• جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرى BRT4-لىنىيەسىنىڭ قىسمەن يوللىرىدا يول يۈرسە بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-16 02:07
  • جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرى BRT4-لىنىيەسىنىڭ قىسمەن يوللىرىدا يول يۈرسە بولىدۇ

      BRT4-لىنىيەسىنىڭ جەنۇبىي ئوتتۇرا ئاسىيا يولى، سۈنئىي ھەمراھ يولىدىكى مەخسۇس ئاپتوموبىل يولىنى تەڭشەش ئىسخېمىسى (سۈرەتنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەمىنلىگەن)

    BRT4-لىنىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى، سۈنئىي ھەمراھ يولىدىكى مەخسۇس يولىنى تەڭشەش ئىسخېمىسى (سۈرەتنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەمىنلىگەن)

      ئۆز خەۋىرىمىز: BRT مەخسۇس ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ، BRT4-لىنىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى، غەربىي قەشقەر يولى، سۈنئىي ھەمراھ يولىدىكى بىر قىسىم مەخسۇس ئاپتوموبىل يوللىرىدا قاتناش شەكلىنى تەڭشىدى.

      كونكرېت تەڭشىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

       BRT4-لىنىيەسى مەخسۇس ئاپتوموبىل يولى تەڭشىلىدىغان يول بۆلىكى

      ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى: سۈنئىي ھەمراھ يولىدىن قەشقەر يولىغىچە بولغان بۆلەك؛ قەشقەر غەربىي يولى: ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولىدىن بېيجىڭ يولىغىچە بولغان بۆلەك؛ سۈنئىي ھەمراھ يولى: ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولىدىن ئۈرۈمچى-سانجى قوشۇمچە يولىغىچە بولغان بۆلەك.

      BRT4-لىنىيەسى مەخسۇس يولىدا قاتناش تەشكىللەشنى تەڭشەش ئۇسۇلى: سائەت 9:30 دىن 10:30 غىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)، سائەت 19:30 دىن 20:30 غىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) توققۇز كىشىلىكتىن يۇقىرى جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرى (ئاپتوبۇس، ئوقۇلبۇس، ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ سېرىق تاختىلىق نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلىرى)، ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئالاھىدە ئاپتوموبىللارنىڭ BRT مەخسۇس يولىدا يۈرۈشىگە يول قويۇلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردا بارلىق جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ BRT مەخسۇس يولىدا يۈرۈشىگە يول قويۇلىدۇ.

      BRT مەخسۇس يولىدا يۈرگەن ئاپتوموبىللار BRT يولىدىكى بەلگە سىزىقى، قاتناش بەلگىسى ۋە BRT سىگنال چىرىغى كۆرسەتكەن يۆنىلىشتە يول يۈرۈشى كېرەك.

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىكىلەر شوپۇر دوستلارغا 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە تەشۋىق-تەربىيە مەزگىلى ئىكەنلىكىنى، 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئاپتوموبىللارغا چارە كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

    مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك