• ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق دوختۇرخانىنىڭ تۇنجى كۆكرەك ئاغرىقى مەركىزى قۇرۇلدى

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-16 09:52
  • ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق دوختۇرخانىنىڭ تۇنجى كۆكرەك ئاغرىقى مەركىزى قۇرۇلدى

    بېيجىڭدىكى ئىككى دوختۇرخانىنىڭ ياردىمى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق دوختۇرخانىلار ئىچىدە تۇنجى كۆكرەك ئاغرىقى مەركىزىنى قۇرۇپ، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىق جىددىي، ئېغىر كېسەل بىمارلىرىنى قۇتقۇزۇشنىڭ ھەر قايسى جەريانلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. يېقىندا كۆكرەك ئاغرىقى مەركىزى بىر يۈرەك تىقىلمىسى بىمارىنى ئوڭۇشلۇق قۇتقۇزدى.

      مۇخبىر 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىدا ئوپېراتسىيەدىن چىققان جاۋ شىۋانىڭ تەكشۈرۈشتە ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، دوختۇرخانىدىن چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

      جاۋ شىۋا بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى بىر كارخانىنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىسى. 8-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 21دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇنىڭ مەيدىسى قاتتىق ئاغرىپ كەتتى ۋە دەرھال «120» جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە تېلېفون قىلدى. بەنفاڭگۇ يېزىلىق مەركىزىي شىپاخانا دەسلەپكى قەدەمدە ئۇنىڭغا جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك تىقىلمىسى دەپ دېئاگنوز قويۇپ، ئۇنى دەرھال ئۈرۈمچى دوستلۇق دوختۇرخانىسىغا يۆتكىدى.

      سائەت 22 دە جاۋ شىۋا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىپ جىددىي قۇتقۇزۇلدى. سائەت 23 تە دوختۇرلار ئۇنىڭ بەدىنىگە ئوڭۇشلۇق تىرەك سالدى ھەمدە توسۇلۇپ قالغان تاجىسىمان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، بىمارنىڭ ئاغرىق ئازابىنى پەسەيتتى.

      ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى داۋالاش ۋە سەھىيە جەھەتتە ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، «پايتەخت+مەركىزىي شەھەر»نىڭ بىرگە بىر، نۇقتىدىن نۇقتىغا دەل جايىدا ھەمكارلىشىش يولىنى بەرپا قىلغان. بېيجىڭ-ئۈرۈمچى ھەمكارلىق سۇپىسىنىڭ ياردىمىدە بېيجىڭدىكى ئىككى دوختۇرخانا ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىدا كۆكرەك ئاغرىقى مەركىزى قۇرۇشقا ياردەم بەرگەن. بۇ مەركەز يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى، يۈرەك تاشقى بۆلۈمى، رېنتىگىن بۆلۈمى، لابوراتورىيە بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەرنىڭ بىرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك تىقىلمىسى بىمارلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدىكەن.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك