• تور يىپەك يولى تەرەپ – تەرەپنى تۇتاشتۇردى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-16 09:48
  • تور يىپەك يولى تەرەپ – تەرەپنى تۇتاشتۇردى

      مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ

      ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچە رايونىدا چۇاڭكې قەھۋەخانىسى، چۇاڭكې ياتاق بىناسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، باغچە رايونى كېدا شۈنفېي، خۇڭليەن، ئالەم قاتنىشى ئۇچۇرى، بېيدوۋ تيەنخۇي قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق يۇمشاق ماتېرىيال كارخانىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، يۇمشاق ماتېرىيال بىلەن ئۇچۇر كەسپى توپلانغان، ئىگىلىك تىكلەيدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان كەسىپلەشكەن يۇمشاق ماتېرىيال باغچە رايونىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

      بۈگۈنكى كۈندە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون شىنجاڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشىنى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان ‹‹رەقەملەشكەن يىپەك يولى›› بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى ‹‹رەقەم›› ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىدى.

      چوڭ سانلىق مەلۇمات شىنجاڭنىڭ ‹‹ئەقلىي دەۋر››گە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى

      8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ قارابۇرا يېزىسى جالغىز ئاغاش كەنتىدىكى گۈلنار ئۆزىنىڭ سەھرا ئارامگاھىدا شوخ قازاقچە ئۇسسۇلى بىلەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالماقتا ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر قاراماي شەھىرىنىڭ يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمەت تېخنىكىسى بولمىغان بولسا، ئەينى ۋاقىتتا داۋالىنىشقا 60 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلنى ئارتۇق خەجلىگەن بولاتتىم، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ بىزگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت.

      2015 – يىلى 10 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، بىر قېتىملىق تاسادىپىي قاتناش ھادىسىسىدە گۈلنارنىڭ پاقالچىقى نەچچە يەردىن سۇنۇپ كەتتى. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا، چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ سۆڭەك كېسەللىرى بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلەشتى. قاراماي شەھىرىنىڭ يىراقتىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش سۇپىسى ئارقىلىق قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ سۆڭەك كېسەللىرى مۇتەخەسسىسلىرى تەكلىپ بىلەن گۈلنارنىڭ CT نەتىجىسى قاتارلىق تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئوپېراتسىيە لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، گۈلنارنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى. يىراقتىن داۋالاش سۇپىسىنىڭ ياردىمىدە، گۈلنار چىقىمنى تېجەپلا قالماي، يەنە ياخشى داۋالاندى.

      ئىگىلىنىشىچە، ھازىر قاراماي شەھىرىنىڭ بارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا رەقەملەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا يەنە يۇقىرىدا بېيجىڭ 301 دوختۇرخانىسى قاتارلىق دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى داڭلىق دوختۇرخانىلار بىلەن، تۆۋەندە قاراماي رايونى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلىرى بىلەن نۇقتىدىن نۇقتىغا يىراقتىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش، يىراقتىن ئوپېراتسىيەگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە يىراقتىن بۆلۈملەرنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

      قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىدا چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇشى تېخىمۇ تېز بولدى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نەچچە ئون ئۇچۇرلاشتۇرۇش كارخانىسى بۇ يەرگە ماكانلاشتى، خۇاۋېي بۇلۇت سانلىق مەلۇمات مەركىزى، ئاپتونوم رايوننىڭ باشقا جايلاردىكى ئاپەت ئەھۋالىغا ئالاقىدار مۇھىم سانلىق مەلۇماتلىرىنى زاپاس ساقلاش مەركىزى قاتارلىقلار باغچە رايونىدا قۇرۇلدى ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، قۇدرەتلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات چاسا سېپىنى تەشكىللىدى. كۆلەم ۋە ئىقتىدار جەھەتتە غەربىي شىمال بويىچە 1 – ئورۇندا، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنى بۇلۇت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.

      2017 – يىلى شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچە رايونىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى كۆلىمى 1 مىليارد 367 مىليون يۈەنگە يېتىپ، باج سوممىسى 100 مىليون يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتتى. شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچە رايونى مەركىزىي شەھەر ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇمشاق ماتېرىيال ئۇچۇر كەسپىدىكى يادرولۇق باغچە رايونى، چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىدىكى يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت مەركىزى، ئۇچۇر كەسپىدىكى خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىق كۆزنىكىگە ئايلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلدى.

      ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇ كەيجياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات كارخانىلىرىنى توپلاپ ۋە قوللاپ، ئۇلارنى ماكانلاشتۇرۇۋاتىدۇ، زورايتىۋاتىدۇ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئەمەلىي مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش دولقۇنىدا يېڭى تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.

      چوڭ سانلىق مەلۇمات چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرەك بولدى

      خۇبېينىڭ چېيى، شەندۇڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرى، شىنجاڭنىڭ كىيىم – كېچەكلىرى... ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدا، جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچىنىڭ ‹‹يېلىنماۋ›› چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ توردا نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىشىدىكى ئاساسلىق تور بېكەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

      ‹‹يېلىنماۋ›› چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى پېڭ خەيياڭ 19 يېشىدا سىچۈەندىن قازاقىستانغا بېرىپ ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن قىرغىزىستاندا بەش يىل خىزمەت قىلغان. چەت ئەلدە تۇرغان بىر نەچچە يىلدا ئۇنىڭدا جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەت ئەل بازىرىغا ئېكسپورت قىلىش ئويى تۇغۇلغانىدى.

      2007 – يىلى پېڭ خەيياڭ ئالاتاۋ پورتىدا تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللاندى، 2014 – يىلى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، توردا 15 دۆلەتكە يۈزلەنگەن ‹‹يېلىنماۋ›› چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى ئاچتى.

      پېڭ خەيياڭ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش مۇھىم پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قۇردى، ھازىر 7000دىن ئارتۇق ئېكسپورت بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى تىزىمغا ئالدۇردى، مەھسۇلاتلار كىيىم – كېچەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كىچىك ماشىنا – ئېلېكتىر قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، بۇلتۇر توردىكى تىجارەت سوممىمىز 50 مىليون دوللاردىن ئېشىپ، يىللىق ئېشىش سۈرئىتى تەخمىنەن %30 بولدى. كارخانىمىز يەنە جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغانلىقىدەك پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، قول ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرىنى دۆلەت ئىچىگە سېتىپ، سودىنى راۋانلاشتۇردى.

      يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. ‹‹رەقەملەشكەن يىپەك يولى››نى بويلاپ، تېخىمۇ كۆپ ‹‹شىنجاڭدا ياسالغان›› مەھسۇلاتلار ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى، بۇ لىنىيە بويىدىكى ‹‹ئىمپورت ماللار››مۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى بېيىتتى. مۇشۇنداق ئىمپورت – ئېكسپورت جەريانىدا، چوڭ سانلىق مەلۇمات دۆلەت ئىچى – سىرتىنى تۇتاشتۇرىدىغان ‹‹رەقەملەشكەن›› كۆۋرۈك بەرپا قىلدى.

      چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تىرەك بولۇشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى ماللارنى دۆلەت ئىچىگە يەتكۈزۈش، دۆلەت سىرتىغا چىقىرىشتىن باشقا، يەنە كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى.

      2016 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە بازار يوشۇرۇن كۈچىگە تايىنىپ، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق پورت سۇپىسىنى قۇردى. سۇپىنىڭ قۇرۇلۇشى ئېلېكتىرونلۇق تاشقى سودا ئاممىۋى مۇلازىمەتنى كېڭەيتتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئورگانىك بىرلەشتۈردى.

      ھازىر شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق پورتى نەرسە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىشنى تىرەك قىلىپ، ‹‹پورت ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتى، پورت كارخانا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتى، پورت ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى›› بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىنى بەرپا قىلدى.

      ئاسىيا – ياۋروپا ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلدى

      6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، جياڭسۇلۇق سەككىز ساياھەتچى مايتاغ – كۇچا تاشيولىدىن ئائىلە ئاپتوموبىلى ھەيدەپ تەڭرىتاغقا كىرگەندە، يامغۇر يولنى بۇزۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن قاپسىلىپ قالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ساياھەتچى ‹‹بېيدوۋ تيەنخۇي 6S›› تىپلىق ئابۇنىچىلار يان تېلېفونى ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، خەتەردىن قۇتۇلدى.

      8 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، شىنجاڭ بېيدوۋ تيەنخۇي نەرسە تورى پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خاڭ يۈخۇا بېيدوۋ قول تېرمىنالىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ‹‹سىگنال يوق ياكى سىگنال ئاجىز يەردە بېيدوۋ توسالغۇسىز سۆزلىشىش سۇپىسىنىڭ ياردىمىدە بەلگىلەنگەن يان تېلېفونغا ئۇچۇر ئەۋەتكىلى، بېيدوۋ تېرمىنالى بىلەن يان تېلېفون ئۇچۇرىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ›› دېدى. بۇ شىركەت شىنجاڭدا تۇنجى بېيدوۋ ئايرىپ باشقۇرۇش تىجارەت مەخسۇس سۇپىسىنى قۇردى، ھەم بوشلۇق بىلەن يەر يۈزى بىرگەۋدىلەشكەن سانلىق مەلۇمات يىغىش، يوللاش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە كەسىپ باشقۇرۇشنى يۈكسەك دەرىجىدە توپلاشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان ئۇنىۋېرسال تور مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مۇناسىپ بېيدوۋ قىسقا ئۇچۇر ئابۇنىچىلىرىنى ئورۇن مۇلازىمىتى، ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش مۇلازىمىتى، جىددىي خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىيەلەيدۇ.

      ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئاسىيا – ياۋروپا ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئاراغا يۈزلەنگەن بۇلۇت ھېسابلاش سىرتقا چىقىرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى كۈچلۈك خەۋەرلىشىش تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇچۇر ئالاقىسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ئوپتىك كابېل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى. جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا قەشقەر سۈنئىي ھەمراھ يەر ئۈستى پونكىتى قۇردى، سىگنالى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا ۋە ئافرىقا قاتارلىق رايونلارنى قاپلىيالايدۇ.

      2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن چېگرا ھالقىغان ئوپتىك كابېل سىستېمىسىنى قۇرۇپ ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ غەرب، جەنۇب، شىمال يۆنىلىشىدىكى خەلقئارالىق چوڭ يولنى چېگرا ھالقىپ ئورۇنلاشتۇردى.

      ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانى››دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020 – يىلىغا بارغاندا، ئاسىيا – ياۋروپا ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا زور تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، ئۈرۈمچىنىڭ رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا خەۋەرلىشىش كىرىش – چىقىش ئېغىزى ۋە خەلقئارا ئالاقە تورى تۈگۈنىلىك ئورنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، شىنجاڭ دۆلەت تورىنىڭ غەربىي يۆنىلىش چوڭ يولىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلىنىدۇ. شىنجاڭ ‹‹تەڭرىتاغ بۇلۇت جىلغىسى›› پىلانى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بۇلۇت ھېسابلاش سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ كۆلەملىك توپلاشتۇرۇش ئۈنۈمى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› يانداش مۇلازىمەت ۋە تىرەكلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك