىنجاڭدىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان لىنىيەلەردىمۇ بىر كۈندىلا يەتكۈزگىلى بولىدۇ، ئۈرۈمچىدە ئايروپىلان ئالمىشىدىغان لىنىيەلەردە ئىككىنچى كۈنى يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

      سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ھۆددىگە ئالغان شىنجاڭدىن باشقا جايغا توشۇلىدىغان مېۋە-چېۋىلەر يىلىغا 6000-8000 توننىغا يەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلانىنىڭ شىنجاڭغا كېلىش قېتىم سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، توشۇش مىقدارى يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بوئىن 787 تىپلىق ئايروپىلانى بۇ يىل ئاساسلىقى ئۈرۈمچى-بېيجىڭ، ئۈرۈمچى-چېڭدۇ، ئۈرۈمچى-شاڭخەي لىنىيەسىدە قاتنايدىغان بولۇپ، ھەربىر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 15 توننا يۈك توشۇغىلى بولىدىكەن، بۇ، مېۋە-چېۋە تىرانسپورتىغا قولايلىق شەرت ھازىرلايدۇ.

      8-ئايدىن 12-ئايغىچە شىنجاڭدا قەشقەر ئەينۇلىسى، خوتەن ئانارى ۋە چىلىنى، كورلا نەشپۈتى، ئاقسۇ ئالمىسى قاتارلىق مېۋىلەرنى توشۇش پەسلى بولۇپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى توشۇشقا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك