• ئەڭ يېڭى قىياپەتتىكى ھەشەمەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى ئېچىۋېتىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-16 01:45
  • ئەڭ يېڭى قىياپەتتىكى ھەشەمەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى ئېچىۋېتىلدى


    ئەلكۈيى تورى مەخسۇس خەۋىرى: بەش ئايلىق قۇرۇلۇشتىن كىيىن ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ ، بۈگۈندىن ئېتىبارەن خەلقئارا چوڭ بازار خەلق ئاممىسى ۋە ساياھەتچىلەر بىلەن رەسمىي يۆز كۆرۈشتى . 


      شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنى ئىسلاھ قىلىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا چوڭ بازار مەركەز قىلىنغان بولۇپ، ئەتراپتىكى ئىمارەتلەر ئۆزگەرتىلگەن. ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى كوچىلاردىكى ئىمارەتلەرنىڭ تىك يۈزىنى رېمونت قىلىش، قورشاۋ تام، ئېلان تاختىلىرىنى تازىلاش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش، ئىمارەتلەرنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىنى گۈزەللەشتۈرۈش، يوللاردىكى شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، يېڭىچە قىياپەتتىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى بۈگۈنكى ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ قىزىق نوقتا دىيىشكە بولىدۇ . بۇ قېتىملىق ئۆزگەرتىلىشتە مىللىيچە ئالاھىدىلىك ئاساسىي تېما قىلىنىدىغان بولۇپ، جەنۇبتا تاشقى ئايلانما يولى، شەرقتە ئالتۇن-كۈمۈش يولى، شىمالدا لۇڭچۈەن كوچىسىغا تۇتىشىدۇ، كۆلىمى تەخمىنەن 380 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، 73 ئىمارەتكە چېتىلىدۇ، يەنە يېڭىدىن 800 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مىللەتلەر پىيادە كوچىسى ياسالغان.

    ئەلكۈيى تورى بۈگۈن ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا چوڭ بازارنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن تورداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ بىر قىسىم رەسىم ۋە نەق مەيدان ۋىدىئولارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى قىزغىن قۇتلۇقلايدۇ .



    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك