• شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشتى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-03 05:18
  • شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشتى

    G3012 لىنىيەسىنىڭ قاراقاش- خوتەن بۆلىكىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشتى

      يول راۋان بولسا، ئىشلار روناق تاپىدۇ.

      خوتەن ۋىلايىتى چەت، يىراققا جايلاشقان، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى قالاق بولۇپ، ئىلگىرى تۆمۈر يول خوتەندە ئۈزۈلۈپ قالاتتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يوق ئىدى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يەككە، «يولنىڭ ئاخىرى» دېگەن نامى بار ئىدى. G3012 لىنىيەسى قاراقاش- خوتەن بۆلىكىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا 8- ئاينىڭ 1- كۈنى قاتناش باشلانغانلىقى، خوتەن- چاقىلىق تۆمۈر يولىنىڭ دۆلەتنىڭ يېڭىدىن ئىش باشلايدىغان تۈرىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ تەدرىجىي كۆپەيتىلىشى بىلەن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش تورى تېز شەكىللىنىپ، رايون ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

      قاتناشنىڭ ئارقىدا قېلىشى رايون تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغان

      پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھماتنىڭ كۆزى، ئاساسىي قاتناش تورىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئۇزاقتىن بۇيان چەكلەپ كەلگەن «كەمتۈكلۈك» ئىدى.

      خوتەن ۋىلايىتىدە تار ھەم ئۇزۇن بوستانلىق بەلبېغى بار، شەھەرلەر بوستانلىق بويلاپ جايلاشقان، ئىلگىرىكى دۆلەت يولى 315- لىنىيەسى ھەرقايسى شەھەرلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، بىر تىزىق مارجان تاشيول ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

      خوتەن ۋىلايەتلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جيەنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر قاراقاش، خوتەن، لوپتىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيە، شەھەرنىڭ رايون ئاھالە زىچلىقى يۇقىرى، ئومۇمىي نوپۇسى پۈتۈن ۋىلايەت نوپۇسىنىڭ %65ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ بىر نەچچە ناھىيە، شەھەرنى دۆلەت يولى 315- لىنىيەسىلا تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى. بىراق، بۇ لىنىيە قوشۇمچە شەھەر يولى فۇنكسىيەسىگە ئىگە بولغاچقا، قىسمەن يول بۆلەكلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان بولۇپ، ھە دېسىلا قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلۈپ، «خوتەن- قاراقاش- لوپ ئىقتىساد چەمبىرىكى»نىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

      «خوتەندىن سىرتقا قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار دۆلەت يولى 315- لىنىيەسىدىنلا ماڭاتتى، يول ناچار، ئاپتوموبىللارنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا، مالنى يەتكۈزگىچە خوراش نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا %20كە يېتەتتى»، دېدى شىنجاڭ خوتەن «گوجىچۇ» يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گۈەن مىڭ.

      ۋاڭ جيەنجۈننىڭ قارىشىچە، قالاق قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى شارائىتىدا، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش تەس بولۇپ، بۇ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان «كەمتۈكلۈك» ئىكەن، ھازىرقى قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋىلايەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولالماي، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا سىڭىشىشتىكى قاتناش بوغما ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

      ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى تېز شەكىللەندى

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى قاتناش تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى.

      2011- يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى خوتەنگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، يەرلىكلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى، ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بۇلتۇر ئۈرۈمچى- خوتەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى قاتناپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان خوتەن ئۈرۈمچى مەركەز قىلىنغان «بىر كۈنلۈك شەھەر چەمبىرىكى»گە كىرگۈزۈلدى.

      ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تەدرىجىي كۆپەيتىلىپ، شىنجاڭ ئىچىدە قەشقەر، ئۈرۈمچى، كۇچا قاتارلىق جايلارغىچە، شىنجاڭ سىرتىدا بېيجىڭ، تيەنجىن، چېڭدۇ قاتارلىق جايلارغىچە تۇتىشىدىغان بولدى.

      تاشيول قاتناش ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى. ۋاڭ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى قاتناش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 19 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى غول لىنىيەسى 1200 كىلومېتىردىن ئېشىپ، يېزا- يېزىلارغا ئاسفالىت يول تۇتاشقان، ھەممە كەنتكە ئاپتوموبىل قاتنىغان قاتناش تىرانسپورت تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

      قاراقاش- خوتەن بۆلىكىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى، قولاي ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسپورت سىستېمىسى تېز شەكىللەندى. خوتەن ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇ رۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش قاتارلىقلاردا مۇھىم رولغا ئىگە.

      گۈەن مىڭ مۇنداق دېدى: قاتناش قولايلاشتى، كارخانىلارنىڭ توشۇش تەننەرخى تۆۋەنلىدى، مالنىڭ خورىشىمۇ زور دەرىجىدە ئازايدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدۇق.

      يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىش

      خوتەن ۋىلايىتى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ جەنۇبىي يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن، چوقۇم قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

      زۇ رۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، خوتەن ۋىلايىتى سىرت بىلەن ئالاقىلىشىدىغان يوللارنى ئېچىش، دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى غول لىنىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، رايون يول تورىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، قاغىلىق- قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، نىيە- لوپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، قەرەلىدە پۈتتۈرۈش ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ؛ خوتەن- چاقىلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ كېرىيە ئايرودۇرۇمى ۋە گۇما ئايرودۇرۇمى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتىنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇشنى بالدۇرراق باشلاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، قاتناشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەتنى تۈگىتىپ، قاتناش- تىرانسپورتتىكى قىيىن ۋەزىيەتنى ياخشىلاپ، رايونلار ئارا تەرەققىيات تەكشى بولماسلىقتەك پەرقنى تىرىشىپ كىچىكلىتىدۇ.

      كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان قاتناش ئەندىزىسى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، خوتەن ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن ۋېي مۇنداق دېدى: قاتناش ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ئاساسى، قاتناش قولايلىق بولسا، ساياھەتچىلىك يىلدىن- يىلغا ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ.

      چېن ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خوتەننىڭ ئۆزگىچە تارىخىي مەدەنىيىتى، تارىخىي يادىكارلىقلار، كوئېنلۇن مەدەنىيىتى، قاشتاش مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى قاتارلىقلار جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. لېكىن قاتناش ئىزچىل خوتەننىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت بولۇپ كەلگەنىدى.

      ھازىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش باشلاندى، تۆمۈريول ساياھەت مەخسۇس پويىزى ۋە پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانى كۈنسېرى كۆپەيدى، خوتەن ۋىلايىتى 1- ئايدىن 7- ئايغىچە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 100 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.6 ئاشتى.

      بۇلار چېن ۋېيغا خوتەننىڭ كەلگۈسى ساياھەتچىلىكىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ ئاتا قىلدى، چېن ۋېي مۇنداق دېدى: قاتناشنىڭ تەرەققىي قىلىشى سەپەر ئۇزۇن، ساياھەت قىسقا بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، بىز ئەڭ ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەلىك مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى، تەبىئىي مەنزىرە ساياھىتى ۋە ئائىلە ئاپتوموبىلى ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، خاس ماركىلارنى تېز بارلىققا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىمىز.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك