• 1976-يىلى تۇغۇلغان ئون چوڭ ئايال چولپان

  • يوللىغۇچى : دىلرابە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-20 09:34
  • 1976-يىلى تۇغۇلغان ئون چوڭ ئايال چولپان

    1. ليۇ مىنتاۋ

    1976-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنتەي شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق ئايال ئارتىسى. 2015-يىلىدىكى قىزغىن قويۇلغان «نىقابلانغۇچى» (伪装者) ۋە «لاڭيا تىزىملىكى» (琅琊榜) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن كۆرۈرمەنلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. ئۇ بىر قالتىس ئارتىس، بىلىملىك، ئەمەلىيەتچىل ئايال. ئۇنىڭ ياراتقان ئوبرازلىرىنىڭ ھەممىسى چىن يۈرىكىدىن چىقىدىغان چىن ۋە ھەقىقىيدۇر.

    2. لىن شىنرۇ

    1976-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ تەيبېي شەھىرىدە تۇغۇلغان، جۇڭگو-تەيۋەن ئايال ئارتىسى، ناخشىچى، كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلىگۈچىسى. 1998-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان «مەلىكە خۇەنجۇ» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا «شيا زىۋېي»نىڭ ئوبرازى بىلەن داڭلىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، كېيىنكى يىلى «مەلىكە خۇەنجۇ 2»نى ئىشلىگەن. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرى كۆرۈلۈش رېكورتىنى ياراتقان. 2001-يىلى ئۇ رول ئالغان مىنگو دەۋرى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «سىم-سىم يامغۇردىكى چوڭقۇر مۇھەببەت» مۇ يىللىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈلۈش چېمپىيونى بولغان. ئۇنىڭ مەپتۇن قىلارلىق بىر جۈپ كۆزى، كىشىنى مەستخۇش قىلغۇدەك كۈلۈشلىرى مىليونلىغان كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىنى رام قىلغان.

    3. لى شياڭ

    1976-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى خۇنەن چاڭشادا تۇغۇلغان، جۇڭگو مېدىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، رىياسەتچى، فىلىم ئىشلىگۈچى. 1997-يىلى خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ «شادلىق لاگېرى» ناملىق پىروگىراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، 2003-يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ مەملىكەتلىك سۈنئىي ھەمراھ قاناللىرى سو فۇرۇي كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن رىياسەتچىلەرنىڭ چېمپىيونى بولغان. لى شياڭ ھەمىشە كىشىگە چاقماقتەك تېز تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەسلىدىنلا، ئۇنىۋېرسال پىروگىراممىنىڭ «چوڭامى» بولىدىغان ئۇ كەسپىنىڭ يۈكسەك مەزگىلىدە «شادلىق لاگېرى»دىن ئايرىلىپ، بوغچىسىنى يۈدۈپلا سودا ساھەسىگە يۈرۈش قىلدى. جەڭ ئېلان قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، قەلب ساداسى بويىچە ئىش تۇتىدىغان ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنى بىر ئىش قىلىشقا مەجبۇرلاپ باققان ئەمەس، يەنە كېلىپ ئىنتايىن ئىقتىدارلىق.

    4. جاۋ ۋېي

    1976-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان، خەنزۇ تىلى كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى ئايال ئارتىس، ناخشىچى، رېژىسسور، نازارەتچى، بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتى رېژىسسورلۇق كەسپىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى ئۇ باش رول ئالغان «مەلىكە خۇەنجۇ» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قويۇلۇپ، كۆرۈلۈش نىسبىىتى جەھەتتە جۇڭگودا بىرىنچى، ئاسىيادا بىرىنچى، قايتا قويۇلۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك رېكورتلارنى ياراتتى. جاۋ ۋېي ئەنئەنىۋى بۇلاق كۆزلۈك ساھىبجامال بولۇپ، يۈز قۇرۇلۇشىمۇ شۇنچىلىك ئۆلچەملىك. پۈتكۈل تۇرقى كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ.

    5. شۇ چى

    1976-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ بېيشى شەھىرىدە تۇغۇلغان، خەنزۇتىلى كىنو-تېلېۋىزىيە ئايال ئارتىسى، مودېل. شۇ چى ئىنتايىن چىرايلىق، مەيلى ئۇزۇن كۆينەك كىيسۇن ياكى كاستيۇم-بۇرۇلكا كىيىسۇن ۋۇجۇدىدىن بىر خىل مودا تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇ چىمۇ بەزىدە تەننازلىق يولىدا ماڭسا، بەزىدە ئوماق قىزلارنىڭ يولىدا ماڭىدۇ. يەنە بەزىدە «بېگىملەر»دەك يۈرسە، يەنە بەزىدە خانىم-قىزلارغا ئوخشاش مۇلايىملىقنى ئىپادىلەيدۇ.

    6. لى شياۋرەن

    1976-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا تۇغۇلغان، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق ئايال ئارتىسى، بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنىستىتۇتىتىنى پۈتتۈرگەن. لى شياۋرەننىڭ بەدەن شەكلى ئېگىز، تاشقى قىياپىتى ئوماق بولۇپ، كىشىگە تۇنجى قېتىم زىلۋا، چاققاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇنىڭ مىجەزىمۇ مۇستەقىل بولۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتىكى ئۇ تۈز، جاھىل، مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق شىماللىق قىزدۇر.

    7. ما يىلى

    1976-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى شاڭخەي شەھىرى خوڭكوۋ رايونىدا تۇغۇلغان، ئەجدادى جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتوڭ شەھىرى، رۇدوڭ ناھىيەسىدىن، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق ئايال ئارتىسى. شاڭخەي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ 1994-يىللىق ئاكتيورلۇق تولۇق كۇرس سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. 2003-يىلى قەدىمكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مەلىكە خۇەنجۇ 3»تە رول ئېلىپ كىشىلەرگە تونۇلغان. 2007-يىلى «كۈرەش» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن كەڭ دىققەت قىلىشلارغا ئېرىشكەن.

    8. باۋ لېي

    1976-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1999-يىلى شاڭخەي تىياتىر ئىنىسىتۇتىتىنىڭ ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ھازىر شاڭخەي تىياتىر سەنئەت مەركىزىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. گەرچە ئۇ لۇ يى بىلەن توي قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا كىچىك بالىلاردەكلا ئىنتايىن سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل، خۇشخۇي ۋە مۇلايىم. كۈلسە تېخىمۇ ئوماقلىشىپ كېتىدۇ.

    9. شېن ئاۋجۈن (ئەسلى ئىسمى جاۋ يەن)

    1976-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدە تۇغۇلغان، شاڭخەي تىياتىر ئىنىستىتۇتى پۈتتۈرگەن، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق ئايال ئارتىسى. شېن ئاۋجۈن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان تەقى-تۇرقى ۋە تەسىر كۈچى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇ مەيلى «تاڭ سۇلالىسى مۇھەببەت داستانى»دىكى شوخ، بېشەم، ئەركە-نايناق گاۋ ياڭ مەلىكە، «خىسلەتلىك تىۋىپ شى لەيلې» دىكى ئايال خوجايىن سەي شىشىدە بولسۇن ياكى «ئالتۇن توي»دىكى لى تيەنجياۋ بولسۇن ھەممىسىدە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلمىگىدەك تەسىر قالدۇرغان.

    10. شۈ شىيۈەن

    1976-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ تەيبېي شەھىرىدە تۇغۇلغان، جۇڭگو تەيۋەن ئايال ئارتىسى، ناخشىچى، رىياسەتچى، يازغۇچى. 2001-يىلى «ئاقار يۇلتۇز گۈللۈكى»دە «شەن سەي»نىڭ رولىنى ئېلىپ داڭق قازانغان. شۈ شىيۈەننىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىدىكى تۇرقىدىن بىر خىل جەزبىدارلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، رول ئېلىش ماھارىتىمۇ ئىنتايىن قالتىس. ئۇنىڭ ھەتتا كۆزىمۇ سۆزلىيەلەيدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك