• گولوۋكىنVSئاۋارېز تەڭلىشىپ قايتا ئوينىغان مۇسابىقىسىگە دۇنيا قانداق قارايدۇ؟

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-09-14 06:20
  • گولوۋكىنVSئاۋارېز تەڭلىشىپ قايتا ئوينىغان مۇسابىقىسىگە دۇنيا قانداق قارايدۇ؟


    ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى مەخسۇس خەۋىرى: 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى (يەنى يەكشەنبە) ئەتتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:00دە قازاقىستاننىڭ دۇنياغا داڭلىق بوكىس شاھى ،دۇنيا بوكىس سەھنىسىدە «بىرىنچى قاتىل» دەپ نام ئالغان دۇنيا ئوتتۇرا ئېغىرلىقتىكى بوكىس شاھى گولوۋكىن بىلەن   دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىرلىقتىكى دۇنيا بوكىس شاھى سۇرىس ئاۋارېزنىڭ ئالدىنقى يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى تەڭلىشىپ قالغاندىن كىيىنكى يەنە بىر مەيدان كەسكىن بوكىس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، دۇنيادا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئەسىر جېڭى دەپ قاراۋاتقان بىر مەيدان ئەڭ ئاخىرقى جەڭ  ( ئۈرۈمچى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى كۈنى ئەتتىگەن ، مېكسىكا ۋاقتى 15-چىسلا كەچ ) ئەلكۈيى تورىدا ئۇلاپ تارقىتىش شەكلىدە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلگەن ئاساستا نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلىدۇ .


    بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈشكە ئارانلا بىر كۈندىن ئارتۇقراق ۋاقىت قالغان مۇشۇ دەقىقىلەردە ئالدىنقى قېتىملىق دۇنياۋى جەڭدە تەڭلىشىپ قالغان ئاۋارىز بىلەن گولوۋكىن ئاللىقاچان تۆنۈگۈن ئامېرىكا لاس ۋىگاسقا يىتىپ كەلدى، ھازىر ھەر ئىككى تەرەپ يەڭلىرىنى شىمايلاپ بۇ قېتىملىق غەلبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىۋاتقان ۋاقىتتا دۇنيادىكى داڭلىق چوڭ تاراتقۇلار ئىككى تەرەپنى ئىز قوغلاپ خەۋەر بەرمەكتە،ھازىر نەق مەيداننىڭ كىرىش بېلىتى تولۇق سېتىلىپ تۈگىگەن بولۇپ ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ پۈتۈن دۇنيا بوكىس سەھنىسىدىكى بىر تارىخى خاراكتىرلىك مۇسابىقە بولىشىدا گەپ يوق .

     بەزىلەر توققۇز خانىلىق (يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى) مۇكاپات سوممىسى بىلەن چېكىنگەن ئامېرىكىلىق بوكس شاھى مايۋەزىرنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئېغىرلىقتىكى «بىرىنچى قاتىل» دەم نام ئالغان قازاقىستانلىق ماھىر گولوۋكىن بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقە ئويناشقا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق مايۋەزىر بۇ يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تەكلىپنى رەت قىلىۋەتكەن. بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا پۈتكۈل بوكس مەستانىلىرى ئىچىدە غۇلغۇلا قوزغىغان، ئەمەلىيەتتە مايۋەزىرنىڭ بۇ مەيدان جەڭنى رەت قىلىشىدىكى سەۋەبمۇ ئىنتايىن ئاددىي، چۈنكى ھازىرقى بوكس ساھەسىدە جاسارەتلىك ھالدا «بىرىنچى قاتىل» گولوۋكىنغا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان ماھىرلار ساناقلىق.

    مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە بۇلتۇر مېكسىكىلىق بوكىس شاھى سۇرىس ئاۋارېز قازاقىستانلىق بوكىس شاھى گولوۋكېنغا جەڭ ئېلان قىلىپ بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ جەڭگە چۈشكەن بولسىمۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەڭلىشىپ قېلىشى نەتىجىسىدە زادى كىمنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى تالاش-تارتىشقا ئايلانغان ئىدى، مانا ئەمدىلىكتە ئىككى تەرەپ قايىل بولمىساڭ قايتا تۇتىشىمىز دەپ ئارىدىن نەق بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى تاماششىبىنلارغا سونۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ ، بۇلتۇرقى مۇسابىقىمۇ ھەقىقەتەن ئويلىمىغان يەردىن چىققان ، مانا ئەمدى تېخىمۇ كەسكىن بىر مەيدان مۇسابىقە ئارقىلىق زادى كىمنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا بوكىس سەھنىسىدە ھەقىقىي شاھلىقىنى ئايرىيدىغان پۇرسەت يىتىپ كىلىۋاتىدۇ ، بۇ پۇرسەتنى دەل ۋاقتىدا كۆرۈش پۇرسىتىنى ھەرگىز قولدىن بىرىپ قويماڭ!

    گولوۋكىن 1982-يىلى 4-ئايدا قازاقىستاندا تۇغۇلغان، تولۇق ئىسمى (Gennady Gennadyevich Golovkin)، كىشىلەر قىسقارتىپ ئۇنى GGG دەپ چاقىرىدۇ.

    گولوۋكىننىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.79 مېتىر، غۇلاچ ئۇزۇنلۇقى 1.78 مېتىر، تىپىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك ماھىرنىڭ بەدەن ساپاسىغا ئىگە. 

    بوكس تەنھەرىكىتى تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا بىرىنچى بولۇپ تايسىن كېلىدۇ. تايسىن بوكس تەنھەرىكىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان تەنھەرىكەتچى. ئۇنى بىر بوكس دەۋرىنىڭ ۋەكىلى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى تايسىن ھەقىقىي مەنىدە بوكس روھىنى كىشىلەرگە تونۇتقان.

    بىراق، ھەممەيلەن قايىل بولىدىغان تايسىن ئاللىبۇرۇن بوكس سەھنىسىدىن چېكىندى، دەل كىشىلەر ئىككىنچى تايسىننى ئىزدەۋاتقىنىدا ئاسىيالىق سېرىق تەنلىك سولتەك گويا شۇڭقاردەك ئۇشتۇمتۇتلا بوكس سەھنىسىدە پەرۋاز قىلىپ ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ دەل گولوۋكىن.

    ئىشتىن سىرتقى بوكس ھاياتىدا گولوۋكىن كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە 345 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 5 مەيدان مەغلۇب بولۇشتەك رېكورتنى ساقلاپ قالغان، ئۇ بۇ جەھەتتىلا ھەممەيلەننى بېسىپ چۈشكەن.

    ئۇ 2003-يىلىدىكى دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن؛ 2004-يىلىدىكى ئافېنا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن.

    ئۇ ئىلگىرى ئىشتىن سىرتقى بوكس ھاياتىدا سابىق IBF دەرىجىدىن تاشقىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى لۇكىيان باتنى KO (ئۆرۈۋەتكەن) قىلىپ، زور ھۇجۇم كۈچىنى ئىسپاتلىغان.

    ئۇ يەنە ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئامېرىكىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر بوكس ماھىرى ئاندرېنى يېڭىپ، مۇكەممەل تېخنىكىسىنى نامايەن قىلغان.

    ئۇ مۇشۇنداق سان-ساناقسىزلىغان كىشىنى قايىل قىلىدىغان نەتىجىلىرى بىلەن 2006-يىلى 5-ئايدا كەسپىي بوكس سەھنىسىگە قەدەم قويغان، شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 24 ياش ئىدى.

    كەسپىي بوكس ساھەسىگە كىرگەندىن كېيىنكى گولوۋكىن ئىككىنچى تايسىندەك، ۋەھىمىيلىك ھۇجۇم كۈچى بىلەن ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلدى.

    لوساد، ماركلىن، مۇررى، جېلىر، لۇبىيو، لېمىئو قاتارلىقلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن گولوۋكىننىڭ تۆمۈر مۇشتىنىڭ زەربىسىدە مەغلۇب بولدى، ئۇ ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە رىقابەتچىسىنى «قىرغىن» قىلدى.

    ھازىرغا قەدەر، گولوۋكىن كەسپىي ھاياتىدا ئوينىغان 35 مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 32 مەيداندا رىقابەتچىسىنى KO (ئۆرۈۋەتكەن) قىلىپ، رىقابەتچىسىنى KO قىلىش نىسبىتى %91.43 كە يەتكەن.

    تا ھازىرغا قەدەر، گولوۋكىن بىلەن تولۇق بىر مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە ئېلىشالىغان ئۈچەيلەنلا بار، بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى 2009-يىلىدىن بۇرۇنقى ئىشلار، ئۇ ۋاقىتلاردا گولوۋكىن تېخى ئەمدىلا ئۆرلەش باسقۇچىدا بولۇپ، ھازىرقىدەك پىشىپ يېتىلمىگەنىدى. 

    2008-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ گولوۋكىن تەلۋىلەرچە بوكس ھاياتىنى باشلىۋەتتى، شۇندىن ئېتىبارەن ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇسابىقىلەردە 11 ئۇچرىشىشتا تولۇق ئېلىشىپ باقمىدى، ئۇ ھەر بىر رىقابەتچىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن يەر چىشلىتىپ كەلدى.

    تەڭداشسىز تۆمۈر مۇشت گولوۋكىننىڭ ئۇدا 22 مەيدان رەقىبىنى يەر چىشلىتىپ KO قىلىشى پۈتكۈل دۇنيا بوكس مەستانىلىرىنى زىل-زىلىگە سالدى.


    ئەكسىچە، گولوۋكىننىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىن سىرتىدىكى خاراكتېرى كەمتەر، يېقىشلىق بولۇپ، قارىماققا سەھنىدىكى ياۋۇزلىقى، تەلۋىلىكى، قەبىھلىكىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولمايتتى. بىراق بوكس سەھنىسىگە چىققان ھامان غەزەپلەنگەن شىر كەبى كۆزىدىن نەپرەت ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولاتتى.

    گولوۋكىننىڭ ئۇدا ھۇجۇمغا ئۆتۈش تېخنىكىسى ئالاھىدە ياخشى، رىقابەتچىسىنىڭ قوۋرۇغۇسى، ئېڭىكى، باش قىسمى تەبىئىيلا ئۇنىڭ نىشانىغا ئايلىنىدۇ، ئۈستىگە ئىلمە مۇش، ئۇدۇل ئىلمە مۇشت، كىچىك تولغىما مۇشت، ئۇدۇل مۇشت... ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىگە.

    ھەر قانچە زەربىدار رىقابەتچىسىمۇ ئۇنىڭ يالماۋۇزلارچە تىكىلىشىدىن ۋەھىمە ھېس قىلىدۇ. چۈنكى ھەر قېتىم شۇنداق تىكىلىشلەردىن كېيىنلا ئۇ تەلۋىلەرچە قارشى تەرەپلە تۆمۈردەك مۇشتلىرىنى ياغدۇرۇپ رەقىبىنى يەر چىشلىتىدۇ.

    زور دەرىجىدىكى زەربە كۈچى، ۋەيران قىلىش خاراكتېرىدىكى مۇشت ئېغىرلىقى، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىلەن مۇسابىقىلەشكەن ماھىرنىڭ ھېچبىرى ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىگە جەڭ ئېلان قىلىپ باققان ئەمەس.

    ئەمما ئاۋارىز گولوۋكىنغا ئىككىنچى قېتىم جەڭ ئېلان قىلالىغان تۇنجى كىشى ھېسابلاندى.

    مانا ئۇشبۇ دەرىجىدىكى كۈچلۈك بوكسچىنى كىشىلەر تەبىئىيلا ھازىرقى دەۋىردىكى تايسىن دەپ ئاتاشتى.

    گولوۋكىن ھازىرغا قەدەر WBC/WBA/IBF/IBO تۆت ئالتۇن كەمەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، WBC دىكى مېكسىكىلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى ئالۋارېزنى بېسىپ چۈشكەن.

    بىراق بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى غەلىبە قىلغۇچى بەلكىم ئالتۇن كەمەردىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن، چۈنكى ھېچكىم «بىرىنچى قاتىل» گولوۋكىن بىلەن ئېلىشىشنى خالىمايدۇ.

    WBO ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى ئەنگلىيەلىك ساندېرس گولوۋكىن بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقىلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنداق بولغاندا، 2016-يىلى يىل ئاخىرىدا گولوۋكىن ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر سەھنىسىنى بويسۇندۇرۇشى مۇمكىن.

    گولوۋكىن بولسا مايۋەزىر، پاككۈيئاۋ ئىككەيلەن چېكىنگەندىن كېيىنكى بوكس ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور بوكسچى. سۈرەتتە گولوۋكىن بىلەن پاككۈيئاۋ.

    2016-يىللىق دۇنيا بوكس شاھى مەرتىۋىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ WBA/IBF/IBO/WBC ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر ئالتۇن كەمىرىنى تالىشىش جېڭىدە، قازاقىستانلىق گولوۋكىن ئىككىنچى ئۇچرىشىشتىلا ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك بوكس ماھىرى ۋېدنى KO قىلىپ، ئۇدا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە گولوۋكىن ئالتە مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلغان.

    بۇ مەيدان 12 ئۇچرىشىشلىق دۇنيا بوكس شاھى ئالتۇن كەمىرىنى تالىشىش جېڭىدە، تۇنجى ئۇچرىشىشتا گولوۋكىن مۇسابىقە ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىۋالغانىدى، ئۇنىڭ ئالدى مۇشتى ئېغىر بولغانلىقتىن، كەينى مۇشتنى ئىشلەتمەيمۇ رەقىبىگە زور تەھدىت ئېلىپ كەلگەنىدى.

    ئۇنىڭ رەقىبى ۋېد بولسا خۇددىي قۇم خالتىسىدەك بېشىنى قۇچاقلاپ مۇشتتىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتاتتى، گولوۋكىن پۇرسەتنى پەملەپ تۇرۇپ گۇرۇپپا مۇشت ئارقىلىق ۋېدنىڭ قولىنى ئاجرىتىپ بىر تولغىما مۇشت بىلەن ۋېدنى ئۆرۈۋەتتى.

    رېپىر تېزدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ ساناق ساناشنى باشلىشىغا ۋېدنىڭ تەلىيىگە بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش ئاياغلىشىپ، ئۇ ئارام ئېلىش ۋاقتىغا ئېرىشتى.

    ئىككىنچى ئۇچرىشىش باشلىنىشى بىلەنلا گولوۋكىن ئېغىر مۇشتلىرىنى ۋېدقا ئارقىمۇ-ئارقىدىن يامغۇردەك تۆكۈۋەتتى، ۋېدنىڭ قايتۇرما زەربىسى چاققان بولمىغانلىقتىن، گولوۋكىن ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئۆرۈۋەتتى، رېپىر بۇ چاغدا يەنە بىر قېتىم ساناق ساناشنى باشلىدى.

    بۇ چاغدا ۋېدنىڭ كۆزلىرىدىن ھۇشىنى يوقىتايلا دەپ قالغانلىقى چىقىپ تۇرغاچقا، رېپىر ئۇنىڭدىن «داۋاملىق مۇسابىقىلىشىشنى خالامسەن؟» دەپ سوراشقا مەجبۇر بولدى، ۋېد مىڭ تەستە داۋاملىق مۇسابىقىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    گولوۋكىن يەنە بىر قېتىم بازغاندەك مۇشتلىرىنى ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىپ بىر ئىلمە مۇشتى بىلەن ۋېدنىڭ ئېڭىكىگە ئەجەللىك قويۇپ، ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئۆرۈۋەتتى.

    شۇنداق قىلىپ، گولوۋكىن ئىككىنچى ئۇچرىشىشتىن 2 مىنۇت 37 سىكۇنت ئۆتكەندە رەقىبىنى ئۆرۈپ غەلىبە قىلدى. سۈرەتتە گولوۋكىن مۇسابىقىدىن كېيىن ئالتۇن كەمىرىنى كۆرسەتمەكتە.

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن گولوۋكىننىڭ كەسپىي ھايات نەتىجىسى قورقۇنچلۇق بىر پەلللىگە يەتتى، يەنى 35 مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدە 32 مەيداندا رەقىبىنى KO قىلغانىدى. مۇھىمى گولوۋكىن 49 مەيدان مۇسابىنىڭ ھەممىسىدە يېڭىپ، 26 قېتىم رەقىبىنى KO قىلغان مايۋەزىرنىڭ «رەقىبىنى KO قىلىش نىسبىتى» دىن خېلىلا يۇقىرى ئىدى.

    ئەمەلىيەتتە مايۋەزىر پاككۈيئاۋ بىلەن بولغان «بوكس ئەسىر جېڭى» دىكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، گولوۋكىن مايۋەزىرگە جەڭ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق مايۋەزىر «گولوۋكىننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى شەرتى توشمايدۇ» دېگەننى باھانە قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن، مايۋەزىرنىڭ بۇ ئاساسسىز باھانىسىمۇ تاراتقۇ ۋە بوكس مەستانىلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان.

    ئەمەلىيەتتە گولوۋكىن بىلەن مايۋەزىر ئىككەيلەننىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ئوخشاشمايدۇ، مايۋەزىر يېنىك ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى، گولوۋكىن بولسا ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى، گەرچە گولوۋكىن مايۋەزىر ئۈچۈن 160 قاداقتىن 154 قاداققا ئېغىرلىق چۈشۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق مايۋەزىر تەرەپ يەنىلا جەڭنى قوبۇل قىلمىغان، چۈنكى نېمىلا بولمىسۇن، گولوۋكىن بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن زور جاسارەت كېتىدۇ.

    گولوۋكىن مايۋەزىرگە كۆپ قېتىم جەڭ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، مايۋەزىر قوبۇل قىلمىغان، ئۇ : «مەن گولوۋكىننى كۈچىمەيلا يېڭەلەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.


    گولوۋكىنمۇ دەررۇ جاۋاب قايتۇرۇپ : «ئۇنداق بولسا مەن بىلەن مۇسابىقىلەشسۇن قېنى، مەن مايۋەزىرنىڭ تىك-تاك توپ ئوينىغانغا ئوخشاش مۇسابىقە ئۇسلۇبىنى ياقتۇرمايمەن، مەن پەقەت KO قىلىش ئارقىلىقلا مەسىلىنى ھەل قىلىمەن» دېگەن.

    بىراق ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاللىبۇرۇن چېكىنگەن مايۋەزىرنىڭ گولوۋكىن بىلەن مۇسابىقىلىشىش مۇمكىنچىلىكى كىچىككەن، بىراق ھازىر گولوۋكىن WBC دۇنيا ئالتۇن كەمەر تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ مەجبۇرىي جەڭ ئېلان قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى، ئۇنىڭ ئالۋارېز بىلەن بولغان مۇسابىقىسىمۇ ئوخشاشلا بوكس ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ.

    گەرچە ھەر قايسى بوكسچىلار گولوۋكىننىڭ تەھدىت كۈچىدىن ۋەھىمىلىك ھېس قىلسىمۇ، بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تەڭداشسىز تۆمۈر مۇشت گولوۋكىننىڭ مۇسابىقە بېلىتىنى سېتىۋالىدىغانلار ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قالغان.

    يەنى ئۇنىڭ بايلىقى ئىزچىل تۈردە باشقا بوكسچىلارنىڭكىدەك شىددەت بىلەن ئۆرلىمىگەن، بۇ نۇقتىدا گولوۋكىن بىلەن توختاملاشقان تەشۋىقات شىركىتىنىڭ يۈزگۈزۈشى بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار ئەلۋەتتە.

    بولۇپمۇ گولوۋكىننىڭ داڭلىقلارغا خاس زوراۋانلىقىنىڭ كەمچىل بولۇشى، كىچىك پېئىللىقى بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا زىيان ئېلىپ كەلگەن. بۇنىڭغا مايۋەزىر تىپىك مىسال بولالايدۇ، مايۋەزىرنىڭ مۇسابىقە ئۇسلۇبى دېگەنكىدەك كەسكىن، نادىر بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ مۇسابىقە مەيدانىنىڭ سىرتىدىكى ئەكس تەسىرلىك تەسىر كۈچى تۈپەيلى مەيدانغا چىقىش باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن.

    ھازىرقى مەسىلە، 34 ياشقا كىرگەن گولوۋكىن ھازىر ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى ھەقىقىي تۈردە زورايتىدىغان چوڭ تىپتىكى كەسكىن مۇسابىقىگە موھتاج، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۇ مايۋەزىر، پاككۈيئاۋلارغا ئوخشاش ھەقىقىي تۈردە داڭق چىقىرالايدۇ.

    كىيىنكى سانىمىزدا مېكسىكىلىق دۇنياۋى بوكىس شاھى ئاۋارىز بىلەن گولوۋكېننىڭ تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى چۈشەندۈرۈلگەن مۇسابىقە تەھلىقى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلىدۇ.



    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك