• شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنىڭ پىيادىلەركوچىسىدا تىجارەت باشلاندى

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-16 09:29
  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنىڭ پىيادىلەركوچىسىدا تىجارەت باشلاندى

    ەخمىنەن 800 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ كوچىغا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى - ساياھىتى، خەلقئارا مودا ۋە مەززىلىك تائاملار كوچىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان.

    8-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى پىيادىلەر كوچىسى ئادەملەرگە لىق تولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. (سۈرەت ياشىن تورىدىن ئېلىندى) 
    ئاۋۋال بۇ بىر مىنۇت 27 سىكۇنتلۇق ۋىدىيونى كۆرۈڭ!

    1111
    مۇخبىر بۇ جايدا كەڭ-كۇشادە كوچىلارنى، چىرايلىق بېزەلگەن بىنالارنى ۋە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ۋە مەززىلىك تائاملارنى كۆردى. بەش يىل كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاش ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى پىيادىلەر كوچىسى ئاخىرى رەسمىي تىجارەت باشلىدى.


    پىيادىلەر كوچىښىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىښىمۇ كۈندۈزدىكىدىن ڦېلىڛمايدۇ، كېچىښى ئىمارەتلەرگە ئورنىتىلڠان چىراڠلار چوڭ ٮازار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارڠا ٮۆلەكچە ھۆښن ڦوڛىدۇ. ئىگىلىنىڛىچە، ٮۇ ڦۇرۇلۇڛنى ئېلىپ ٮېرىڛ جەريانىدا ئاممىۋى ئىمارەتلەرگە ڛەكىل چىڦىرىڛ ئاښاښ ڦىلىنڠان ٮولۇپ، ئىمارەتلەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرە ئۈنۈمى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

    تىلڠا ئېلىڛڦا ئەرزىيدىڠىنى ڛۇكى، ٮۇ ڦېتىم لايىھەلەڛ ۋە ئۆزگەرتىڛ جەريانىدا ئولتۇراڦ ٮىنالاردىكى چىراڠلارڠا «نۇرنىلا كۆرښىتىپ، چىراڠلارنى كۆرښەتمەښلىك» ئىدىيەښى ښىڭدۈرۈلۈپ، چىراڠلار دېرىزە ڦىرلىرىنىڭ ئاښتىڠا ئورنىتىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇڛىڠا ڦەتئىي تەښىر يەتكۈزمەيدىڠان كېچىلىك مەنزىرە يارىتىلڠان.



    سۈرەتلەر ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ئۈندىدار سۇپىسىدىن ئېلىندى
    شۇ كۈنى، چىرايلىق ياسىنىۋالغان ئۇسسۇلچىلار، ئارتىسلار شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى پىيادىلەر كوچىسىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇۋەتتى. كۆپچىلىك يان تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ قويۇق شىنجاڭچە پۇراققا ئىگە ئىمارەتلەرنى ۋە لەرزان شىنجاڭچە ئۇسسۇللارنى سۈرەتكە تارتىپ، كۆز ئالدىدىكى بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن خاتىرە قالدۇردى.
    شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەپ ئىسسىقلىق ساقلايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ئاساس قىلىنغان گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى باشلاندى، بۇ قۇرۇلۇش جەنۇبتا تاشقا ئايلانما يولغىچە، شەرقتە ئالتۇن-كۈمۈش يولىغىچە، شىمالدا بۇلاقبېشى كوچىسىغىچە ئېلىپ بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭىدىن تەخمىنەن 800 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىيادىلەر كوچىسى قوشۇلدى.
    پىيادىلەر كوچىسى خەلقئارا چوڭ بازارنى مەركەز قىلغان ئاساستا، تاشقى ئايلانما يولىدىن تىنچلىق جەنۇبىي يولى 1-كوچىسىغىچە سوزۇلۇپ، كونا پىيادىلەر كوچىسى («بۇغدا» يولى) بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، «T» شەكىللىك پىيادىلەر كوچىسىنى شەكىللەندۈرگەن، كوچىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئىمارەتلەر بىر تۇتاش ئاچ سېرىق رەڭدە بېزەلگەن بولۇپ، ئۇسلۇب جەھەتتە خەلقئارا چوڭ بازار بىلەن بىردەكلەشتۈرۈلگەن، قارىماققا ئىنتايىن پاكىز ۋە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.



    پىيادىلەر كوچىسىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىمۇ كۈندۈزدىكىدىن قېلىشمايدۇ، كېچىسى ئىمارەتلەرگە ئورنىتىلغان چىراغلار چوڭ بازار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا بۆلەكچە ھۆسن قوشىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئاممىۋى ئىمارەتلەرگە شەكىل چىقىرىش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئىمارەتلەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرە ئۈنۈمى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىم لايىھەلەش ۋە ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئولتۇراق بىنالاردىكى چىراغلارغا «نۇرنىلا كۆرسىتىپ، چىراغلارنى كۆرسەتمەسلىك» ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلۈپ، چىراغلار دېرىزە قىرلىرىنىڭ ئاستىغا ئورنىتىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قەتئىي تەسىر يەتكۈزمەيدىغان كېچىلىك مەنزىرە يارىتىلغان.

    ئىگىلىنىشىچە، پىيادىلەر كوچىسى A、B、C دىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، ئۇلار مەدەنىيەت ئىجادىيىتى - ساياھىتى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى رايونى، خەلقئارا مودا رايونى ھەم چوڭ بازار مەززىلىك تائاملار رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئارىسىدىكى A رايوندا جەمئىي 40 زىننەتلىك ئاپتوموبىل بار بولۇپ، بۇنىڭ 30ى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى -ساياھىتى مەھسۇلاتى، 10 ى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھسۇلاتى ئىكەن؛ B رايون «خەلقئارا مودا» رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ رايون ئەسلىدە بار بولغان سودىگەرلەر، قاۋاقخانا، غەربچە ئاشخانا ۋە كىچىك مەيخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ C رايون «مەززىلىك تاملار رايونى» بولۇپ، بۇ رايوندا 30 يايما ئورنى ۋە 20 زىننەتلىك ئاپتوموبىل بار ئىكەن.
    تىنچلىق جەنۇبىي يولىدا ئولتۇرۇشلۇق جاڭ فايوۋ شۇ كۈنى كەچتە چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىغا كەلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: « مېنىڭ بۇ يەردە تۇرۇۋاتقىنىمغا ئاز كەم 20 يىل بولدى، بۇ قېتىملىق گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدىن كېيىن، ئەتراپنىڭ مەنزىرىسى يېڭى تۈسكە كىردى، كوچىلار تېخىمۇ چىرايلىق ۋە رەتلىك بولۇپ كەتتى، بۇ يوللاردا ماڭسا كىشىنىڭ كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. ئىچكى ئۆلكىدىكى تۇغقانلىرىم مەن يوللىغان سۈرەتلەرنى كۆرۈپ، كېلەر ئايدا بۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى». «ئىتتىپاق» يولىدا تۇرۇشلۇق لى گۇاڭمىڭمۇ ئايالى ۋە بالىسى بىلەن بىرلىكتە پىيادىلەر يولغا سەيلە قىلىپ، تاماق يېگىلى كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئىشىك ئالدىمىزدىلا چىرايلىق پىيادىلەر يولى بار بولدى، بىزمۇ ئەلۋەتتە كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىمىز كېرەك. مەن بايىلا ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئۇچراتتىم، ئۇلار بۇ كوچىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ قاپتۇ. مەنمۇ ئۆيۈمنىڭ مۇشۇ ئەتراپتا بولغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال. مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭغا، چوڭ بازارغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن بەھرىلىنىشىنى، بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ دوستانە قىزغىنلىقنى ھېس قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».







    تىجارەتچىلەر ھەر ياقتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا  ياخشى تەييارلىق قىلدى

    نۇرمەمەت تۈنۈگۈن سائەت 11:00 دىلا چوڭ بازار پىيادىلەر يولىنىڭ C رايونىغا كېلىپ، ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە يايمىسىغا گۈلقەنت نېنى، مېغىز نان، لازا نان قاتارلىقلارنى تىزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى ‹يۆجىن› كوچىسىدىكى ناۋايخانىدا ئىشلەيتتىم، خېرىدارلار ئاساسلىقى مۇشۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئىدى. بۈگۈن پىيادىلەر كوچىسىدا تىجارەت باشلىغان تۇنجى كۈن بولسىمۇ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر مەن ياققان نانغا ئېغىز تەگدى، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال».
    چۇڭچىڭلىق ساياھەتچى جاڭ يىمىڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ نېنى ناھايىتى يېيىشلىك ئىكەن، مەن بۇ نانلارنى چوقۇم ئۆيۈمگە ئېلىپ كېتىمەن».
    چوڭ تەخسىلىك توخۇ قوردىقى، سامسا، بېلىق كاۋىپى، ھەر خىل كاۋاپ قاتارلىق مەززىلىك تائاملار يەرلىكتىكى خېرىدارلارنى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
    پىيادىلەر كوچىسىنىڭ B رايونىدىكى تىجارەتچى سۇ خۇا قەغەز ئىستاكاندىكى قىزىلگۈل چېيىنى خېرىدارغا سۇنۇپ، ئۇلارنى ھەقسىز تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. جېجياڭدىن كەلگەن ساياھەتچى خۇ خەيشېن مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تەلىيىم كەلدى، پىيادىلەر كوچىسى تىجارەت باشلىغان ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ كەپتىمەن، بۇ يەردىكى تائاملار ۋە ئوينايدىغان يەرلەر ناھايىتى ياخشى ئىكەن، ئىمارەتلەرمۇ ئۆزگىچە ئىكەن، مېنىڭچە شىنجاڭ چوقۇم بىر كېلىشكە ئەرزىيدىغان جاي ».
    سۇ خۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ چاي، قۇرۇق يەل-يېمىش سودىسى قىلىۋاتقىنىمغا بەش يىل بولدى. مەن سەھەر سائەت 10:00 دىلا كېلىپ تىجارەت باشلاشقا تەييارلىق قىلغان».
       B رايونىدىكى تىجارەتچى ھۆرىيەت مۇنداق دېدى: «بىز ئاساسلىقى كارىۋات بۇيۇملىرى تىجارىتى قىلىمىز، بىز ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن خېرىدارلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مال مەنبەلىرىمىزنى يېتەرلىك تولۇقلىدۇق».

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك