• يالغۇزلۇقنىڭ تەسىرى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-10-11 01:46
  • يالغۇزلۇقنىڭ تەسىرى


    فىرانسىيە «لې فىگارو گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يالغۇزلۇق يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، بۇ نۇقتا ئەرلەردە كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىدىكەن.

      ئىجتىمائىي ئالاقە تەنھالىقى ئاجىز يۈرەكنى تېخىمۇ ئاسان زەخمىگە ئۇچرىتامدۇ؟ كوپېنھاگېن داشۆسى يۈرەك كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئىلمى دوكتورى ئاننى ۋىگارد كرىستېنسېن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي ئالاقە تەنھالىقىنىڭ ئەر ۋە ئاياللارغا بولغان تەسىرى ئوخشىمايدۇ. دوكتور ئاننى ۋىگارد كرىستېنسېننىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، دانىيەدىكى بىر يۈرەك كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ 2013-يىلى 4-ئايدىن 2014-يىلى 4-ئايغىچە ئومۇمىي قوبۇل قىلغان بىمار سانى 13 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ بىمارلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 65 ياش بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمى يۈرەك موسكۇل تىقىلمىسى سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا كىرگەن، ئۈچتىن بىر قىسىمى يۈرەك رىتىمسىزلىقى سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا كىرگەن، قالغانلىرى يۈرەك زەئىپلىشىش ياكى يۈرەك كىلاپانى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرگەن. بىمارلار ئىچىدە ئەر بىمارلار %70 تىن كۆپرەكنى ئىگىلىگەن. ئاننى ۋىگارد كرىستېنسېننىڭ يەنە بايقىشىچە، يالغۇز تۇرىدىغان ئەرلەرنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىپ بىر يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى باشقىلاردىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، يالغۇز تۇرىدىغان ئاياللاردا بۇنداق كۈتۈلمىگەن خەۋپ-خەتەر كۆرۈلمەيدىكەن.

      ئاننى ۋىگارد كرىستېنسېن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بەزى تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەر ئالدى بىلەن ئايالىنىڭ قوللىشىغا تېخىمۇ مايىل بولىدىكەن، ئەمما ئاياللار جورىسىدىن باشقا ئادەملەرنىڭ قوللىشىغا مايىل بولىدىكەن.

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك