• رونالدو: ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا كىمنىڭ ئەڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلىمىز

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-20 01:11
  • رونالدو: ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا كىمنىڭ ئەڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلىمىز

    بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 00:30دا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا كىرىستىيانو رونالدو رەسمىي ھالدا يۇۋېنتۇس مۇسابىقە كىيىمىنى كۆتۈردى. ئۇ مۇخبىرلار يىغىنىدا مېسسى ۋە باشقا توپچىلار بىلەن رىقابەتلىشىش توغرىسىدا توختالغان.

    مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن زېكو قاتارلىق مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىلار بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە رىقابەتلىشىشكە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغاندا، كىرىستىيانو رونالدو مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

    «مەن باشقا توپچىلارنى ئۆزۈمنىڭ رەقىبى دەپ قارىمايمەن، بۇ مېنىڭ تۇرمۇش ئۇسلۇبۇم ئەمەس. ئەلۋەتتە، ھەممىمىز غەلىبە قىلىشنى ئويلايمىز. بىز ھەممە مۇسابىقىلەردە غەلىبە قىلىشنى ئويلايمىز، بۇمۇ ئەڭ چوڭ رىقابەت ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ، ئەڭ ياخشى سەۋىيەنى نامايەن قىلىش مېنىڭچە ئىنتايىن قىزىقارلىق رىقابەت ھېسابلىنىدۇ.»

    «ھەممەيلەن مېنى مېسسى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتىدۇ دېيىشىدۇ، لېكىن بىز ئالدى بىلەن مۇسابىقىلىرىمىزنى ياخشى تاماملاشنى ئويلايمىز، ھەممەيلەن ئۆز كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، مەنمۇ شۇنداق.»

    «ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا كىمنىڭ ئەڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.»

    مەنبەسى :تېڭشۈن


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك