• سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يېتىپ كەلدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-09-14 12:50
  • سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يېتىپ كەلدى

     9-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى قىسمىدا ھۆل-يېغىن مىقدارى ئېشىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن. تۇنجى قېتىم كىرگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمنىڭ تەسىرىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن، نەنسەننىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ كېيىن يامغۇر ئارىلاش قارغا ئۆزگىرىدىكەن.

        9-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن كېچىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن، مەركىزىي شەھەر رايونى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن، شەھەرنىڭ جەنۇبى قىسمى ۋە نەنسەندىكى تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ، كېيىن يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا، 3 بالدىن 4 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، داۋانچىڭ رايونىدا ئازراق يامغۇر يېغىپ، 5 بال غەرب شامىلى چىقىدىكەن.

      بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، قومۇل شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (تاغلىق رايونلاردا يامغۇر يېغىپ، يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن). شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃5 تىن ℃8قىچە تۆۋەنلەيدىكەن.

      9-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدىن 15-كۈنى كېچىگىچە، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ غەربى قىسمى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (تاغلىق رايونلاردا يامغۇر يېغىپ، يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن)، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا 4 بالدىن 5 بالغىچە قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن رايونلىرىدا چاڭ-توزان ياكى قۇم بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، تېمپېراتۇرا بىر ئاز تۆۋەنلەيدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك