• جۇ خەيلۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-29 02:04
  • جۇ خەيلۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغ

    جۇ خەيلۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

      كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تور بوشلۇقىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

      مۇخبىرىمىز لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

      جۇ خەيلۈن مۇنداق تەكىتلىدى: تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئالاقىدار تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقە تورىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تور بوشلۇقىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىناق، مۇقىم شىنجاڭ قۇرۇشقا تىرىشىپ يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

      جۇ خەيلۈن مۇنداق كۆرسەتتى: ئالاقە تورى ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخنىكا ۋە كەسپىي بىلىملەرنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، بىلىمنى يېڭىلاشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېزلىتىپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خىزمەت نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ماس كېلىدىغان خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى تۇتۇپ، سۇبيېكتىپ ئاكتىپچانلىقنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، خىزمەت تەسەۋۋۇرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. يۆنىلىشنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىققا كۈچەش، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، توردىكى ئىجابىي تەشۋىقاتنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تورنىڭ ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاكتىپ كۈچنىڭ تولۇق، ئاساسىي مېلودىيەنىڭ جۇشقۇن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پاك – تەلەپچانلىقنى كۈچەيتىپ، كادىرلارغا بولغان قاتتىق باشقۇرۇش ۋە غەمخورلۇقنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك تور ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك