• مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ۋەزىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-16 09:21
  • مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ۋەزىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش

    ـــــ 7–ئايدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش ۋەزىيىتىگە نەزەر

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن ۋېيۋېي

      8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئاشكارىلانغان 7 – ئايدىكى ئاساسلىق ماكرو كۆرسەتمىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىۋاتقان ئىچكى – تاشقى مۇھىتتا كېيىنكى يېرىم يىللىق ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. سېلىنما، ئىستېمال قاتارلىق ئايلىق كۆرسەتمىلەردە قىسقا مەزگىللىك داۋالغۇش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسى، سۈپىتى، ئۈنۈمىدە ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى نامايان بولغان. جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى ئارقىلىق، مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش بولۇش مۇھىتىغا تاقابىل تۇرغان، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى سىلىق، مۇقىم بولۇشتەك ئاساسلىق ئۇل داۋاملىق پۇختىلانغان.

      ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن سىلىق، مۇقىم بولۇشنى ساقلىغان

      ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېھتىياج سانلىق مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن سىلىق، مۇقىم بولۇشنى ساقلىغان. ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە، 7 – ئايدا مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئەمەلىي ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن تەڭلەشكەن؛ مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەتچىلىكتىكى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن.

      ئېھتىياج جەھەتتە، 7 – ئايدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. 1 – ئايدىن 7 – ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 2017 – يىلىنىڭ يېرىم يىلىدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. 7 – ئايدا، ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 8.2 پىرسەنت پوئېنت تېزلەشكەن.

      دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ ئەيخۇا سېلىنما، ئىستېمال قاتارلىق ئېھتىياج كۆرسەتكۈچىنىڭ داۋالغۇشىغا قارىتا مۇنداق تەھلىل قىلدى: ئۇل ئەسلىھەلەر سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى بىر جەھەتتىن ئىلگىرىكى يىللاردىكى يۇقىرى تۈپ سان بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنە بىر جەھەتتىن جايلار ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلۇقلۇقى، قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى زورايتىپ، مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى ئۆستۈردى، بۇ قىسقا مەزگىلدە تۈرلەرنىڭ كەينىگە سۆرۈلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. كېيىنكى يېرىم يىلدا سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، تۈرلەرنىڭ تەستىقلىنىشىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن، ئۇل ئەسلىھەلەر سېلىنمىسىنىڭ مۇقىم بولۇشىدىن ئۈمىد بار. ئۇنىڭدىن سىرت، ئىمپورت تاموژنا بېجىنىڭ تەڭشىلىشى، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى قاتارلىق ئامىللار قىسقا مۇددەتلىك ئىستېمالنىڭ ئېشىشىغا بەزى تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن، 1 – ئايدىن 7 – ئايغىچە بولغان جەملىمە سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئىستېمالنىڭ ئېشىشى يەنىلا مۇۋاپىق دائىرە ئىچىدە بولىدىكەن.

      شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىملىقنى ساقلىغان. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1 – ئايدىن 7 – ئايغىچە، شەھەر – بازارلاردا 8 مىليون 800 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، 2017 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 250 مىڭ كىشى كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۈتۈن يىللىق نىشاننىڭ %80ى ئورۇندالغان. 7 – ئايدا، پۈتۈن مەملىكەت شەھەر – بازارلىرىدىكى تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.1 بولغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، 2017 – يىلىنىڭ ئوخشاش ئايدىكىسى بىلەن تەڭلەشكەن.

      ليۇ ئەيخۇانىڭ قارىشىچە، 7 – ئايدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېھتىياج ئاساسىي جەھەتتىن سىلىق، مۇقىم بولغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن سىلىق، مۇقىم بولغان.

      ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى ئۆسكەن

      ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزەتكەندە، ھەم سۈرئەتكە، ئومۇمىي مىقدارغا قاراش، ھەم قۇرۇلمىغا، ئۈنۈمگە قاراش كېرەك. 7 – ئايدىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىدە ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

      ئېھتىياج قۇرۇلمىسى داۋاملىق ياخشىلانغان. ئىستېمالدىن قارىغاندا، 1 – ئايدىن 7 – ئايغىچە، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى تۈرىدىكى، گىرىم بۇيۇملىرى تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى داۋاملىق ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلىغان، توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.3 ئاشقان، ئىستېمالنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملاشقان. سېلىنمىدىن قارىغاندا، ياسىمىچىلىق سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا تۆت ئاي ئېشىشنى ساقلىغان، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئىككى ئاي كىچىك كۆلەمدە ئېشىشنى ساقلىغان، سېلىنمىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ياخشىلانغان.

      يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى داۋاملىق كۈچ بەرگەن. سانائەتتىن قارىغاندا، 1 – ئايدىن 7 – ئايغىچە، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭكىدىن 5 پىرسەنت پوئېنت، 2.4 پىرسەنت پوئېنت ۋە 2 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. مۇلازىمەتچىلىك جەھەتتىن قارىغاندا، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە مۇلازىمەتچىلىك، پەن – تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكى، يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تىجارەت كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆلەمدىن يۇقىرى مۇلازىمەتچىلىكنىڭكىدىن تېز بولغان.

      ئىقتىسادىي ئۈنۈم داۋاملىق ئاشقان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1 – ئايدىن 5 – ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.

      رايون تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قويۇپ بېرىلگەن. بۇ يىلدىن بۇيان، شەرقىي قىسىم رايونلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش رولى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلغان، ئوتتۇرا غەربىي رايونلارنىڭ كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش ئەۋزەللىكى داۋاملىق نامايان بولغان. گۈيجۇۋ ئۆلكىسىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىدا %10لىك ئېشىش كۆرۈلگەن، جياڭشى، خۇبېي، خېنەننىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %9، %7.8، %7.8 بولغان، ئوتتۇرا غەربىي رايونلار ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانغان.

       ليۇ ئەيخۇا مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسى داۋاملىق ياخشىلاندى، سۈپىتى، ئۈنۈمى مۇقىم ئاشتى. ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى ياخشى ۋەزىيەت كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىگە پۇختا ئاساس سالىدۇ.

      مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش بولۇشقا تاقابىل تۇرۇلىدۇ

      ‹‹نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش بولۇپ بەزى يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى، تاشقى مۇھىتتا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى››. يېقىندا ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا ھەم ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادتىكى ياخشى ۋەزىيەت تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، ھەم نۆۋەتتە دۇچ كېلىدىغان مەسىلە، خىرىسلار ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ كۆرسىتىپ بېرىلدى.

      مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: دۆلەت سىرتىدىن قارىغاندا، سودا قورۇقچىلىقى ئاز – تولا باش كۆتۈردى، خەلقئارا سودىدا بىرقەدەر زور مۇقىمسىزلىق كۆرۈلدى. دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە ئۈنۈم قازىنىلغان بولسىمۇ، لېكىن تەڭپۇڭ بولماسلىق، تولۇق بولماسلىقتەك تەرەققىيات يەنىلا ئاساسىي زىددىيەت بولماقتا، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يەنىلا ئېگىزلىككە يامىشىپ دۆڭدىن ئۆتىدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا.

      شۇنداق بولسىمۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىلىق، مۇقىم يۈرۈشۈشىنىڭ ئاساسىي قىياپىتى ئۆزگەرمىدى. ليۇ ئەيخۇا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، تەمىنلەش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %76.7 كە يېتىپ، بازارنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئەندىزىسىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە ئاساس سالىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئېھتىياجدىن قارىغاندا، ئىستېمال بوشلۇقى يەنىلا كەڭرى، سېلىنما كېيىنكى يېرىم يىلدا داۋاملىق مۇقىملىشىشى مۇمكىن، ئېكسپورتنىڭمۇ بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلايدىغانلىقىدىن ئۈمىد بار. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق سىلىق، مۇقىم بولۇشىنىڭ ئاساسىي قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

      مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش بولۇشقا تاقابىل تۇرۇشتا، جەزمەن مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئۆزگىرىشكە پائال تاقابىل تۇرۇش شەرت. ليۇ ئەيخۇا مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىشتە، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دىققەتنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇقىم پۇل مۇئامىلە، مۇقىم تاشقى سودا، مۇقىم تاشقى مەبلەغ، مۇقىم سېلىنما، مۇقىم كۆزلىمىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.

      (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تېلېگراممىسى)


    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك