• خانلىق مادرىدنىڭ مىباپپېغا قارىغاندا نېيمارنى قوشۇۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىراق

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-20 01:32
  • خانلىق مادرىدنىڭ مىباپپېغا قارىغاندا نېيمارنى قوشۇۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىراق

    ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پارىژ سانت گېرماننىڭ نەزىرىدە مىباپپېنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى نېيماردىن يۇقىرى ئىكەن. شۇڭا سېتىش توغرا كەلسە نېيمارنى قولدىن چىقىرىشقا رازىكى، مىباپپېنى ھەرگىز قولدىن چىقارمايدىكەن. 

    خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، پارىژ ھەرگىزمۇ مىباپپېنى خانلىق مادرىدقا سېتىپ بەرمەيدىكەن، لېكىن نېيمار توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قارشى ئەمەسكەن، پارىژ ترېنېرى تۇخېلمۇ نېيمارنى كەم بولسا بولمايدىغان توپچى دەپ قارىمايدۇ، ئەگەر دىبالاغا ئوخشاش ئىز باسار قوشۇۋالالىسا ئۇلار نېيمارنى قويۇپ بېرىشنى خالايدۇ، فىلورېنتىنومۇ ھازىر نېيمارنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. 

    «ئا س گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىباپپېنىڭ خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئەمەسكەن، لېكىن نېيمارنىڭ قوشۇلۇشىدا ئۈمىد بار، چۈنكى نېيمار ئەينى چاغدا مېسسىنىڭ سايىسى بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ بارسېلونادىن ئايرىلغان، ھازىر مىباپپې پەيدا بولدى، يەنە كېلىپ رونالدونىڭ كېتىشى بىلەن نېيمار خانلىق مادرىدتا مۇتلەق نوپۇزغا ئېرىشەلەيدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك