• 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۈرۈمچىدە يامغۇر يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-31 01:29
  • 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۈرۈمچىدە يامغۇر يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

    ئىككى كۈندىن بۇيان ھاۋارايىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، ئەتىگەن-كەچتە ھاۋا سالقىنلاپ قالدى. 8-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى كۈندۈزدە ئۈرۈمچىدە ئازراق ۋە ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا ℃17 قا چۈشۈپ، 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكىدىن ℃5 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

      8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا بىر قېتىملىق يامغۇر بىلەن ℃20 تىن تۆۋەنلەيدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى ئۆلچەش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتىگەن سائەت 11 دىن تا 17 گىچە توختاپ-توختاپ ئازراق ۋە ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىشى مۇمكىن ئىكەن.

    بۇ پەسىل دەل سوغۇق ئېقىم تۇراقسىز پەسىل بولغاچقا، سوغۇق ئېقىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تېمپېراتۇرا يەنە ئۆرلەيدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 1-كۈنى تېمېپراتۇرا ℃22قا ئۆرلەيدىكەن. يېقىندا تېمپېراتۇرىدا ئۆزگىرىش چوڭ بولغاچقا، مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شەھەر ئاھالىلىرىنى ھاۋارايى ئەھۋالىغا ئاساسەن كىيىنىپ، زۇكامداپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتتى.


    مەنبەسى :سەھەر گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك