• ئېلشات مۇھەممەدنىيازنىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى«ھىجران »ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-31 04:02
  • ئېلشات مۇھەممەدنىيازنىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى«ھىجران »ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى

    ئەلكۈيى سەنئەت قانىلى مەخسۇس خەۋىرى: شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ناخشىچىسى ، ئۆزىنىڭ «نوچى يىگىت» ، «سۆيگۈنۈم»..قاتارلىق ئىجادىي ناخشىلىرى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ قايىللىقىنى قوزغاپ كىلىۋاتقان تالانتلىق ياش ناخشىچى ئېلشات مۇھەممەدنىيازنىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى «ھېجران»بۈگۈن ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونى ۋە ئەلكۈيى يانفۇن ئەپ دىتالى ئارقىلىق تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلدى . كەڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز .


    بۇ ناخشىلارنىڭ ئورۇنلىغۇچىسى ئېلشات مۇھەممەدنىياز كىچىكىدىن باشلاپ ناخشا-مۇزىكىغا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ،14يىلدىن بۇيان ئىزچىل ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيتى بىلەن شوغۇللىنىپ كەلمەكتە، ئۇ ھازىر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ناخشىچىسى بولۇپ ، گىتار چېلىش ، ناخشا ئېيتىش ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيتى بىلەن شوغۇللىنىش ئېلشاتنىڭ ھاياتى بىلەن كىرىشىپ كەتكەن .


     تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ، ئېلشات ھەر بىر ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلەپ، ئۆزى چېلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى ئېيتىپ چىقىدىغان بولۇپ ، كۆپ قىرلىق ئۈمىد ئىگىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ، تۆۋندە ئېلشات ئېيتقان بىر قىسىم ناخشىلار تورداشلارنىڭ ئاڭلىشىغا سونۇلدى، بۇنىڭدىن كىيىنكى يېڭى ناخشىلىرىنى داۋاملىق ۋاقتى-ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ تۇرىلىدۇ.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك