• لوپنۇردا تۇنجى نۆۋەتلىك نان بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-16 02:11
  • لوپنۇردا تۇنجى نۆۋەتلىك نان بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

     لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك نان مەدەنىيەت بايرىمى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى داشى باغچا كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، داڭلىق ماركىلارنى تەۋسىيە قىلىش، «نان پادىشاھى» چېمپىيۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى، «مەن لوپنۇر ئۈچۈن سۆزلەيمەن»، سېكۇنت ئىچىدە سېتىۋېلىش ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن، يەنە كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ۋە مىللىي ناخشا-ئۇسسۇللار ئارقىلىق ساياھەتچىلەرگە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى نامايان قىلىنىدىكەن.

        ئۇنىڭدىن سىرت، يەرلىكتىكى نان كەسپىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، ناھىيەدىكى دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، پائالىيەت نەق مەيداندا، ئىككى ئاممىۋى تاۋار ماركا بەلگىسى (logo)  ئېلان قىلىنىدىكەن.

    مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك