• تومۇز ئاياغلىشىپ، ئۈرۈمچىدە بۈگۈنكى تېمپېراتۇرا ℃24 بولدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-28 11:23
  • تومۇز ئاياغلىشىپ، ئۈرۈمچىدە بۈگۈنكى تېمپېراتۇرا ℃24 بولدى

     8-ئاينىڭ 25-كۈنى، بۇ يىلقى تومۇزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن 40 كۈنگە سوزۇلغان تومۇز ئاخىرلاشتى. 8-ئاينىڭ 26-كۈنى كۈندۈز ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃29، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃17 بولدى. ئازراق شامال چىقتى.

      ئىگىلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى كېچىدىن 8-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچىدە ئازراق يامغۇر يېغىپ كېيىن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن. 8-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچىدە ئاساسەن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃24، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃16 ئەتراپىدا بولىدىكەن. تومۇزنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تېمپېراتۇرا بارا-بارا تۆۋەنلەيدىكەن.

    مەنبەسى :سەھەر ئىستىمالى گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك