• يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ جەسىتى بېيجىڭدا ئۇزىتىلدى(视频)

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-10-18 11:44
  • يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ جەسىتى بېيجىڭدا ئۇزىتىلدى(视频)

    جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق دۆلەت كومىسسارى، 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ جەسىتى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا ئۇزىتىلدى.

    يولداش ئىسمايىل ئەھمەد كېسەل سەۋەبىدىن 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 11دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە 84 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولدى. 


    يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، ﻟﻰ ﻛﯧﭽﻴﺎڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

    10-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى زالىدا ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. زالنىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە «يولداش ئىسمائىل ئەھمەدكە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات، ئاستىغا يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ سۈرىتى ئېسىلغان ئىدى. يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ جەسىتى گۈل-چېچەكلەر ۋە ئارچا ئارىسىغا قويۇلغان، ئۈستىگە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغان ئىدى. 


    چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىملاردا، شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەملەر بىلەن يولداش ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى، يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ جەسىتىگە ئۈچ تازىم قىلدى ھەمدە ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ھال سورىدى. 
    پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرىمۇ باباۋشەنگە بېرىپ ئۇنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالاشتى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئۇنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالاشتى.

    مەنبەسى :ئۇيغۇرچە رادىيو تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك