• شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يازلىق تەتىللىك يولۇچىلارنى توشۇيدىغان پويىز كۆپەيتىلدى

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-16 09:47
  • شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يازلىق تەتىللىك يولۇچىلارنى توشۇيدىغان پويىز كۆپەيتىلدى

    مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگو تۆمۈريول باش ئىدارىسى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى گۇرۇھى شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىن بېيتۈن شەھىرى، غۇلجا، كورلىغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزلىرىنى كۆپەيتكەن ھەمدە ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قاتنايدىغان K6703/4 قېتىملىق ھەپتە ئاخىرىلىق تېز پويىزنى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە كۈندە قاتناشقا ئۆزگەرتكەن.

      ئىگىلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 16-، 18-، 20-كۈنلىرى ئۈرۈمچىدىن بېيتۈن شەھىرىگە K6713 قېتىملىق پويىز كۆپەيتىلىدىكەن. 8-ئاينىڭ 17-، 19-، 21-كۈنلىرى بېيتۈن شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگىچە K6714 قېتىملىق پويىز؛ 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغىچە K6711 قېتىملىق پويىز كۆپەيتىلىدىكەن. 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە K6712 قېتىملىق پويىز؛ 8-ئاينىڭ 15-، 17-، 19-، 21-، 23-كۈنلىرى ئۈرۈمچىدىن كورلىغا K6716/7 قېتىملىق پويىز كۆپەيتىلىدىكەن. 8-ئاينىڭ 16-، 18-، 20-، 22-، 24-كۈنلىرى كورلىدىن ئۈرۈمچىگە K6718/5 قېتىملىق پويىز كۆپەيتىلىدىكەن.

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك