• ئاسىيالىقلارنى كەمسىتكەن خارۋارد بۈگۈن جاۋابكارلىق ئورنىغا چىقتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-10-17 09:30
  • ئاسىيالىقلارنى كەمسىتكەن خارۋارد بۈگۈن جاۋابكارلىق ئورنىغا چىقتى

    شۇ جاي ۋاقتى 15-ئۆكتەبىر، «خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا ئاسىيا قان تىپىدىكىلەرنى كەمسىتكەنلىك» ئۈستىدىن بوستون فېدېراتسىيە رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلىپ، ئامېرىكىدىكى ئاسىيا قان تىپىدىكىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتى مۇھىم بىر جەڭنى كۈتۈۋالدى. گەرچە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ ئەيىبلەشنى ئىزچىل ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ دەۋا يۈزگە يېقىن ئاسىيا قان تىپىدىكىلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
    تۆت يىللىق شىكايەت: خارۋارد ئاسىيا قان تىپىدىكىلەرنى كەمسىتكەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرى جاۋابكارلىق ئورنىغا ئولتۇردى

    ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئاسىيا قان تىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى «قاتتىق تەلەپ» ئاستىدا قوبۇل قىلىدىغانلىقى تېمىسىدىكى چوقانلارنىڭ كۆتۈرۈلگىنىگە ئۇزۇن بولغان. بەزى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئېتنىكا جەھەتتىن كۆپ مەنبەلىشىش دېگەننى مەقسەت قىلىپ ئاسىيا قان تىپىدىكى مۇنەۋۋەر ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى «تەڭپۇڭلاشتۇرۇۋەتكەن»لىكى كۆرسىتىلىپ، ئاسىيا قان تىپىدىكىلەرنىڭ كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ساداسى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ كەلگەنىدى. بۇ قېتىم بۇ دېلونىڭ ئاخىرقى سوت نەتىجىسى قانداق بولىدىغانلىقى، ھەم ئۇنىڭ ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنى ئېتنىكا بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىدە قايسى يۆنىلىشكە يېتەكلەيدىغانلىقى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.



    «خارۋارد ئاسىيا قان تىپىدىكى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى كەمسىتتى» دېگەن بۇ دەۋا 2014-يىلى باشلانغان. بۇ دەۋادا، پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئادىل قوبۇل قىلىش» سۇپىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۈزۈم جەھەتتىن ئاسىيا قان تىپىدىكى ئامېرىكىلىقلارنى كەمسىتتى دەپ ئەيىبلىگەن.
    «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئادىل قوبۇل قىلىش» تەشكىلاتى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا ئاق تەنلىك، ئافرىقا قان تىپىدىكى ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قان تىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا مايىللىشىپ، ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى، شەرتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاسىيا قان تىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى رەت قىلدى، ئىرق ئاساسىدىكى بۇنداق قوبۇل قىلىش سىياسىتى پۇقرالار ھوقۇقى قانۇنىغا خىلاپ، دەپ قارىغان.


    ئۆتكەن تۆت يىل ئىچىدە، مەزكۇر دېلونى قاراپ چىقىشقا مەسئۇل بولغان بوستون فېدېراتسىيە رايونلۇق سوت مەھكىمىسى كۆپ قېتىم ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچقان. بۇ يىل 6-ئايدا، ئىسپات توپلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ سوت مەھكىمىسىدىن دېلو ئۈستىدىن سوت ئېچىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ دەۋادا ئۇتقانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، ئىككىلا تەرەپنىڭ تەلىپى ئاخىرى رەت قىلىنىپ، 10-ئاينىڭ 15-كۈنى دېلو ئۈستىدىن سوت ئېچىش بېكىتىلگەن.
    دەۋاگەر ۋە جاۋابكارنىڭ كۆرسەتكەن ئىسپاتلىرى خېلىلا پەرقلىق


    بۇ دوكلاتتا يەنە، بۇنداق ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىگە 2013-يىلىلا ئايان ئىدى، دېيىلگەن. مەكتەپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەلۇم بىر دوكلاتتا، ناۋادا نورمال باھا بېرىلسە، ئاسىيا قان تىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى نىسبىتى %26گە يىتىدۇ، ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك %19 بولمايدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەمما، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ دوكلاتنى «جىمىقتۇرۇۋەتكەن».

    «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئادىل قوبۇل قىلىش» تەشكىلاتى دوكلاتىنى ئاشكارىلىغان شۇ كۈنى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ بىر دوكلاتىنى ئاشكارىلىغان. بۇ دوكلاتقا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارمۇ 2010-يىلدىن 2015-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىش ئىلتىماسى ۋە قوبۇل قىلىش ماتېرىياللىرى بولۇپ، ئەمما چىقىرىلغان خۇلاسە ئەسلا ئوخشاش بولمىغان. يەنى بۇ دوكلاتتا، ئوقۇغۇچىنىڭ ئاسىيا قان تىپىدىن بولۇش ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ قوبۇل قىلىنىشقا تەسىر يەتكۈزۈشى « سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا نۆل دېيەرلىك» دېيىلگەن.
    ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى شىكايەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

    خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا قان تىپىدىكىلەرنى كەمسىتكەنلىك دېلوسى باشلىنىپ ھازىرغا قەدەر، ئاسىيا قان تىپىدىكىلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلىرى بۇ دېلونى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئاسىيا قان تىپىدىكىلەر مائارىپ بىرلەشمىسى (AACE) يېقىندا بىرلەشمە ئىمزا قويۇش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، فېدېراتسىيە سودىيەسىگە ئاسىيا قان تىپىدىكىلەرنىڭ شىكايەتنى قوللاش ساداسىنى ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغان. 82 دەك ئاسىيا قان تىپىدىكىلەر تەشكىلاتى بۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان.


    ئاسىيا قان تىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «كەمسىتكەن»لىكى ئۈستىدىن دەۋا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى بۇ ئىشقا نىسبەتەن، تىرامپ ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم بۇ دەۋاغا ئارىلاشقان.
    بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى سوت مەھكىمىسىگە بايانات تاپشۇرۇپ، «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئادىل قوبۇل قىلىش» تەشكىلاتىنى ۋەكىل قىلغان ئاسىيا قان تىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە سوت مەھكىمىسىنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كەمسىتكەنلىكى ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئەرزنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلۇشقا چاقىرغان.

    ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تىغ ئۇچىنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا چېتىلىدىغان «خۇسۇسىي باھا»، جۈملىدىن «ئوماقلىق دەرىجىسى»، «ئادىمىي ساپاسى» قاتارلىق باھالاش تۈرلىرىگە قارىتىپ، بۇنداق باھالاش سىستېمىسىنىڭ سۇبيېكتىپچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، «ئاسىيا قان تىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ، بەلكىم ئىرقىي بىرتەرەپلىمىلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ بېكىتكەن.


    ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەيىبلىشى ئالدىدا، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كەمسىتىش قىلمىشىنى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلىپ، ھەرقانداق بىر توپتىن كەلگەن ھەرقانداق بىر ئىلتىماس قىلغۇچىنى كەمسىتمىدۇق، ھەر بىر ئىنستىتۇت ۋە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى داۋاملىق قوغدايمىز، يەنى ئىرقنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئويلىنىشقا تېگىشلىك تۈرلۈك ئامىللارنىڭ بىرى قىلىمىز، دېگەن.
    «ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش سىياسىتى» «ئەكسىچە كەمسىتىش»نى كەلتۈرۈپ چىقارغان


    بۇ بىر قاتار ئىشلارغا نەزەر سالساق، تېگىگە يوشۇرۇنغان يادرولۇق تالاش-تارتىش دەل ئامېرىكىنىڭ خارۋارد قاتارلىق داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا «ئىرق بويىچە تەقسىملەش» ئۆلچىمىگە بىنائەن، ھەر يىلى قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاق تەنلىك، ئافرىقا قان تىپىدىكى، لاتىن ئامېرىكىسى قان تىپىدىكى ۋە ئاسىيا قان تىپىدىكى ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى ئىچىدە تىزگىنلەپ قوبۇل قىلدىمۇ-يوق دېگەندىن ئىبارەت.


    «ئىرق بويىچە تەقسىملەش» ئامېرىكىدا ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش قانۇن لايىھەسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. بۇ قانۇن لايىھەسى ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يېتەكچى پىكىرىگە كېڭەيتىلىپ، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا يالغۇز نەتىجىگىلا قارىماي، بولۇپمۇ «ئىرق»نى ئويلىشىشقا، شۇ ئارقىلىق مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى تەركىبىنى تېخىمۇ «كۆپ مەنبەلىكلەشتۈرۈش»كە رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
    ئەنە شۇنداق يېتەكچى پىكىر ئارقىسىدا، بەزى ئالىي مەكتەپلەر غەرەزلىك كۆپ مەنبەلىكلىشىپ، ئافرىقا قان تىپتىكى ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قان تىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا «تەلەپنى تۆۋەنلەتكەن»، بۇ قىلمىش ئاسىيا قان تىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا «تەتۈر يۆنىلىشلىك كەمسىتىش» ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى تېرە رەڭگى سەۋەبلىك ئاسانلا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىشىكى سىرتىدا قېلىشقا دۇچار قىلغان.
    ئارزۇ يولىدا ھەممەيلەن باراۋەر، ھوقۇقنى قوغداش يولى توسالغۇلۇق ھەم ئۇزۇن

    بۇ يىل 7-ئايدا، تىرامپ ھۆكۈمىتى ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا دائىر بۇ «ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش ھەرىكىتى» يېتەكچى پىكىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇ ئىش ئاسىيا قان تىپىدىكىلەر جەمئىيىتىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.


    ئاسىيا قان تىپتىكى ئامېرىكىلىقلار تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاسىيا قان تىپىدىكىلەر ئادەم سانى ئەڭ ئاز، سىياسىي تەسىرى ئەڭ ئاجىز ئېتنىك توپلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەدلىيە يولى ئارقىلىق ئادىل، قانۇنلۇق مۇئامىلىگە ئېرىشىشنى، پەرزەنتلىرىنى «ئامېرىكا ئارزۇسى»نى قوغلىشىشتەك باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
    ئاسىيا قان تىپىدىكى بىر ئامېرىكىلىق زات مۇنداق كۆرسەتكەن، ئاسىيا قان تىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادىلسىزلىققا ئۇچرىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئاسىيا قان تىپىدىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى سۆز ھوقۇقىنىڭ نىسبەتەن ئاجىزلىقى، سىياسىيغا قاتنىشىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقىدا. ئاساسىي ئېقىمدىكى جەمئىيەتتە ئۆز سادايىمىزنى ياڭرىتىش ئۈچۈن، پۈتكۈل ئاسىيا قان تىپتىكىلەر توپىنىڭ كۈچىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
    يەنە بەزىلەر مۇنداق قارىغان، بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىش ئۇسۇلىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئاساسىي ئېقىم جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا قان تىپىدىكىلەرگە بولغان ئۆلۈك تەسىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك، بۇمۇ بىر چىقىش يولى.

    مەنبەسى :جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك