• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىمەكتە

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-17 04:33
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىمەكتە

     6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىمەكتە.

      ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە ‹‹سېلىنما ھەمكارلىقى ئوبراز كۆرگەزمە ئورنى››دىن ئۈچنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق سەككىز ناھىيە، ئۈچ شەھەر، قورغاس ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى، كۈيتۈن مايتاغ ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى ھەرتەرەپلىمە نامايان قىلىپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يارقىن نۇقتا يارىتىدۇ. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش نەتىجىلىرى كۆرگەزمە رايونىدا ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ 12 كۆرگەزمە ئورنى بار، ھازىر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولماقتا. كۆرگەزمە مەزگىلىدە، قورغاس ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى يەنە ‹‹<بىر بەلباغ، بىر يول>نى قۇرۇش ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئۆلچەم ۋە ئۈلگە قىلىپ، <ئىككى پورت، ئىككى رايون، بىر مەركەز> بەرپا قىلىش بويىچە سودىگەر چاقىرىش، تۈر تونۇشتۇرۇش يىغىنى›› ئۆتكۈزىدۇ.

      ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سېتىۋېلىش مەركىزى ئوبراز كۆرگەزمە ئورنىنىڭ كۆلىمى 160 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ھازىر لايىھەلەش ۋە ئاساسلىق بېزەك بۇيۇملىرىنى ياساشنى تاماملىدى، ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لەر خاسلىق يارىتىش، كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش تەلىپى بويىچە، تۈرلۈك مەھسۇلات، بايلىق ۋە تۈرلەرنى پائال توپلىماقتا. بۇ ۋىلايەتنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش نەتىجىلىرى كۆرگەزمە ئورنىدىن 13 ى بار، ھازىر كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان بۇيۇملار تەييارلانماقتا ۋە كۆرگەزمە ئورنى لايىھەلەنمەكتە.

      بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كۆرگەزمە ئورنىنى كۆڭۈل قويۇپ بېزىمەكتە. ‹‹ئاسمىنى كۆك، سۈيى سۈزۈك، ئوتلىقى يېشىل›› تېمىسىدىكى بېزەش لايىھەسىدە بورتالانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى، خۇبېينىڭ بورتالاغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر ۋە ‹‹بىر رايون، ئۈچ باغچە›› قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەر يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەركەزلىك نامايان قىلىنىدۇ. كۆرگەزمە مەزگىلىدە، بورتالا ئوبلاستلىق ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى يەنە ناخشا – ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، جەلپكارلىقى، قاتنىشىش قىزغىنلىقى ۋە ھەمتۈرتكىلىكلىكىنى ئاشۇرىدۇ. بورتالا ئوبلاستى يەرلىك داڭلىق كارخانىلارنى تونۇشتۇرىدۇ ۋە داڭلىق ئالاھىدە يېڭى مەھسۇلاتلارنى نۇقتىلىق كۆرگەزمە قىلىدۇ، 37 كۆرگەزمە ئورنى ئىچىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىنچىكە پىششىقلانغان يېمەكلىك كۆرگەزمە ئورنى 15نى، ساياھەتچىلىك كۆرگەزمە ئورنى سەككىزنى ئىگىلەيدۇ. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش نەتىجىلىرى كۆرگەزمە رايونىدا، بورتالا ئوبلاستىنىڭ بەش كۆرگەزمە ئورنى ھەقىقىي بۇيۇم، يېزىق، سۈرەت، سىن قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلىدۇ.

      بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنىدىن 13نى بېكىتتى. بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئوبراز كۆرگەزمە ئورنىنىڭ لايىھەلەش ئىدىيەسىدە ‹‹ئىخچام، ئازادە بولۇش، قوللىنىشچان بولۇش›› پىرىنسىپى نامايان قىلىنغان، ئومۇمىي شەكلى كۆركەم، تەسىرچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى، بايلىق شارائىتى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالى تولۇق نامايان قىلىنغان. بېزەشتە ھەرخىل ئوچۇق رەڭلەر ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئالغا ئىنتىلىۋاتقان، ئىناق، مۇقىم ياخشى ئوبرازى، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقان روھىي قىياپىتى نامايان قىلىنغان.

      (گېزىتىمىزنىڭ ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن رېن خۇڭفاڭ، بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ۋۇ چيۇڭ، ۋاڭ ياپىڭ)

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك