• شىنجاڭلىق ئىككى ئوقۇغۇچى مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىش ئىجادىيتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-16 02:02
  • شىنجاڭلىق ئىككى ئوقۇغۇچى مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىش ئىجادىيتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

      ئۆز خەۋىرىمىز: يېقىندا، 16-نۆۋەتلىك «مەملىكەتلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇچۇر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەت پائالىيەت ئېلىپ بېرىش» نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا ئاياغلاشتى. قاتلاممۇ قاتلام تاللاشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى 30-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەۋەتكەن گەي يۈخاۋ بىلەن چېن خاۋياڭ ئىككەيلەننىڭ «ئادەم تىپلىق ماشىنا ئادەم چاقلىق كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسى» تولۇقسىز گورۇپپا بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ھەمدە پائالىيەتتىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات تۈرى بولغان ئېنئوۋشى مائارىپ سىستېمىلاشقان كەشپىياتتا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى رەت مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

        تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ مۇسابىقە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان، ئۇچۇر تېخنىكا جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى يېتىشتۈرىدىغان، ئەمەلىي ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئاشۇرىدىغان پاراۋانلىق پائالىيتى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ تۈردىكى مۇسابىقە 15 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى خىزمىتى ئىشخانىسى 2007-يىلى «دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى نىزامى» گە ئاساسەن، كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى خىزمەتچىلەر، شۇنداقلا «يېڭىلىق يارىتىش» نى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرنى نىشان قىلغان مۇھىم مۇكاپات ھېسابلىنىدىكەن.

        گەي يۈخاۋ بىلەن چېن خاۋياڭ ئىككەيلەننىڭ «ئادەم تىپلىق ماشىنا ئادەم چاقلىق كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسى» تولۇقسىز گورۇپپا تۈرىنىڭ مۇكاپاتلىنىشى شىنجاڭلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا، ئەقلىي ئىقتىدار، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيتىدە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك